ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭدا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا يېتەكچىلىك قىلغاندىكى مۇھىم سۆزى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-13 14:58

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مەھەللە-يۇقۇمنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنىڭ 1-سېپى شۇنداقلا سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچىدە كېڭىيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك مۇداپىئە لىنىيەسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان ۋە يېتەكچىلىك قىلغاندا، مەھەللىدىن ئىبارەت بۇ مۇداپىئە لىنىيەسىنى چىڭ ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىش، يامرىشىنىڭ يوللىرىنى ئۈنۈملۈك ئۈزۈپ تاشلاش كېرەك دەپ تەكىتلىدى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مەھەللىدە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بارلىق مەھەللىلەرنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنىڭ مۇستەھكەم قورغىنىغا ئايلاندۇرىمىز دېدى.

ۋۇخەن شەھىرى 2-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن تارتىپ، پۈتۈن شەھەردىكى مەھەللە قورۇلىرىنى يېپىق باشقۇرۇشنى يولغا قويدى. ۋۇخەن شەھىرى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى دۈنكۇ كوچىسى ۋەنجياخۇ مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچىسى جاڭ چىمىڭ مۇنداق دېدى: بىز ئالدى بىلەن كىشىلەرنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىدۇق، ماشىنىلارنىڭ كەينى ساندۇقىنى تەكشۈردۇق، بۇنىڭدا ئاساسلىقى ئىچىدە تىرىك توخۇ، تىرىك ئۆردەكلەرنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈردۇق، ئارقىدىن كىشىلەرنى دېزىنفېكسىيە قىلىپ، ۋىرۇسنىڭ مەھەللىگە كىرىشىدىن ساقلاندۇق.

خۇبېي ئۆلكىسى خۇاڭگاڭ شەھىرى لوتيەن ناھىيەسى فېڭشەن بازىرى لىزىئاۋ كەنتى «تور قوشۇلغان پارتىيەلىك كادىرلار» ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، تۆت تۈردىكى كىشىلەرنى گۇرۇپپىغا ئايرىپ ئىنچىكە رەتكە تۇرغۇزۇپ تىزىملاپ ۋە ئارخىپ شەكلىدە قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇپ، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش خىزمىتىدە بىرمۇ ئائىلە، بىرمۇ ئادەمنى چۈشۈرۈپ قويماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۇڭ سىسۈن بىز سىرتتىن كەلگەن جەمئىي 208 ئادەمنى بىرمۇ-بىر  تەكشۈردۇق، پۈتۈن كەنت تەۋەسىدىكى يوللارنى تولۇق تاقىدۇق.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونى ئەنجېن كوچىسى ئەنخۇالى مەھەللىسىدە، ئاساسىي قاتلامنىڭ 1-سېپىدىكى يۇقۇمنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندە، مەھەللىنىڭ كۆپ تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئائىلىلەرگىچە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، نۇقتىلىق توپلارنى نازارەت قىلىش بىلەن تولۇق قاپلاش قاتارلىق ئۇسۇللىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئەنخۇالى مەھەللىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى خۇ بىڭبېي مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، كېيىنكى خىزمەتلىرىمىزدە، بىزنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي كۈچلەرنى تولۇق قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، خىزمەت ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى مۇكەممەل ئىشلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

جياڭشى ئۆلكىسى جيۇجياڭ شەھىرى بىلەن خۇبېي ئۆلكىسى پەقەت بىر دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ، شۇ جاي  مەھەللە قورۇلىرىنى يېپىق باشقۇرۇشنى يولغا قويدى، نورمال ئىشلەيدىغان خادىملاردىن باشقا، مەھەللىگە كىرىپ چىقىدىغان بارلىق ئاھالىلەر كىرىپ چىقىش يولخېتى بىلەن كىرىپ چىقىدۇ، ھەر بىر ئائىلە ھەر كۈنى تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن بىرلا قېتىم كىرىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ مەھەللە «مېھرى-شەپقەت ئۆتىڭى» مەھەللە كۆكتات قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. جيۇجياڭ گۇڭچىڭ شەھىرى چاشەن كوچىسى جۇڭخاڭ مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شيۇڭ يىنيىن ئاممىنىڭ كۈچى-ئەڭ چوڭ، پەقەت ئۇلارنى قاتناشتۇرۇش، ئۇلارنى ئەھمىيەت بەرگۈزۈشكە تايانغاندىلا، ئاندىن بىز تېخىمۇ ئىشەنچكە تولۇپ، بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز دېدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭدا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا يېتەكچىلىك قىلغاندىكى مۇھىم سۆزى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

مەھەللە-يۇقۇمنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنىڭ 1-سېپى شۇنداقلا سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچىدە كېڭىيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك مۇداپىئە لىنىيەسى.