ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلغاندا قىلغان مۇھىم سۆزى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-12 16:38

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلغاندا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: كېسەلنى مەنبەيىدىن كونترول قىلىپ، تارقىلىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلاش-يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىشنىڭ تۈپ تەدبىرى، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا كارىۋات سانىنى تېز كۆپەيتىپ، چاسا بۆلمىلىك دوختۇرخانىلارنى ياخشى ئىشلىتىپ، مېھمانخانا، تەربىيەلەش مەركىزى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ ئايرىش كارىۋات سانىنى كۆپەيتىپ، بىمارلارنى مۇمكىن قەدەر ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، داۋالاش كېرەك.

باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى، كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تېخىمۇ زور كۈچ، تېخىمۇ كەسكىن تەدبىر ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ تارقىلىپ يامراپ كېتىش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خەلق جېڭى، ئومۇمىي جەڭ، تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىمىز.

خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ۋۇخەن شەھىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشتىكى ئەڭ مۇھىم جايلار، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش، تاقابىل تۇرۇش جېڭىنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرىدىغان جايلار، بۇ جايلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى كارىۋات سانىنى كۆپەيتىپ، قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى قوبۇل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرماقتا.

يۇقۇم ئالدىدا ئوتتۇرا جۇڭگو پەن تېخنىكا داشۆسى توڭجى دوختۇرخانىسى گۇاڭگۇ دوختۇرخانا رايونى تەشەببۇسكارلىق بىلەن 830 كارىۋات ئاجرىتىپ، ۋۇخەن شەھىرىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئېغىر بىمارلارنى قۇتقۇزۇشتىكى نۇقتىلىق دوختۇرخانا بولۇپ قالدى، توڭجى دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، گۇاڭگۇ دوختۇرخانا رايونىنىڭ باشلىقى ليۇ جىخوڭ مۇنداق دېدى: بۇ يەردە داۋالىنىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى تاللاپ تەكشۈرۈلگەندىن كېيىنكى ئېغىر بىمارلار، توڭجى دوختۇرخانىسى بىرىنچى چاسا ئەترەتكە تەۋە دۆلەت ئەترىتى، ئاساسلىقى ناھايىتى خەتەرلىك، ئېغىر بىمارلارنى قۇتقۇزۇپ، قۇتقۇزۇپ داۋالاش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ، بۇنىڭدا بىزنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەجبۇرىيىتىمىز بار.

ۋۇخەن ياشىن باش دوختۇرخانىسى بىر پۇقراۋى دوختۇرخانا بولۇپ يېقىندا يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاشتىكى نۇقتىلىق دوختۇرخانا قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، تۇنجى تۈركۈمدە 400 كارىۋات ئاجرىتىش پىلانلاندى، مۇمكىن قەدەر تېخىمۇ كۆپ بىمارلارنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ئەسلىدە ئىككى كىشىلىك كېسەلخانا ئۈچ كىشىلىك قىلىپ ئۆزگەرتىلدى، مۇناسىپ ئايرىش ئۈسكۈنىلىرىنىمۇ دوختۇرخانا تىرىشىپ سەپلىدى، ياشىن باش دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى سۇ شى مۇنداق دېدى: خادىملارنى توپلاپ، تېزدىن تەربىيەلەپ، خىزمەتكە ئاتلاندۇرۇش كېرەك، تېببىي خادىملارنىڭ يېمەك ئىچمەك، تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ناھايىتى قىسقا ۋاقىتتا ھەل قىلىش كېرەك، بۇ قېتىمقىسى نۇقۇل يۇقۇم مەسىلىسىلا ئەمەس، ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار، ھەرقاندىقىمىز چەتتە قاراپ تۇرساق بولمايدۇ.

ۋۇخەن خوشېنشەن دوختۇرخانىسىدا ۋاقىتلىق پارتكوم تېزدىن پارتكوم يىغىنى ئېچىپ، ئارمىيەنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى 1400 تېببىي خادىمغا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، كۆپچىلىك مۇنداق دەپ قارىدى؛ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىمارلارنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قۇتقۇزىمىز، خوشېنشەن دوختۇرخانىسىنىڭ سىياسىي كومىسسارى يۈەن خۇا مۇنداق دېدى: دوختۇرخانا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى قوبۇل قىلىشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش ھەققىدىكى كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قوبۇل قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرماقتا، مەۋقەنى ئەڭ قىيىن شارائىتقا قارىتىپ، ئەڭ مۈشكۈل جەڭدە غەلىبە قىلىمىز.

2-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خوشېنشەن دوختۇرخانىسى يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان بىر تۈركۈم ئېغىر كېسەللەرگە مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇشقا تەشكىللەپ، توغرا داۋالاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. خوشېنشەن دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۈ دىشيۇڭ مۇنداق دېدى: بىز داۋالاش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، يۇقۇملانماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى نىشان قىلدۇق، شۇڭا مۇتەخەسسىسلەر دىياگنوز قويۇش تۈزۈمى بىر تۈزۈم بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇرەككەپ، چىگىچ كېسەللەرنى مۇزاكىرە قىلىپ، داۋالاش لايىھەسىنى ئەلالاشتۇردۇق. مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىمىز ئاساسلىقى نەپەس يولى كېسەللىكلىرى، خەتەرلىك ئېغىر كېسەللىكلەر، جىددىي قۇتقۇزۇش، ئىچكى كېسەللىكلەر، قان تومۇر كېسەللىكلىرى، بۆرەك كېسەللىكلىرى، ھەزىم قىلىش كېسەللىكلىرى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇتەخەسسىسلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، مەخسۇس كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى بىزنىڭ نۇرغۇن پەنلەر ساھەسىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلىرىمىز بار بولۇشتەك ئۈستۈنلۈكىمىز بىلەن كۈچلۈك.

