ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ما جاۋشۈ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-25 19:29

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 26-كۈنى 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. 3-ئاينىڭ 25-كۈنى، مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى ما جاۋشۈ خەلق گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە جۇڭگو گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە جۇڭگونىڭ ئارزۇسىنى تونۇشتۇردى.

جاۋشۈ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 20 دۆلەت گۇرۇھى (G20) رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى ئېچىلىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر، مېھمان دۆلەتلەر ۋە ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتنىشىدۇ. بۇ 20 دۆلەت گۇرۇھى تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن رەھبەرلەر ۋىدېيولۇق باشلىقلار يىغىنى، شۇنداقلا يۇقۇم پەيدا بولغاندىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ قاتناشقان تۇنجى مەيدان زور كۆپ تەرەپلىك پائالىيەت. ما جاۋشۈ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەر شارىدا كۆپ نۇقتىلاردا يامراپ، ئېغىر سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلىۋاتىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. 20 دۆلەت گۇرۇھى يەر شارى كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىقتىسادنى تۈزەشتىكى مۇھىم سۇپا بولۇپ، ئاساسلىق تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ۋە گۈللەنمە بازار ئىقتىسادىي گەۋدىلەر توپلانغان، 2008-يىللىق خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا مۇھىم رول ئوينىغان. بۇ ئاچقۇچلۇق پەيتتە 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى توغرىسىدا مەخسۇس باشلىقلار يىغىنى ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ يامراپ كېتىشىگە تاقابىل تۇرۇش، دۇنيا ئىقتىسادىنى مۇقىملاشتۇرۇش جەھەتتە ئالاقە ئېلىپ بېرىشى ۋە ماسلاشتۇرۇشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ما جاۋشۈ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلىشى، بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ئېلىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كېلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك ماختىشىغا ئېرىشتى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشى جۇڭگونىڭ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى، جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى، جۇڭگونىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ماسلىشىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى قوللاشتىكى ئاكتىپ پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلدى. بىز بۇ قېتىمقى ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىدىن تۆۋەندىكىدەك ئۈمىدلەرنى كۈتىمىز:

بىرىنچى، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش. ۋىرۇسنىڭ دۆلەت چېگراسى يوق، يۇقۇم ئالدىدا ھەرقانداق دۆلەت ئۆزىنىڭلا غېمىنى يېسە بولمايدۇ. پەقەت بىر نىيەتتە ھەمكارلاشقاندىلا، ئاندىن يۇقۇمنى يېڭىپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. 20 دۆلەت گۇرۇھى ئەزالىرى ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنىڭ كۈچلۈك سىگنالىنى تارقىتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

ئىككىنچى، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش. يۇقۇمنىڭ يەر شارىدا تېز يامراش ۋەزىيىتى ئالدىدا، خەلقئارا ھەمكارلىق ئىنتايىن مۇھىم. جۇڭگو دۆلەت ئىچىدە ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قىيىنچىلىقى بار دۆلەتلەرگە چامىنىڭ يېتىشىچە ۋاقتىدا ياردەم بېرىدۇ. بىز ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن تەجرىبىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئورتاق كۈچەيتىپ، جىددىي ئېھتىياجلىق داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىمىز. 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئارا ياردەم بېرىپ، زىچ ماسلىشىپ، خەلقئارا ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئۈچىنچى، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش. يۇقۇم يەر شارى ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە بەردى. ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئېلىمىز ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يەر شارى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى. بىز ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، زۆرۈر مالىيە، پۇل ۋە قۇرۇلمىلىق سىياسەتلەرنى قوللىنىپ، بازارنى ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەر شارى تەمىنات زەنجىرىنىڭ ئېچىۋېتىلىشى، مۇقىملىقى، بىخەتەرلىكى ۋە راۋان ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بازار ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتۇش ئۈچۈن ئىجابىي رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

قىسقىسى، جۇڭگو 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، بۇ قېتىمقى ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىدا ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ما جاۋشۈ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 26-كۈنى 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.