ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ بۇ دۆلەت باشلىقلىرىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-23 11:47

شى جىنپىڭ فىرانسىيەدە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن فىرانسىيە زۇڭتۇڭىغا  ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرونغا تېلېگرامما يوللاپ، يېقىندا فىرانسىيەدە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى. 
شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇش جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى ئەنئەنىسى. فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى  ساھەسىدىكىلەرنىڭ جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا پۈتۈن كۈچى بىلەن تاقابىل تۇرۇشىنى قوللىغانلىقى ۋە ھال سورىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكى ئىنسانلار دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىس. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى فىرانسىيەنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ، فىرانسىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆز-ئارا ياردەم بېرىش جەريانىدا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش، تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە ئورتاق غەلىبە قىلىشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر بولۇپ، پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداشتەك مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئورتاق ئۈستىگە ئالغان. جۇڭگو فىرانسىيە بىلەن بىرلىكتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرىنى تۈزەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىنسانىيەت سەھىيە ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشىنى قوللايدۇ. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ماكرون بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، داۋاملىق ئالغا تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن. 

 

شى جىنپىڭ گېرمانىيەدە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيە زۇڭلىسىغا  ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېلغا تېلېگرامما يوللاپ، يېقىندا گېرمانىيەدە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى. 
شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېقىندا گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە ھەرقايسى ساھەدىكىلەر كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئىشلىرىدىن ھال سورىدى ۋە قوللىدى. جۇڭگو گېرمانىيەنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئەگەر گېرمانىيە ئېھتىياجلىق بولسا، جۇڭگو كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. ئاممىۋى سەھىيە كىرىزىسى ئىنسانلار دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىس، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ئەڭ كۈچلۈك قورال. جۇڭگو ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، گېرمانىيە بىلەن ئۇچۇر ۋە تەجرىبىلەردىن داۋاملىق تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش، بىمارلارنى قۇتقۇزۇش، ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ياساش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە دۇنيادىكى باشقا دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ساغلاملىقى، بەخت-سائادىتىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، گېرمانىيە بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو-گېرمانىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. 

 

شى جىنپىڭ ئىسپانىيەدە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىسپانىيە پادىشاھىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئىسپانىيە پادىشاھى فېلىپې 6-غا تېلېگرامما يوللاپ، يېقىندا ئىسپانىيەدە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى. 
شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئىسپانىيەنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقى ۋە تەدبىرلىرىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەجرىبىسى ۋە داۋالاش لايىھەسىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى ھەمدە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشنى ۋە قوللاشنى خالايدۇ. ئىنسانلار تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە، پەقەت ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلاشقاندىلا ئاندىن بۇ ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىك خىرىسىنى يەڭگىلى بولىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئىسپانىيەنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ئورتاق تىرىشسىلا، يۇقۇمنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەن جۇڭگو-ئىسپانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، يۇقۇمغا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇش ئارقىلىق، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق، ئۆزئارا ئىشىنىشنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدىغانلىقىغا، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ تېخىمۇ قويۇقلىشىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. 

 

شى جىنپىڭ سېربىيەدە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن سېربىيە زۇڭتۇڭىغا  ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى

 

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچقا تېلېگرامما يوللاپ، يېقىندا سېربىيەدە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن سېربىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى. 
شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن سېربىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ «مۇستەھكەم دوستلۇق»ى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. جۇڭگو خەلقى پۈتۈن كۈچى بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇۋاتقاندا، سېربىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگونى كۈچلۈك قوللىدى، مەن چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن. جۇڭگو سېربىيەنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ، سېربىيەنى مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى ۋە داۋالاش ئەسۋابلىرى ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەمدە سېربىيەنىڭ جۇڭگودىن جىددىي ئېھتىياجلىق ماددىي ئەشيالارنى سېتىۋېلىشىغا ياردەملىشىدۇ. جۇڭگو يەنە داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى سېربىيەگە ئەۋەتىپ، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەملىشىپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقى، بەخت سائادىتىنى قوغدايدۇ. مەن جۇڭگو-سېربىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، ئىشىنىمەنكى، يۇقۇمغا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ ئېغىر كۈنلەردە ياردەمدە بولىدىغان ئەنئەنىۋى دوستلۇقى كىشىلەر قەلبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالىدۇ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى چوڭقۇرلىشىدۇ ۋە يۈكسىلىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ بۇ دۆلەت باشلىقلىرىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

شى جىنپىڭ فىرانسىيەدە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن فىرانسىيە زۇڭتۇڭىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى شى جىنپىڭ گېرمانىيەدە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيە زۇڭلىسىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى شى جىنپىڭ ئىسپانىيەدە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىسپانىيە پادىشاھىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى