ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-14 10:05

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى باشتىن-ئاخىر قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەت سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشكە بولغان چەكلىمە ۋە نازارەتنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ ئىزچىل ئەمەلىيلىشىشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز مىسلىسىز جاسارەت ۋە ئىرادە بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا تارىخىي، ئىجادىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەتراپلىق، چوڭقۇر قاتلاملىق تەسىرنى شەكىللەندۈردۇق. بىز ئۇلۇغ ئۆزى ئۈستىدىن ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تۈزۈم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر قىسىم ساھەلەردىكى پارتىيە رەھبەرلىكى ئاجىز بولۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشى يېتەرسىز بولۇش، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش كۈچلۈك بولماسلىق ئەھۋالىنى قەتئىي ئۆزگەرتىپ، پارتىيەنى باشتىن-ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ مۇستەھكەم رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلاندۇردۇق. بىز ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى يېتەكلەش غايە-ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، خەلقنى تەربىيەلەش، خىزمەتكە يېتەكچىلىك قىلىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش تەلىم-تەربىيەسىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، دائىملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش غايە-ئېتىقادىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتتۇق. بىز «ئىككىنى قوغداش» ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى ئىتتىپاقلىق، بىرلىككە يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداشنىڭ تۈرلۈك تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىر تۇتاش ئىرادە ۋە ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى قوغداپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئىدىيەۋى يېتەكلەش كۈچى، ئاممىنى تەشكىللەش كۈچى، ئىجتىمائىي چاقىرىق كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق. بىز ئىستىلنى تۈزىتىپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا، پارتىيە، ئارمىيە، خەلقنىڭ قەلبىنى مۇجەسسەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىكنى قەتئىي جازالاپ، ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي تۈزىتىپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان پاسسىپ ئامىللارنى قەتئىي تازىلاپ، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، خەلققە تايىنىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ تۈرلۈك تۈزۈملىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلقنى باشتىن-ئاخىر جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ مۇستەھكەم كۈچى قىلدۇق.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز ئۇزۇن مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شارائىتىدا ئۆز مەسىلىمىزنى ھەل قىلىش، تارىخنىڭ دەۋرىيلىكىدىن ھالقىپ چىقىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەت يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بىر يۈرۈش ئۈنۈملۈك، ياراملىق ھوقۇقنى نازارەت قىلىش تۈزۈمى ۋە ئىنتىزام، قانۇن ئىجراسى سىستېمىسىنى ئورناتتۇق، بۇ يول، بۇ يۈرۈشلۈك تۈزۈمدە ئۇزۇن مۇددەت چىڭ تۇرۇش ھەم ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش، راۋاجلاندۇرۇش شەرت. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىرىلدى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە سېپى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىي نازارەت ئارقىلىق تۈزۈم ئىجراسىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، «ئىككىنى قوغداش»تىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقنى ئۆستۈرۈش؛ پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا بولغان نازارەت، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىگە تىرەك بولىدىغان تۈپ تۈزۈم، ئاساسىي تۈزۈم، مۇھىم تۈزۈملەردە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەش؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش؛ بولۇپمۇ بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋەزىپىسىگە بولغان نازارەتنى كۈچەيتىشكە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تېزدىن جەڭگە ئاتلىنىش، ئىشنى ياخشى قىلىپ نەتىجە قازىنىشىغا تۈرتكە بولۇش؛ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە نازارىتى قۇرۇق، ئاجىز بولۇش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، مەسئۇل بولۇش، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى ھەر بىر پارتىيە تەشكىلاتى، ھەر بىر خىزمەت ئورنىدا گەۋدىلەندۈرۈش؛ ھوقۇقنىڭ توغرا يولدا يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، تەدبىر بەلگىلەش ئىلمىي، ئىجراسى قەتئىي، نازارىتى كۈچلۈك بولغان ھوقۇق يۈرگۈزۈش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھوقۇقنى ئادىل ئىشلىتىش، ھوقۇقنى قانۇن بويىچە ئىشلىتىش، ھوقۇقنى پاك ئىشلىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەلقنى مەركەز قىلغان خىزمەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېسىل ئىستىل بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش؛ ئېنىق بولغان تۈزۈم يۆنىلىشى ئارقىلىق، كادىرلارنىڭ ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلەش ئۇسۇللىرىنى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ ئاسارىتى، بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل، پاك-دۇرۇس بولغان يېڭى ئىستىل، دۇرۇس كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈش؛ زور خىزمەت، زور كۈرەشلەرنىڭ 1-سېپىدە كادىرلارنى يېتىشتۈرۈپ، كادىرلارنى تاۋلاپ، ياخشى كادىرلارنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش؛ نامرات رايونلاردىكى ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەركەزلىك ياخشى ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەريانىدىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى دەل جايىدا تۈزەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى، بولۇپمۇ نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش ئەھۋالىغا بولغان نازارەتنى كۈچەيتىش؛ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئۇششاق چىرىكلىك، قارا جەمئىيەت، رەزىل كۈچلەرنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىدىغان، قانات ئاستىغا ئالىدىغان مۇھاپىزەت كۈنلۈكلىرى، ئەلنەپ سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان توسالغۇلارنى چوڭقۇر تۈزەپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «يولۋاس»، «چىۋىن»لەرگە بىرلىكتە زەربە بېرىشتە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىنى تارتمايدىغان، قولىنى يىغىۋالمايدىغان ئىنتىزام، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. بىز چىرىش بىلەن چىرىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ كەسكىنلىكى، مۇرەككەپلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىكى، مۈشكۈللۈكىنى تونۇپ يېتىپ، خېيىم-خەتەردىن ساقلىنىش ئېڭىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، چىرىكلىكنى تۈزەش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىمىز لازىم. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئۆزىنى تارتماي، قولىنى يىغىۋالماي، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ ئىزچىل ئىجرا قىلىنىشىغا ئېغىر توسقۇنلۇق قىلغان، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇلىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى كەسكىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، قاتتىق جازالاش؛ تۈرلۈك خېيىم-خەتەرلەرنىڭ ئارقىسىدىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، دۆلەت بايلىقى، دۆلەت مۈلۈكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يەرلىكنىڭ قەرز خېيىم-خەتىرىگە يوشۇرۇنغان چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش؛ داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى ئىچى بىلەن تېشى تىل بىرىكتۈرۈپ ئالدامچىلىق قىلىش، سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قىلمىشىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە كۈچەيتىش؛ چېگرا سىرتىدىكى دۆلەت مۈلۈكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىرادىنى ساقلاپ، قىلچە يول قويماي، كونا مەسىلىلەرنىڭ قايتا يامرىشى، يېڭى مەسىلىلەرنىڭ بىخلىنىشى، كىچىك مەسىلىلەرنىڭ زورىيىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش؛ ھەر دەرىجىلىك بىرىنچى قول باشلىقلارنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ۋەزىپىگە تەيىنلەشتە ئۆزىنى چەتكە ئېلىش، خىزمەت ئورنىنى قەرەللىك ئالماشتۇرۇش، ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندا ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەنقىد ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىش قورالىنى ياخشى ئىشلىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلالماسلىق، چىرىكلەشمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدە قىلىپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلالماسلىق، چىرىكلەشمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدە قىلىپ ئىلگىرى سۈرۈش ــ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ تۈپ فاڭجېنى بولۇپلا قالماي يەنە يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم تەدبىرى، چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلالماسلىق، چىرىكلەشمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىق ئۆزئارا بىر-بىرىگە تايىنىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان، ئۆزئارا بىر بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئورگانىك گەۋدە، ئۇنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئومۇمىي ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش كېرەك. قاتتىق ئىنتىزام ئىجراسى، قانۇن ئىجراسى ئارقىلىق تۈزۈمنىڭ قاتتىقلىقىنى كۈچەيتىش، ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىدىغان تۈزۈم سستېمىسى، قاتتىق ئۈنۈملۈك نازارەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، غايە ئېتىقاد تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەۋىلىك ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش ئىدىيە ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ھەم قاتتىق بولۇشنىڭ ئاساسى رىتىمىدە ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇش ھەم ئۈچنى ئايرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ماھىر بولۇش، ھەم ئەل رايىغا ئۇيغۇنلىشىش، ھەم كادىرلارنى مەسئۇلىيىتىنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، تۆت خىل ھالەت تەمىنلىگەن سىياسەت تاكتىكىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىپ، ھەل قىلىش، نازارەتنى كۈچەيتىپ يەنە مەسىلە كېلىپ چىقىشنى توسۇش ئارقىلىق سىياسىي ئۈنۈم، ئىنتىزام قانۇن ئۈنۈمى، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش لازىم، تۈزۈم، سىستېمىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت سىستېمىسىنى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى بىلەن ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىغا سىڭدۈرۈپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇش لازىم، پارتكوم(پارتگۇرۇپپا) ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىش، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رېۋىزىيە كومىتېتى مەخسۇس مەسئۇل بولۇپ نازارەت قىلىش، پارتىيە خىزمىتى تارماقلىرى فۇنكسىيەلىك نازارەت قىلىش، پارتىيەنىڭ ئاساسى قاتلام تەشكىلاتى كۈندىلىك نازارەت قىلىش، پارتىيە ئەزالىرى دېموكراتىك نازارەت قىلىش قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى يېتەكچى قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى نازارىتى، دېموكراتىك نازارەت، مەمۇرىي نازارەت، ئەدلىيە نازارىتى، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارىتى، مالىيە بوغالتىرلىق نازارىتى، ئىستاتىستىكا نازارىتى، ئامما نازارىتى، جامائەت پىكرى نازارىتىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رېۋىزىيە كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەت سىستېمىسىدىكى رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قاتتىق، ئېنىق ئىنتىزامنى قوغداش تۈزۈمى ئارقىلىق، ئىنتىزامنىڭ چەكلەش كۈچى ۋە تۈزۈمنى ئىجرا قىلىش كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك، تولۇق قاپلانغان تۈزۈم ئىجراسى نازارەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۈندىلىك نازارەت ۋە مەخسۇس تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، تۈزۈم ئىجراسى ئەھۋالىنى باھالاش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، كادىرلارنىڭ تۈزۈم بويىچە مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئادا قىلىشىغا، تۈزۈم ئارقىلىق ئىشلارنى پىلانلاپ قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، مەسئۇلىيىتىنى ئۈنۈملۈك سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق تۈزۈم ئىجراسىنى كۈچەيتىش، ھەم ھوقۇقىدىن كەلسە كەلمەس پايدىلىنىشتەك مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلمىشىنى سۈرۈشتۈرۈش، ھەم ھوقۇقىنى ئىشلەتمەسلىك، ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشتەك ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماسلىق قىلمىشىنى سۈرۈشتۈرۈش ھەم بىۋاسىتە مەسئۇلىيەتنى ھەم ئالاقىدار رەھبەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تۈزۈم نوپۇزىنى قوغداپ، تۈزۈم ئىجراسىغا كاپالەتلىك قىلىش ــ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى باشلامچىلىق بىلەن پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، كۈرەش قىلىشقا ماھىر جەڭچىلەردىن بولۇشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش خىزمىتى قائىدىسىنى چىقىرىپ، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش خىزمىتى بەلگىلىمىسىنى تەستىقلىشى ــ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئۈچۈن تۈزۈم تۈزۈپ، قائىدە چىقىرىپ بېرىش بولۇپ، ئۇنى تولۇق ئىجرا قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىغا بولغان رەھبەرلىك ۋە نازارەتنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام، قانۇن ئىجراسى ھوقۇقىنىڭ نازارەتنى، چەكلىمىنى قوبۇل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئۆز ئۆزىنى نازارەت قىلىشنى، ئۆز ئۆزىنى چەكلەشنى كۈچەيتىشتە ئۈلگە بولۇپ، قانۇنچىللىق ئېڭى، تەرتىپ ئېڭى، ئىسپات ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قانۇن چېكى، قائىدە، تەرتىپ بويىچە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە تېخىمۇ كۈچ سەرىپ قىلىپ، كادىرلارنى قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قىلىشى كېرەك.

جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە ئىككى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى تارىخىي نەتىجىلەرنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، پارتىيەمىزنىڭ ئۆزى ئۈستىدىن ئىنقىلاب قىلىش مۇۋەپپەقىيەت يولى، ئۈنۈملۈك تۈزۈمىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىشتا چوقۇم نېمىدە چىڭ تۇرۇش، نېمىنى مۇستەھكەملەش، نېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك؟ دېگەن زور مەسىلىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇردى. سۆزنىڭ قاتلىمى يۇقىرى، ئومۇمىيەت بىرتۇتاش پىلانلانغان، ئىدىيەسى، مەزمۇنى چوڭقۇر بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا زور يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، تۆت ئاڭنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تۆت ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىككىنى قوغداشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ،پۇختا خىزمەت قىلىپ، مۇقىم ئاساستا ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق بولۇشتىن ئىبارەت ئاساسى رىتىمدا ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشى كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى، يىغىن تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى شۇنداقلا ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، 1-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كېيىن جاۋ لېجى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن «پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەت قىلىش سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلايلى» ماۋزۇلۇق خىزمەت دوكلاتى بەردى.


中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى.