ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ پۈتۈن ئارمىيەدىكى پېشقەدەم يولداشلارنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-14 09:43

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى پېشقەدەم كادىرلاردىن ھال سوراش چاغانلىق ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ يەردە ئولتۇرغان ئارمىيەدىكى پېشقەدەم يولداشلار ۋە پۈتۈن ئارمىيەدىكى دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم كادىرلاردىن چاغانلىق ھال سورىدى ۋە بەخت تىلىدى.

يېڭى جۇڭگوغا مەدھىيە ئوقۇپ، يېڭى دەۋردە كۈرەش قىلايلى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، يېڭى جۇڭگونى قۇرۇش، قوغداش، يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى پېشقەدەم كادىرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، چاغاننى خۇشال-خۇرام كۈتۈۋالدى.

چۈشتىن كېيىن سائەت 4 لەردە، شى جىنپىڭ پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئارىسىغا كەلدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ياڭرىدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى، ئۆتكەن بىر يىلدا پارتىيە، دۆلەت، ئارمىيە ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور نەتىجىلەرنى بىرلىكتە ئەسلەپ ئۆتتى. پېشقەدەم يولداشلار بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ئارمىيە قۇرۇش، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، پەن -تېخنىكا ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ 2020-يىللىق نىشان-ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇمىز.

ئويۇندا «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما قىلىندى، كىرىش سۆز، خاتىمە ۋە «ئارمىيە روھى مەڭگۈ تاۋلىنىدۇ»، «خەلققە مۇھەببەت باغلاش»، «بىر غېرىچ يەرنىمۇ قولدىن بەرمەيمىز»، «ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىش»، «قان تومۇرى بىر تۇتاش»، «تەنتەنىلىك ۋەدە»، «مىللەتنى گۈللەندۈرۈش» قاتارلىق يەتتە گۇرۇپپا نومۇردىن تەركىب تاپقان، ئۇنىۋېرسال ناخشا، ئۇسسۇل، كۆرۈنۈشلۈك دىيالوگ، كىنو-تېلېۋىزىيە پارچىسى قاتارلىق كۆپ خىل سەنئەت ۋاسىتىلىرىدا پارتىيەمىز ۋە ئارمىيەمىزنىڭ ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇش بىلەن يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قىياپىتى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەن. قىزغىن ئويۇن ۋە «چاغان ئۆتكۈزۈش-مەن ۋە ۋەتىنىم» ناملىق ئۇسسۇل بىلەن ئويۇننىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى. «خەلق ئارمىيەسى پارتىيەگە سادىق»، «بىز گۇتيەندىن يەنە يولغا چىقايلى» دېگەن ناخشىلاردا خەلق ئارمىيەسىنىڭ پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇش، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇشتەك قەتئىي ئېتىقادى ئىپادىلەندى. «قىزىل ئارمىيە ئاكا خوش ئەمسە» دېگەن كىلاسسىك ناخشا ۋە «جاسارەت» دېگەن يېڭى ناخشىدا خەلق پەرزەنت ئەسكەرلىرى بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ ھايات-ماماتتا بىر-بىرىگە تايىنىدىغان سۇ بىلەن بېلىقتەك چوڭقۇر مۇھەببىتى، ئىلغار قەھرىمان نەمۇنىچىلارنىڭ ئىنقىلابىي جاسارىتىنى مەڭگۈ ساقلاشتەك ئالىيجاناب روھى ئىپادىلەندى. «ۋەتەننىڭ دېڭىز-ئوكيانلىرىدا»، «مەن ھاياتىم بىلەن سىزنى قوغدايمەن» دېگەن ناخشىلاردا ئۈچ ئارمىيەدىكى كوماندىر-جەڭچىلەرنىڭ ۋەتەننى قوغداش، بىر غېرىچ يەرنىمۇ قولدىن بەرمەسلىكتەك جاراڭلىق قەسىمى نامايان قىلىندى. «جۇڭگو خەلق پىدائىيلار ئارمىيەسىنىڭ جەڭ ناخشىسى-بىز تەڭداشسىز ئالەم بۈركۈتى»، «بىز ياخشى تەييارلىنىپ بولدۇق» ناملىق جەڭگىۋار ناخشىلاردا قىزىل قان تومۇرغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا غەلىبە قىلىشتەك كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى نامايەن قىلىندى. «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇمايمىز»، «پولات ياچېيكىدىكى قەھرىمان ئەسكەر» دېگەن ناخشىلاردا، ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، باش مەقسەتنىڭ خاراكتېرىنى مەڭگۈ ساقلاشتىن ئىبارەت يېڭى ئىستىل، يېڭى قىياپەت ئەكس ئەتتۈرۈلدى. «يېشىل تېغىم، سۈزۈك سۈيۈم»، «تەنتەنىلىك ۋەدە» قاتارلىق ناخشىلاردا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا غەلىبە قىلىشنىڭ جانلىق كارتىنىسى قايتا نامايەن قىلىندى. «يېڭى زېمىن»، «تىنچلىق ئوتى»دېگەن ناخشىلار ۋە «كۆزدىن كەچۈرۈڭ» دېگەن ئارىلاشما ئاۋازلىق خوردا ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئەمەلگە ئاشۇرۇشتەك ھەيۋەتلىك مەنزىرە نامايەن قىلىندى. ئويۇن «جۇڭگو يولى» ناملىق خور ساداسى ئىچىدە ئاياغلىشىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتەك ئۇلۇغۋار ئىرادىسى ئىپادىلەندى.
شۈ چىلياڭ، جاڭ يۇشيا، ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىنلار بىرلىكتە ئويۇن كۆردى.

ئويۇننى يەنە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئورگىنىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق چوڭ ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى كۆردى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ پۈتۈن ئارمىيەدىكى پېشقەدەم يولداشلارنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى

مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى پېشقەدەم كادىرلاردىن ھال سوراش چاغانلىق ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.