ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ مالايسىيا زۇڭلىسى ماخاتىر بىلەن تېلېفونلاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-02-14 15:21

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچتە كېلىشىۋالغىنى بويىچە مالايسىيا زۇڭلىسى ماخاتىر بىلەن تېلېفونلاشتى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: زۇڭلى ئەپەندى جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى، نۆۋەتتە جۇڭگو خەلقى جاسارەت بىلەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان پەيتتە، زۇڭلى ئەپەندى مەن بىلەن تېلېفونلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مالايسىيانىڭ جۇڭگوغا بولغان دوستلۇقى ۋە قوللىشىنى ئىپادىلىدى. يۇقۇم جۇڭگو بىلەن مالايسىيا خادىملىرىنىڭ نورمال بېرىش-كېلىشىگە ۋاقتىنچە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، لېكىن ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنى تەۋرىتەلمەيدۇ. جۇڭگو بىلەن مالايسىيا قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمنىڭ خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى بولۇپمۇ «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى يارىتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقۇم تارقالغاندىن بۇيان، جۇڭگو ھۆكۈمىتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى سەپەرۋەر قىلىپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئەڭ ئومۇميۈزلۈك، ئەڭ قاتتىق، ئەڭ ئۈزۈل-كېسىل ئالدىنى ئىلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، پائال ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، كېسەللىك تۈپەيلىدىن ئۆلۈش نىسبىتىنى بىر قەدەر تۆۋەن سەۋىيەدە ساقلاپ، داۋالاش ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ساقىيىش نىسبىتىنى داۋاملىق ئۆستۈردى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە داۋالاپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش، تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىدۇ. بىز چوقۇم يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، بۇ يىللىق تەرەققىيات نىشانى ۋە ۋەزىپىسىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يىراق كەلگۈسى نىشانىمىزغا قاراپ داۋاملىق پۇختا قەدەم تاشلايمىز.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو يۇقۇمغا قارىتا كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئۆز دۆلىتى خەلقىنىڭ ساغلاملىقىغا مەسئۇل بولۇپلا قالماي، يەنە دۇنيا ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. بىز داۋاملىق ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى بويىچە، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنى ئورتاق يېڭىمىز. جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىزگە بەرگەن قىممەتلىك چۈشەنچىسى ۋە قوللىشىغا، بولۇپمۇ مالايسىيا قاتارلىق ئەتراپتىكى دوست دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرىدىن تارتىپ ئەل ئىچىگىچە پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، جۇڭگوغا ياردەم بەرگەنلىكىگە ئاپىرىن ئوقۇيمىز. بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ياردەم بەرگەنلىكىنىڭ جانلىق ئىپادىسى. بىز داۋاملىق ئاشكارا، ئېنىق پوزىتسىيە بىلەن  مالايسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالدىنى ئىلىش-تىزگىنلەش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، رايونلارنىڭ ئاممىۋىي ساغلاملىقى بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغدايمىز. بىزمۇ ئۆز دۆلەت پۇقرالىرىمىزغا مۇئامىلە قىلغاندەك، مالايسىيا ۋە باشقا چەتئەللەرنىڭ جۇڭگودىكى خادىملىرىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالىمىز.

ماخاتىر مالايسىيا ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا ئۇچرىغانلىقىدىن ھال سورىدى. ماخاتىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مالايسىيا جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقى ۋە قولغا كەلتۈرگەن پائال ئىلگىرىلەشلىرىگە ئاپىرىن ئوقۇيدۇ، بۇنى جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيا ئاممىۋى بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى دەپ ھېسابلايدۇ. مالايسىيا جۇڭگونىڭ سەمىمىي دوستى بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگونى بىر تۈركۈم داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلىدى ھەمدە جۇڭگوغا داۋاملىق ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر جۇڭگو بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش جەھەتتە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ. مالايسىيا تەرەپ شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قوماندانلىقى ۋە رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقى چوقۇم يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى چوقۇم نورمال ھالەتكە قايتىدۇ. مالايسىيا جۇڭگونىڭ ئۇزۇندىن بۇيان مالايسىيانىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىگە ئاپىرىن ئوقۇيدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.


中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ مالايسىيا زۇڭلىسى ماخاتىر بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچتە كېلىشىۋالغىنى بويىچە مالايسىيا زۇڭلىسى ماخاتىر بىلەن تېلېفونلاشتى.