ۋۇخەن شەھىرى  ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يېنىك كېسەللەرنى چاسا بۆلمىلىك دوختۇرخانىغا يىغىپ داۋالىدى. ۋۇخەن مېھمانخانا چاسا بۆلمىلىك دوختۇرخانىدا ھازىر قوبۇل قىلىنىپ داۋالىنىۋاتقان يېنىك كېسەل 1400 دىن ئاشتى. ۋۇخەن  داشۆسى جۇڭنەن دوختۇرخانىسى باشلامچىلىق بىلەن بۇ چاسا بۆلمىلىك دوختۇرخانىنى ئۆتكۈزۈۋالدى. جۇڭنەن دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى جىچياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە چاسا بۆلمىلىك دوختۇرخانا تەرتىپلىك ئايلىنىش ھالىتىگە كىردى. باش شۇجىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ، قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى قوبۇل قىلىش، بىمارلارنى سىرتتا قالدۇرماسلىق كېرەك. مېنىڭچە بىمارلارنىڭ ئىپادىسى بىر قەدەر ياخشى، ھەتتا بەزىلىرى ياتاق ئىچىدە مېڭىپ، چېنىقىدۇ، يەنە تېخى گىمناستىكا ئوينايدۇ.

يۇقۇم ئالدىدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى باشقا رايونلارمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توستى. سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ باش مۇتەخەسسىسى، جۇڭنەن داشۆسى شياڭيا دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ئەي يۈخاڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، خۇنەندە ھەر كۈنى يېڭىدىن كۆپەيگەن بىمارلارغا دائىر سانلىق مەلۇمات بىر قەدەر مۇقىم بولۇپ، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، بۇ ئالدىنقى مەزگىلدە خۇنەن ئۆلكىسى قوللانغان «ئەڭ كەڭ دائىرىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا سەپەرۋەر قىلىش، يۇقۇمنى ئەڭ قاتتىق تەكشۈرۈش، ئەڭ ۋاقتىدا داۋالاپ، قۇتقۇزۇش» قاتارلىق تەدبىرلەرنىڭ ياخشى ئۈنۈم بەرگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆرسەتمىسىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئەنخۇي ئۆلكىسى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن جەڭگە ئاتلاندى. جۇڭگو پەن-تېخنىكا داشۆسى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى ليۇ ليەنشىن مۇنداق دېدى: بىز بىمارلارنى، مۇتەخەسسىسلەرنى، بايلىقنى، قۇتقۇزۇپ داۋالاشنى مەركەزلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت تۆتنى مەركەزلەشتۈرۈش پىرىنسىپى ئارقىلىق يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان دەپ گۇمان قىلىنغانلار ۋە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلارنى تېخىمۇ ياخشى قۇتقۇزۇپ داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدۇق.

جياڭشىنىڭ شىنيۈ شەھىرى يۇقۇم مەنبەسىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش، تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن، دەرىجىگە، تۈرگە ئايرىپ داۋالاش پىرىنسىپىنى قوللىنىپ، پۈتۈن شەھەردىكى شەرتكە توشىدىغان يېزا-بازار دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرى، شەھەر، ناھىيە، رايوندىكى تەنتەربىيە مەيدان- سارايلىرى، بىر قىسىم مېھمانخانىلارنى ۋاقىتلىق نۇقتا قىلىپ بەلگىلەنگەن قۇتقۇزۇش داۋالاش دوختۇرخانىسى زاپاس بايلىقى قىلىپ تەسىس قىلدى. شۈيشى شىپاخانىسىنىڭ باشلىقى لى لىنتاۋ مۇنداق دېدى: بىز  يېزا-بازار دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى ئىشقا سېلىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىر يېنىكلىكى، جىددىيلىك دەرىجىسى ۋە داۋالاش قىيىنلىق دەرىجىسى بويىچە دەرىجىگە، تۈرگە ئايرىپ داۋالاپ، شەھەر دەرىجىلىك نۇقتا قىلىپ بەلگىلەنگەن  دوختۇرخانىلارنىڭ بىمارلارنى قوبۇل قىلىش بېسىمىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك يېنىكلىتىپ، پۈتۈن شەھەردە  تېخىمۇ مۇكەممەل يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىنى قۇتقۇزۇپ داۋالاش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرسەك بولىدۇ. 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلغاندا قىلغان مۇھىم سۆزى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

باش شۇجىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تېخىمۇ زور كۈچ، تېخىمۇ كەسكىن تەدبىر ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ تارقىلىپ يامراپ كېتىش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خەلق جېڭى، ئومۇمىي جەڭ، تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىمىز.