ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ ئومان سۇلتانى قابۇسنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئوماننىڭ يېڭى سۇلتانى ھاسامغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-13 16:50

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 12-كۈنى ئومان سۇلتانى قابۇسنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئوماننىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن سۇلتانى ھاسامغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى. شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەمدە ئۆز نامىدىن سۇلتان قابۇسنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقى، سۇلتان قابۇسنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە ئومان خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سۇلتان قابۇس ئوماننىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، ئوماننىڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئوتتۇرا-شەرق ۋە پارس قولتۇقى رايونىنىڭ تىنچلىقى مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، ئومان خەلقىنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئىززىتىگە چوڭقۇر ئېرىشكەن. سۇلتان قابۇس جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى، جۇڭگو بىلەن ئوماننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىجابىي تۆھپە قوشقان. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى جۇڭگو بىلەن ئوماننىڭ دوستلۇقىنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ. مەن ئىككى تەرەپنىڭ تەڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا جۇڭگو بىلەن ئوماننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ جەزمەن يېڭىدىن راۋاجلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ ئومان سۇلتانى قابۇسنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئوماننىڭ يېڭى سۇلتانى ھاسامغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 12-كۈنى ئومان سۇلتانى قابۇسنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئوماننىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن سۇلتانى ھاسامغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى.