ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو بىلەن تېلېفونلاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-12 10:24

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچتە كېلىشىۋالغىنى بويىچە ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو ۋىدودو بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە جۇڭگو يېڭى تاجسىمان  ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ مۇھىم پەيتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، زۇڭتۇڭ ئەپەندى مەن بىلەن تېلېفونلىشىپ، ھىندونېزىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھ سۈپىتىدە جۇڭگوغا بولغان دوستلۇقى ۋە قوللىشىنى نامايان قىلدى، ھىندونېزىيەلىك دوستلارنىڭ جۇڭگوغا بولغان ئىشەنچىسى ۋە چۈشىنىشىگە رەھمەت ئېيتىمەن. جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر، شۇڭا  قول تۇتۇشۇپ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، تېخىمۇ كۆپ رولىنى نامايان قىلىشى كېرەك. جۇڭگو ھىندونېزىيە بىلەن ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ئەنئەنىسىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جاكارتا-باندوڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى قاتارلىق «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇش نۇقتىلىق تۈرلىرىنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش، نۆۋەتتە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىشى. بىز تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەڭ قاتتىق، ئەڭ ئۈزۈل-كېسىل ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، پائال ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق. جۇڭخۇا مىللىتى ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن مىللەت، شۇنداقلا ئېگىلمەس سۇنماي مىللەت، قىيىنچىلىق ۋە خىرىس قانچىكى چوڭ بولسا، ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. بىزنىڭ، ھەم يۇقۇمنى ئۈزۈل-كېسىل يېڭىشكە، يەنە بەلگىلەنگەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان-ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاشقا ئىقتىدارىمىز، ئىشەنچىمىز بار. جۇڭگونىڭ بۇ قېتىمقى يۇقۇمنى يەڭگەندىن كېيىن تېخىمۇ گۈللىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. 

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەم ئۆز دۆلىتىمىز خەلقىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا مەسئۇل بولىمىز، ھەم يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرىدا مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىمىز. جۇڭگو داۋاملىق ئاشكارا، ئېنىق پوزىتسىيە بىلەن ھىندونېزىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، رايون ۋە يەر شارى ئاممىۋى ساغلاملىق بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ. بىز  خۇددى ئۆز دۆلىتىمىز پۇقرالىرىغا مۇئامىلە قىلغاندەك، ھىندونېزىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودىكى خادىملىرىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالىمىز.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېغىر كۈنلەردە ھەقىقىي مېھىر- مۇھەببەتنى ھېس قىلدۇق. يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، ھىندونېزىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى تەرەپلەر قىممەتلىك قوللاپ، قوشنىلار ئارا ھالاۋەتتىمۇ، جاپادىمۇ بىللە بولۇپ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلدى. بىز رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇۋاپىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككى تەرەپ ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى تىرىشىپ قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، بۇ ئىككى تەرەپ ۋە ئۆز رايونىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن.

جوكو ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ يېڭى تاجسىمان  ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا ئۇچرىغانلىقىدىن ھال سورىدى. جوكو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان قىيىن پەيتىدە، ھىندونېزىيە جۇڭگونىڭ سەمىمىي ھەمراھى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشتىن-ئاخىر جۇڭگو خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، جۇڭگو خەلقى بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، يۇقۇمنى تېزدىن يېڭىدۇ. ھىندونېزىيە جۇڭگونى بىر تۈركۈم داۋالاش مۇداپىئە بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلىدى، ئەگەر جۇڭگو ئېھتىياجلىق بولسا، ھىندونېزىيە جۇڭگوغا داۋاملىق زۆرۈر ياردەم بېرىشكە تەييار. ھىندونېزىيە جۇڭگو بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ سىنىقىدىن كېيىن، ھىندونېزىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ.    

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچتە كېلىشىۋالغىنى بويىچە ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو ۋىدودو بىلەن تېلېفونلاشتى.