ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

4-ئاينىڭ 1-كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ7-سانىدا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئېلان قىلىنىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار تۇردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-31 18:24

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

4-ئاينىڭ 1-كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 7-سانىدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «خۇبېي ئۆلكىسىدە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى» ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: خۇبېي بىلەن ۋۇخەن بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كۈرىشىدىكى مۇھىم جاي ۋە ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدىغان جاي. جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، خۇبېي ۋە ۋۇخەندە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدە پائال ياخشى ئۆزگىرىش بولۇپ، باسقۇچلۇق مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، لېكىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل ھەم ئېغىر. مۇشۇنداق ۋاقىتتا، مېڭىنى شۇنچە سەگەك تۇتۇپ، شۇنچە ئېھتىياتچان بولۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ياخشى ئىشلەپ، ياخشى نەتىجە يارىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى نۆۋەتتىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش ۋە ئەڭ مۇھىم خىزمەت قاتارىدا داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، بىخۇدلۇق قىلماي، جەڭ قىلىشتىن زېرىكمەي، بوشاشماي، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشماي چىڭ، ئىنچىكە تۇتۇپ، خۇبېينى قوغداش جېڭى، ۋۇخەننى قوغداش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى باشتىن-ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، خۇبېي ۋە ۋۇخەندە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى نۇقتىلىق قوللاپ، ئەڭ ئومۇميۈزلۈك، ئەڭ قاتتىق، ئەڭ ئۈزۈل-كېسىل ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالدى. خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر زور كۈچ بىلەن تېزلىكتە ياردەم بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جەڭ، تاقابىل تۇرۇش جېڭىنى باشلىدى.

ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: داۋالاپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئىلمىي، دەل جايىدا قۇتقۇزۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ ، ساقىيىش نىسبىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، كېسەل بىلەن قازا قىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. ئەۋزەل داۋالاش بايلىقى ۋە تېخنىكا كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىمارلارنى داۋالاپ قۇتقۇزۇپ، يېڭى تىپتىكى تەكشۈرۈش سىناق دورىسى، ئانتىبىيوتىك دورىلار، ۋاكسىنا ۋە داۋالاش لايىھەسى قاتارلىق پەن-تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، تەتقىق قىلىپ ياسالغان ۋە تاللانغان ئۈنۈملۈك دورىلارنى كېڭەيتىپ ئىشلىتىشنى تېزلىتىپ، قۇتقۇزۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى : ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشىنى ياخشى قىلىش كېرەك. ئالدىنى ئېلىش يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. خەلق ئاممىسىغا يېقىندىن تايىنىپ، خەلق ئاممىسىنى تولۇق سەپەرۋەر قىلىپ، ئاممىنىڭ ئۆز-ئۆزىگە مۇلازىمەت قىلىش، ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. خادىملارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلىمىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئىچكى جەھەتتە كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تاشقى جەھەتتە سىرتقا چىقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تاكتىكىسىنى قوللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ساغلاملىق باشقۇرۇش، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، «نۇقتىدىن نۇقتىغا، بىر بېكەتلىك» چارە قوللىنىپ، ئىشلەمچىلەرنى ئىش ئورنىغا بىخەتەر مەركەزلىك دەل جايىدا يەتكۈزۈش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: كۈچى ئاجىز رايونلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، داۋالاش كۈچى ئاجىز شەھەر، ئوبلاستلارنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سەييارە داۋالاش، يىراقتىن دىياگنوز قويۇش قاتارلىق ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېزىلارنىڭ داۋالاش-سەھىيە شارائىتىنى ياخشىلاپ، يېزىلاردىكى تېببىي خادىملار ۋە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، زۆرۈر قوغدىنىش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا ياخشى كاپالەتلىك قىلىش لازىم. خەلق تۇرمۇشى مۇقىم بولسا، كىشىلەر قەلبى مۇقىملىشىدۇ، جەمئىيەت مۇقىم بولىدۇ. ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تولۇق ئويلىشىپ، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، گۆش، تۇخۇم، سۈت قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پىسخىكا يېتەكچىلىكى ۋە پىسخىكا جەھەتتىن ئارىلىشىشنى كۈچەيتىپ، جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جەريانىدا كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان تۈرلۈك مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك.

ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشكە ماس كېلىدىغان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ھەرىكەت تەرتىپىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بۇ قېتىمقى يۇقۇم قىسقا مەزگىلدە خۇبېينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئەمما ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ياخشىلىنىشى، ئۇزاق مۇددەت ياخشىلىنىش ئاساسى يۈزلىنىشىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، پەرقلىق تاكتىكا قوللىنىپ، رايون، دەرىجە، تۈر، ۋاقىتقا ئايرىپ، شارائىتى بارلىرىدا ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى مۇۋاپىق پەيتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، ھەرقايسى مىنىستىرلىق، كومىتېتلار خۇبېيغا مەدەت بېرىش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، خۇبېينىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرى ۋە كونكرېت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، بالدۇرراق ئومۇميۈزلۈك نورمال يولغا كىرىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك.

ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش كېرەك. بۇ قېتىمقى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىغا قارىتا بىر قېتىملىق چوڭ سىناق بولدى، ھەم تەجرىبىلەر توپلاندى ھەم ساۋاق ئېلىندى. نەزىرىمىزنى يىراققا قارىتىپ، تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى كەمتۈكلۈكلەر ۋە ئاجىزلىقلارنى تولۇقلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ تۈزۈم مۇداپىئە لىنىيەسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئاممىۋىي سەھىيە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن زور ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش لازىم. يېزا بازار ئاساسى قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن دەۋرىيلىك باشقۇرۇش ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ شەھەرلەرنىڭ زامانىۋىلاشقان ئىدارە قىلىش يېڭى يولى ئۈستىدە تىرىشىپ ئىزدىنىش كېرەك.
ماقالىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەمىز ئىچكى ئەنسىزلىك ۋە تاشقى تاجاۋۇزچىلىق ئىچىدە دۇنياغا كەلگەن، ئازاب ئوقۇبەت، ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدە يېتىلىپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش داۋامىدا زورايغان. كۈرەش قىلىشقا، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىش-جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ روشەن سىياسىي خىسلىتى شۇنداقلا بىزنىڭ سىياسىي ئۈستۈنلۈكىمىز. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، بۇ چوڭ سىناقتا مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش جاسارىتى، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئەقىل-پاراسىتى، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش تەدبىرى، تەشكىللەپ يولغا قويۇش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئۈستىگە ئېلىشى، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

4-ئاينىڭ 1-كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ7-سانىدا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئېلان قىلىنىدۇ

4-ئاينىڭ 1-كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 7-سانىدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «خۇبېي ئۆلكىسىدە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى» ئېلان قىلىنىدۇ.