ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چەتئەل رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-24 11:19

 

شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى 

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 23-كەچتە فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل 1-ئايدىن بۇيان، مەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە، زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن ئۈچ قېتىم تېلېفونلىشىپ، ئارىمىزدىكى يۈكسەك ئىشەنچ ۋە جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى تولۇق نامايان قىلدۇق. ئىككى دۆلەت بىر-بىرىگە ھېسداشلىق قىلىش، قوللاشتەك دوستلۇق ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، داۋالاش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى جەھەتتە ئۆز ئارا ياردەم بېرىپ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆز ئارا ياردەم بېرىشى، قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىشى ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەپ بەردى. مەن نۆۋەتتىكى ياۋروپا ۋە فىرانسىيەدىكى يۇقۇمنىڭ تەرەققىياتىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىمەن. فىرانسىيە بىر قاتار ئىجابىي، ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىۋاتىدۇ، مەن فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن ھەمدە قەتئىي قوللايمەن. جۇڭگو فرانسىيەنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە قوللايدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ.

شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە خەلقئارا ۋە رايون ئاممىۋى ساغلاملىق بىخەتەرلىكىنى قوغداشتەك مۈشكۈل مەسئۇلىيەتنى ئورتاق ئۈستىگە ئالماقتا، ئىككى تەرەپ سەمىمىي ھەمكارلىشىپ، بىرلەشمە تەتقىقات تۈرلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت چېگراسى سەھىيە كارانتىن ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىزمىتىنى قوللاپ، ئافرىقا ئەللىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ئورتاق ياردەم بېرىپ، تىرىشىپ سەھىيە-ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. جۇڭگو فىرانسىيە بىلەن بىرلىكتە، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق رامكىلاردىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى قانات يايدۇرۇپ، سەھىيەنى دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە باشقا ئېھتىياجلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىپ، يۇقۇمنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا ئېلىپ كەلگەن زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇپ، ھەمكارلىق قۇياش نۇرى ئارقىلىق يۇقۇم تۇمانلىرىنى تارقىتىۋېتىشنى خالايدۇ.

ماكرون نۆۋەتتىكى فىرانسىيەدىكى يۇقۇم ئەھۋالى ۋە قوللانغان ئالاقىدار تەدبىرلەرنى تونۇشتۇردى. ماكرون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقى غايەت زور جاسارەت ۋە كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۇقۇمنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىدى، مەن بۇنىڭغا يۈكسەك ئاپىرىن ئوقۇيمەن. فىرانسىيە جۇڭگونىڭ قىممەتلىك قوللىشى ۋە ياردىمىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ. فىرانسىيە جۇڭگو بىلەن ئىككى تەرەپلىك سەھىيە ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى ھەمدە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكىلاردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇم ئۈستىدىن بىرلىكتە غەلىبە قىلىپ، يۇقۇمنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا ئېلىپ كەلگەن زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇشنى  خالايدۇ.

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق يۇقىرى سەۋىيەدە تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگو-فىرانسىيە، جۇڭگو-ياۋروپانىڭ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا قوشۇلدى.

 

شى جىنپىڭ ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى جونسون بىلەن تېلېفونلاشتى 

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچتە ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى جونسون بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئەنگلىيە خەلقىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇۋاتقانلىقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى. شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى تونۇشتۇردى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەنگلىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، زۆرۈر خادىملارنىڭ يۆتكىلىشى ۋە سودا راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەۋپ-خەتىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو ئەنگلىيەگە مەدەت ۋە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، باش ۋەزىر ئەپەندىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئەنگلىيە خەلقى يۇقۇم ئۈستىدىن چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى چەت ئەللەردىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئەنگلىيەنىڭ ھەقىقىي ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئەنگلىيەدىكى جۇڭگو پۇقرالىرى، بولۇپمۇ شۇ يەردىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىق بىخەتەرلىكى ۋە ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ياخشى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ۋىرۇس دۆلەت چېگراسى، ئىرق ئايرىمايدۇ، پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئورتاق تىرىشقاندىلا، ئاندىن غەلىبە قىلالايدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە 20 دۆلەت گۇرۇھى رامكىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇچۇر ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى، پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، سەھىيەنى دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئېشىشنى ساقلاپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دۇنيا تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئوچۇق، مۇقىم، بىخەتەر بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ، ئورتاق تونۇشى تېخىمۇ كېڭىيىدۇ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى تېخىمۇ كەڭ ئىستىقبالنى كۈتۈۋالىدۇ.

