ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ شىچاڭدىكى ئوت ئاپىتى ھەققىدە مۇھىم يوليورۇق بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-04-01 12:25

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

3-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 16 لەردە، سىچۈەن ئۆلكىسى لياڭشەن ئوبلاستى شىچاڭ شەھىرى جىڭجيۇ يېزىسى مائەن كەنتىدە ئورمان ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، ھەش-پەش دېگۈچە شامالغا ئەگىشىپ تۇيۇقسىز كۈچىيىپ كەتكەچكە، ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر ئۆزلىرىنى چەتكە ئېلىشقا ئۈلگۈرەلمەي، 19 ئادەم قازا قىلدى، ئۈچ ئادەم يارىلاندى. نۆۋەتتە، تاغ ئوت ئاپىتى يەنىلا ئۆچۈرۈپ قۇتقۇزۇش باسقۇچىدا تۇرماقتا.

ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ھەم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: تېزدىن كۈچ توپلاپ، ئىلمىي قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئوت ئۆچۈرگۈچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئوت ئۆچۈرۈشكە تەشكىللەپ، ئىككىلەمچى ئاپەتنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. نۆۋەتتە، ئورمان ئوت ئاپىتى قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەر ئاسان، كۆپ يۈز بېرىش مەزگىلىدە تۇرماقتا، يېقىندا سىچۈەن، يۈننەن، فۇجيەن، خۇنەن قاتارلىق جايلاردا ئارقا-ئارقىدىن ئورمان ئوت ئاپىتى ۋە بىخەتەرلىك ۋەقەلىرى يۈز بەردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە چىڭمىڭ بايرىمى، ئەتىيازلىق تاشقىن مەزگىلىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئوت ئاپىتى، كەلكۈن، ھۆلچىلىك قاتارلىق بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپلىرى گەۋدىلىك بولماقتا، بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ھەم ئالاقىدار تارماقلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش، ئىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بىر تۇتاش ياخشى پىلانلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىخەتەرلىك خېيىم-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، بىپەرۋالىق ئىدىيەسىنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئوت ئاپىتى، لاتقا-شېغىللىق ئېقىن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ۋەقە، ئاپەت كۆپ يۈز بېرىش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىق سېلىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: يارىدارلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ، تاغقا كەتكەن ئوتنى ئىلمىي، ئۈنۈملۈك ئۆچۈرۈپ، قازا قىلغانلارنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئوت ئاپىتى مەيدانىنىڭ ئەتراپىدىكى نۇقتىلىق ئورۇنلار، سورۇنلار ۋە ئەسلىھەلەرنى ياخشى قوغداش؛ يېقىنقى مەزگىلدە كۆپ قېتىم ئورمان ئوت ئاپىتى ۋە ئۆلۈم-يېتىم پەيدا بولۇشتىكى ساۋاقلارنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، ھەر قايسى تەرەپلەر، ھەر قايسى ھالقىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، يوشۇرۇن خەۋپلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، ئۆلچەش، ئاگاھلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئورمان ئوت ئاپىتى يۈز بېرىشنى قەتئىي توسۇش كېرەك.

شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى ۋە لى كېچياڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى خىزمەت گۇرۇپپىسىنى دەرھال نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتتى ھەم دۆلەت ئورمان ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئوت ئۆچۈرۈپ قۇتقۇزۇش قوشۇنىنى ياردەمگە جىددىي كۆپەيتىپ ئەۋەتتى. سىچۈەن ئۆلكىسى، لياڭشەن ئوبلاستى كۈچ تەشكىللەپ ئوت ئۆچۈرمەكتە، يېقىن ئەتراپتىكى ئاممىنى جىددىي يۆتكىمەكتە ھەم ئەتراپتىكى مەكتەپ، ماي قاچىلاش پونكىتلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق سورۇن ۋە ئورۇنلارنى قوغداش تەدبىرىنى قوللانماقتا. نۆۋەتتە، ئوت ئۆچۈرۈپ قۇتقۇزۇش، يارىدارلارنى داۋالاپ قۇتقۇزۇش، ئادەملەرنى تارقاقلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتە.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ شىچاڭدىكى ئوت ئاپىتى ھەققىدە مۇھىم يوليورۇق بەردى

3-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 16 لەردە، سىچۈەن ئۆلكىسى لياڭشەن ئوبلاستى شىچاڭ شەھىرى جىڭجيۇ يېزىسى مائەن كەنتىدە ئورمان ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، ھەش-پەش دېگۈچە شامالغا ئەگىشىپ تۇيۇقسىز كۈچىيىپ كەتكەچكە، ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر ئۆزلىرىنى چەتكە ئېلىشقا ئۈلگۈرەلمەي، 19 ئادەم قازا قىلدى،