ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ پۇتىن بىلەن تەبىئىي گاز يەتكۈزۈشكە گۇۋاھ بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-12-03 09:45

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن ۋىدىيودا كۆرۈشۈپ، جۇڭگو-رۇسىيە شەرقىي لىنىيە تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈپ گاز يەتكۈزۈش مۇراسىمىغا بىرلىكتە گۇۋاھ بولدى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ مۇراسىمغا قاتناشتى.

شى جىنپىڭ ۋىدىيو ئارقىلىق، سوچىدىكى پۇتىن بىلەن ئۆز ئارا ئەھۋاللاشتى.

شى جىنپىڭ تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈپ گاز يەتكۈزۈلگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئىككى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشچىلىرىغا چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شەرقىي لىنىيە تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى-جۇڭگو-رۇسىيە ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك تۈرى شۇنداقلا ئىككى تەرەپنىڭ چوڭقۇر ئالاقە باغلاش، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشىنىڭ ئۈلگىسى. 2014-يىلى، مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ تۈر ھەمكارلىق ھۆججىتىنى ئىمزالىشىغا گۇۋاھ بولغان. بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشقا قاتناشقان ئورۇنلىرى زىچ ھەمكارلاشتى، قۇرۇلۇشچىلار قەھرىتان سوغۇقلاردا ئىشلەپ، تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى سۈپەتتە ئورۇنلاپ، دۇنياغا چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنىڭ كامالەتكە يەتكەن تېخنىكىسىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگو-رۇسىيە ھەمكارلىقىنىڭ مول نەتىجىسىنى گەۋدىلەندۈردى. ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈپ گاز يەتكۈزۈش-ھەم مۇھىم باسقۇچلۇق نەتىجە، تېخىمۇ مۇھىمى يېڭى ھەمكارلىقنىڭ باشلانمىسى. ئىككى تەرەپ بىخەتەر تۇرۇبا، يېشىل تۇرۇبا، تەرەققىيات تۇرۇبىسى، دوستلۇق تۇرۇبىسى بەرپا قىلىپ، تۇرۇبا قۇرۇلۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشنىڭ بىخەتەرلىكى، ئىشەنچلىكلىكىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، تۇرۇبا بويىدىكى رايونلار ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل-جۇڭگو-رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى بىرلىكتە جاكارلاپ، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى داۋاملىق ئۆز دىپلوماتىيەلىرىمىزنىڭ ئالدىنقى نىشانى قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى بىرلىكتە قارار قىلدۇق. نۆۋەتتە، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە تۇرماقتا، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتى يېڭى دەۋرگە كىردى. مەن ئىككى تەرەپنىڭ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، شەرقىي لىنىيە تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىغا ئوخشاش كوزىر تۈرلەرنى تېخىمۇ كۆپلەپ بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۈچ قوشۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

پۇتىن مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەۋاتقان پەيتتە، رۇسىيە-جۇڭگو شەرقىي لىنىيە تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىپ گاز يەتكۈزۈشى زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى يېڭى يۈكسەكلىككە يەتكۈزىدۇ. 2014-يىلى، مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بۇ تۈرنىڭ ھەمكارلىق ھۆججىتىنى ئىمزالاشقا بىرلىكتە گۇۋاھ بولغاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ كوللېكتىپى ناچار ھاۋا رايىدا جاپالىق ئىشلەپ، قۇرۇلۇشنى ئۆز قەرەلىدە پۈتتۈردى، كەلگۈسى 30 يىلدا رۇسىيە جۇڭگونى بىر تىرىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ-مەن بىلەن رەئىس شى جىنپىڭ ھاسىل قىلغان 2024-يىلى رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسىنى 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈش ھەققىدىكى ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پايدىلىق. رۇسىيە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە تېرىشىپ، بۇ بەلگە خاراكتېرلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق تۈرنى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدۇ.
جۇڭگو-رۇسىيە ۋەكىللىرى خېيخې، ئاتامانسكايا، چايانكىندىن ئىبارەت تۇرۇبا بويىدىكى ئۈچ پونكىتتا ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىغا «رۇسىيە جۇڭگونى گاز بىلەن تەمىنلەشكە تەييار بولدى، جۇڭگو گازنى قوبۇل قىلىشقا تەييار بولدى» دەپ دوكلات قىلدى.
پۇتىن «گاز بىلەن تەمىنلەنسۇن» دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى.

شى جىنپىڭ «گاز قوبۇل قىلىنسۇن» دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى.

پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ياڭرىدى.

ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

جۇڭگو-رۇسىيە شەرقىي لىنىيە تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى رۇسىيەنىڭ شەرقىي سىبىرىيەدىن باشلىنىپ، بۇلاگىۋېشىنىسكىدىن ئېلىمىز خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خېيخېغا كىرىدۇ. رۇسىيە تەۋەسىدىكى تۇرۇبىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى ئۈچ مىڭ كىلومېتىر، ئېلىمىز تەۋەسىدىكى بۆلەكتە يېڭىدىن ياسالغان تۇرۇبا 3371 كىلومېتىر، يەنە ياسىلىپ ئىشلىتىلىۋاتقان تۇرۇبا 1740 كىلومېتىر كېلىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ پۇتىن بىلەن تەبىئىي گاز يەتكۈزۈشكە گۇۋاھ بولدى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن ۋىدىيودا كۆرۈشۈپ، جۇڭگو-رۇسىيە شەرقىي لىنىيە تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈپ گاز يەتكۈزۈش مۇراسىمىغا بىرلىكتە گۇۋاھ بولدى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ مۇراسىمغا قاتناشتى.