جونسون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقى جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ۋە غايەت زور بەدەل تۆلەش ئارقىلىق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشتە قالتىس نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، مەن بۇنى تەبرىكلەيمەن. نۆۋەتتە، ئەنگلىيەدە يۇقۇم ئەھۋالى كەسكىن بولۇۋاتىدۇ، ئەنگلىيە جۇڭگونىڭ پايدىلىق تەجرىبىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللانماقتا. ئەنگلىيە جۇڭگونىڭ قىممەتلىك قوللىشى ۋە ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، ئەنگلىيەدىكى جۇڭگو پۇقرالىرى، بولۇپمۇ بۇ يەردە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكىگە ئىمكانقەدەر ياخشى كۆڭۈل بۆلىدۇ. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قارىشىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن، يۇقۇم ئالدىدا، ھەرقانداق دۆلەت ئۆزىنىڭلا غېمىنى يېمەسلىكى، ھەرقايسى دۆلەتلەر ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئەنگلىيە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكىلاردىكى ئالاقىدار ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە بۇ يىل ئايرىم-ئايرىم ھالدا «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى»نىڭ 15-قېتىملىق كېلىشىم تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنى ۋە «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى»نىڭ 26-قېتىملىق كېلىشىم تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنىنى ئۆتكۈزىدۇ، ئىككى تەرەپ بۇنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئەسى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، يۇقۇمدىن كېيىن جۇڭگونى بالدۇرراق زىيارەت قىلىپ، ئەنگلىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈتمەكتىمەن.

 

شى جىنپىڭ مىسىر زۇڭتۇڭى سىسى بىلەن تېلېفونلاشتى 

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچتە مىسىر زۇڭتۇڭى سىسى بىلەن تېلېفونلاشتى. 

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ مەزگىلدە، يۇقۇم  پۈتۈن دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەت، نۇرغۇن جايلاردا  تارقالدى. ئەمەلىيەت شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، ئىنسانلار جاپادىمۇ-ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە. ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى ئاساس قىلىپ، خەلقئارا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تەھدىت ۋە خىرىسقا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيانىڭ ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ. يۇقۇم  تارقالغاندىن كېيىن، مىسىر جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى قوللاپ، جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇشتەك چوڭقۇر دوستلۇقى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى نامايەن قىلدى. مىسىر نۆۋەتتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتەك جىددىي ۋەزىپىسىگە دۇچ كەلمەكتە، جۇڭگو مىسىر بىلەن يۇقۇم ئۇچۇرى، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش،  قۇتقۇزۇش، داۋالاش تەجرىبىلىرى، داۋالاش تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ۋاقتىدا ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەپ، مىسىرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىنى قوللاپ، يۇقۇمغا ئورتاق  تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ. بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. جۇڭگو جۇڭگو-مىسىر مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، مىسىر بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-مىسىر مۇناسىۋىتىنى جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ۋە جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئالدىن سىناق قىلىش ئۆرنىكىگە ئايلاندۇرۇشنى خالايدۇ. 

سىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا پائال ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى، بۇ رەئىس ئەپەندىنىڭ دانا رەھبەرلىكىنىڭ قۇدرەتلىك، كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىتتىپاق،  ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. مىسىر جۇڭگونىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا ھەمدە تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ. مىسىر جۇڭگونىڭ قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش ئارقىلىق دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. مىسىر بىلەن جۇڭگو ئالاھىدە دوست ھەمراھلار. مەن مىسىر-جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، جۇڭگو بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ئەمەلىي ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايمەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چەتئەل رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 23-كەچتە فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى.