ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ جېجياڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-04-01 18:03

جۇڭگو ئۇيغۇر چە رادىيو تورى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا جېجياڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك ھەل قىلغۇچ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىم ئاساستا ئىلگىرىلەشتەك خىزمەتنىڭ باش رىتىمىدە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە، «سەككىز ئەۋزەللىك، سەككىز تەدبىر ئىستراتېگىيەسى»نى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئالدىدا مېڭىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەدبىرلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نىشان-ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىدىغان مۇھىم كۆزنەككە تىرىشىپ ئايلىنىش كېرەك.

باھا رپەسلىدىكى 3-ئايدا، جېجياڭ زېمىنىدا رەڭگارەڭ گۈللەر ئېچىلىپ، ئوت-چۆپلەر بۈك- باراقسان ئۆسكەن ئىدى. شى جىنپىڭ جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چې جۈن ۋە ئۆلكە باشلىقى يۈەن جياجۈننىڭ ھەمراھلىقىدا 3-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 4- ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە، نىڭبو، خۇجۇ، خاڭجۇ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، پورتلار، كارخانىلار، يېزىلار، ئېكولوگىيەلىك نەم يەر قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 29-كۈنى نىڭبودىكى جۇشەن پورتىنىڭ چۇەنشەن پورت رايونىنى كۆزدىن كەچۈردى. چۇەنشەن پورت رايونى تەدبىر قوللىنىپ ئىشلەپچىقىرىشنى بالدۇر ئەسلىگە كەلتۈردى، پورتنىڭ يۈك كىرگۈزۈش-چىقىرىش مىقدارى تەدرىجىي ھالدا دائىملىق سەۋىيەگە يەتتى. شى جىنپىڭ كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇش زالىدا پورت رايونىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. بىرىنچى قەۋەتتىكى زالدا، شى جىنپىڭ پورت ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلاردىن ھال سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نىڭبو جۇشەن پورتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى باشلامچىلىق بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ئېلىمىز كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يەر شارى كەسىپ زەنجىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. سۇ كەلگۈچە توغان تۇتۇپ، چېگرا سىرتىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا دىققەت قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا قوللانغان تۈرلۈك چەكلەش خاراكتېرلىك تەدبىرلىرىنىڭ يۈك سۇ تىرانسپورتىغا ئېلىپ كەلگەن تەسىرىگە پائال تاقابىل تۇرۇپ ۋە ئۇنى پەسەيتىپ، ئېلىمىزنىڭ ئېكسپورت ماللىرىنى سىرتقا چىقىرىشى، ئىمپورت ماللىرىنى كىرگۈزۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تىرىشىپ تۈگىتىپ، ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

ئارقىدىن شى جىنپىڭ ئاپتوموبىل بىلەن چۇەنشەن پورت رايونى 2-نومۇرلۇق يۈك ساندۇقلۇق پاراخوت توختىتىش ئورنىغا كېلىپ، يامغۇرغا قارىماي پىرىستان نەق مەيدانىدا يۈك ساندۇق مەشغۇلات ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، پورتنىڭ مەشغۇلات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پورت ئۇللۇق، تۈگۈنلۈك ئەسلىھە، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم تىرىكى. نىڭبو جۇشەن پورتى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق دۆلەت ئىستراتېگىيەسىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، «مۇستەھكەم» كۈچ ھېسابلىنىدۇ. 1-دەرىجىلىك ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، پورتنى ياخشى قۇرۇپ، ياخشى باشقۇرۇپ، تىرىشىپ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كۈچلۈك پورت بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ پورت رايونىدىن ئايرىلىپ، نىڭبو بېيلۇن داچى ئالى دەرىجىلىك ماشىنا زاپچاسلىرى مودېلى باغچە رايونىغا بېرىپ، ئوتتۇرا، كىچىك پۇقراۋى ياسىمىچىلىق كارخانىسى نىڭبو جېنجى ماشىنا مودېلى چەكلىك شىركىتىنى تەكشۈردى، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ۋە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە كېلىپ، ئىشچىلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئىش ئورنىغا قايتىش سەپىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغان- بولمىغانلىقى، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا يەنە قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكى، مائاشىنىڭ نورمال تارقىتىلغان-تارقىتىلمىغانلىقىنى سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كۆپچىلىكنىڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىپ، ۋاقتىدا ئىش ئورنىغا قايتىپ، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ھەم كارخانىغا ۋە دۆلەتكە، ھەم ئۆزىگە پايدىلىق. كارخانىلار نورمال ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىسا دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى، كۆپچىلىككە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگىلى بولىدۇ، كۆپچىلىك كىرىمگە ئىگە بولسا، ئائىلىسى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېلىمىزدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار جانلىق، ھاياتىي كۈچكە ئىگە، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەشكە ماھىر، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت شۇنداقلا جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ قوللىشى بىلەن چوقۇم قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتنى كۈتۈۋالالايدۇ.

شى جىنپىڭ باغچە رايونىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىدە، باغچە رايونىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەمدە باغچە رايونىدىكى باشقۇرغۇچىلار، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا مەسئۇللىرىنىڭ ۋەكىللىرى، باشقا جايلاردىن جېجياڭغا قايتقان خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۇقراۋى كارخانىلار، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى، بولۇپمۇ كەسىپ تەرەققىياتىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. تۇيۇقسىز پەيدا بولغان يۇقۇم تۈرلۈك كارخانىلارغا ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر يۈرۈش سىياسەت-تەدبىرلەرنى قوللاندى، بۇ تەدبىرلەر يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، يەنە ۋاقتىدا مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى ئالاھىدە كۆزدە تۇتۇپ، بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىنى قوللىدى ۋە ياردەم بەردى. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار كارخانىچىلار روھىنى نۇرىلاندۇرۇپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، يۇقۇمنىڭ خىرىسىنى تىرىشىپ يېڭىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 30-كۈنى خۇجۇ شەھىرى ئەنجى ناھىيەسى تيەنخۇاڭپىڭ بازىرى يۈسۈن كەنتىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. 2005-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى، شۇ چاغدىكى جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شى جىنپىڭ بۇ كەنتنى تەكشۈرگەندە، «سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەننى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان. 15 يىلدىن بۇيان، يۈسۈن كەنتى بۇ ئىدىيەنى قەتئىي ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېكولوگىيەسى گۈزەل، كەسىپلەر گۈللەنگەن، پۇقرالار بېيىغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقتى، گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشى يۈسۈن كەنتىدە رېئاللىققا ئايلاندى. شى جىنپىڭ كەنت پارتىيە ئەزالىرى ئامما مۇلازىمەت مەركىزىدە يۈسۈن كەنتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ يېشىل ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

سىم-سىم يامغۇر يېغىپ، كەنت تېخىمۇ ياپيشېل تۈسكە كىرگەن ئىدى. شى جىنپىڭ كەنتنىڭ يېشىل يوللىرىنى بويلاپ مېڭىپ، كەنتنىڭ قىياپىتى ۋە زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆردى، شى جىنپىڭ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نېلۇپەر كۆلىنى تازىلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئېتىز بېشىغا بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ۋە تېرىلغۇ تەييارلىقىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى. باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكى ئاڭلىغان كەنت ئاھالىلىرى يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە تىزىلىپ، قىزغىن ئالقىش ياڭرىتىپ، باش شۇجىنى قىزغىن قارشى ئالدى.

چۈنلىن قورۇقى-يۈسۈن كەنتى كاننى تاقاپ، يېشىل تەرەققىيات يولىدا ماڭغاندىن كېيىن قۇرۇغان تۇنجى پۇقراۋى قونالغۇ ئىدى. قورۇقنىڭ ئىگىسى باش شۇجىنى قىزغىنلىق بىلەن ھويلىغا باشلاپ، ئۇنىڭغا يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى سەھراھ ئارامگاھى ئىگىلىكى ۋە ئاق چاي قاتارلىق ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ھويلىدا، شى جىنپىڭ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ پېشقەدەم شۇجىسى ۋە يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن پاراڭلاشتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى قىممەتلىك بايلىق دېگەن ئىدىيە-پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە ھەرىكىتىگە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمىغا ئايلاندى. ئەمەلىيەت-ئىقتىسادنى ئېكولوگىيەنى بۇزۇش بەدىلىگە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى، ئېكولوگىيەنىڭ ئۆزى ئىقتىساد، ئېكولوگىيەنى ئاسراشنىڭ ئۆزى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىق. مەن يۇرتداشلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا قەتئىي مېڭىپ، ئېكولوگىيەنى ياخشى ئاسراش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، كۆپ خىل ئىگىلىكنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېكولوگىيە ئۈنۈمىنى ئىقتىسادىي ئۈنۈم، ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا، ھەم شەھەرلەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ھەم يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش كېرەك. يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، يېزا-كەنت ئىگىلىكى، يېزا-كەنت قانۇنچىللىقى، يېزا-كەنت مەدەنىيىتى، يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش، يېزا-كەنت ئېكولوگىيەسى، يېزا-كەنت پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلاش لازىم.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ ئەنجى ناھىيەلىك ئىجتىمائىي زىددىيەت، ماجىرالارنى ياراشتۇرۇش، پەسەيتىش مەركىزىگە بېرىپ، ئاممىنىڭ زىددىيەت، ماجىرالىرىنى بىرلا بېكەتتە قوبۇل قىلىش، بىراقلا ياراشتۇرۇش، تولۇق زەنجىرلىك ھەل قىلىش ئەندىزىسىنى يۈرۈشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاساسىي قاتلام-جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنىڭ ئاساسى. ئىجتىمائىي زىددىيەت-ماجىرالارنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئالدىنى ئېلىش، ياراشتۇرۇش، پەسەيتىش ھەر تەرەپلىمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار تۆۋەنگە چۈشۈپ ئەرز ئىگىلەش بىلەن ئاممىنىڭ يۇقىرىغا ئەرز قىلىشىنى بىرلەشتۈرۈپ، زىددىيەت-ماجىرالارنى ياراشتۇرۇش، پەسەيتىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، پۇقرالارغا دۇچ كەلگەن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىدىغان جاي تېپىپ بېرىپ، زىددىيەتنى بىخ ھالىتىدە ھەقىقىي ھەل قىلىش، ئاساسىي قاتلامدا پەسەيتىش كېرەك. ئەنجى ناھىيەسىنىڭ ئۇسۇلىنى كېڭەيتىشكە ئەرزىيدۇ.

خاڭجۇ شىشى دۆلەت نەملىك باغچىسى-پۈتۈن مەملىكەتتىكى تۇنجى دۆلەت نەملىك باغچىسى. 3-ئاينىڭ 31-كۈنى، شىشى نەملىكى تۇمانسىمان يامغۇر بىلەن قاپلانغان، گۈل-گىياھلار بەك چىرايلىق بولۇپ كەتكەن ئىدى. شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، يېشىل قاش، بەخت قېشىنى بويلاپ، نەملىكنى قوغداش، پايدىلىنىش ئەھۋالىنى كۆردى. يول بويىدا، ساياھەتچىلەر بەس-بەستە باش شۇجىغا سالام قىلدى، شى جىنپىڭ ئارىلاپ-ئارىلاپ قول پۇلاڭلىتىپ كۆپچىلىككە ئېھتىرام بىلدۈردى. لۇڭجىڭ چېيى قورۇش ۋە يەرلىكنىڭ ئۆزگىچە ئىجادىي مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يايمىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ يايمىنى كۆردى، ئۇلارنى ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نەملىكنىڭ قىممەت يېرى ئۇنىڭ ئەسلى ئېكولوگىيەسىدە، ئەسلى ئېكولوگىيە-ساياھەتنىڭ كاپىتالى، ساياھەتچىلىكنى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، زىيادە سودىلاشتۇرۇپ ئېچىشقا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا تەسىر يەتكۈزىدىغان بىر قىسىم قۇرۇلۇشلارنى قىلىشقا بولمايدۇ، خۇسۇسىي ئارامخانا سېلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، باغچىلارنى خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان يېشىل ماكانىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سۇ-نەملىكنىڭ جېنى، تەبىئىي ئېكولوگىيەنىڭ گۈزەللىكى-شىشى نەملىكىنىڭ ئەڭ ئىچكى، ئەڭ مۇھىم گۈزەللىكى. ئاسراشنى قەتئىي تەۋرەنمەي 1-ئورۇنغا قويۇپ، نەملىك ئېكولوگىيەسى ۋە سۇ مۇھىتىنى ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن ساقلاش؛ شىخۇ كۆلى ۋە شىشى نەملىكىنى ياخشى ئاسراشنى خاڭجۇ شەھىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشنىڭ روشەن يۆنىلىشى قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېكولوگىيەدىن ئىبارەت ئۈچ بوشلۇقنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىر تۇتاش ياخشى پىلانلاپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە تۇرىدىغان، تەڭ ياشاپ تەڭ گۈللىنىدىغان تۇرۇشقا باب شەھەر قۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ تەجرىبىلەرنى يارىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ ئارقىدىن خاڭجۇ شەھەر چوڭ مېڭىسىنى يۈرۈشتۈرۈش قوماندانلىق مەركىزىگە بېرىپ، «قاتناش قىستاڭچىلىقىنى رەقەملىك تۈزەش»، «شەھەرنى رەقەملىك باشقۇرۇش»، «يۇقۇمنى رەقەملىك تىزگىنلەش» قاتارلىق قوللىنىش كۆرسەتمىلىرىنى كۆرۈپ، خاڭجۇ شەھىرىنىڭ شەھەر چوڭ مېڭىسىنى قوللىنىپ، قاتناش، مەدەنىيەت-ساياھەت، سەھىيە-ساغلاملىق قاتارلىق سىستېمىلىق ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، شەھەرلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇش شەرت. بۈيۈك مەلۇمات، بۇلۇت چوت، رايون-بۆلەك زەنجىرى، سۈنئىي ئاقىل قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، شەھەر باشقۇرۇش ۋاسىتىسى، باشقۇرۇش ئەندىزىسى، باشقۇرۇش ئىدىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، رەقەملەشتۈرۈشتىن ئاقىللاشتۇرۇشقىچە، ئۇنىڭدىن ئەقلىيلەشتۈرۈشكىچە، شەھەرلەرنى تېخىمۇ ئاقىل، تېخىمۇ ئەقلىي قىلىش-شەھەرلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇقەررەر يولى، بۇنىڭ ئىستىقبالى پارلاق. شى جىنپىڭ خاڭجۇنىڭ شەھەر چوڭ مېڭىسىنى قۇرۇش جەھەتتە داۋاملىق ئىزدىنىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، شەھەرنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قېزىپ، ئەقلىي شەھەر قۇرۇشنى تېزلىتىپ، پۈتۈن مەملىكەت ئۈچۈن كېڭەيتكىلى بولىدىغان تېخىمۇ كۆپ تەجرىبىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، جېجياڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىر مەزگىل جاپاغا چىداپ تېرىشىش ئارقىلىق، ئېلىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋەزىيىتى داۋاملىق ياخشىلاندى، دۆلەت ئىچىدە يۇقۇم تارقىلىشنىڭ يۇقىرى پەللىسى ئۆتۈپ كەتتى، لېكىن چەتئەللەردە يۇقۇم يەنىلا تېزدىن يامرىماقتا، ئېلىمىز يۇقۇمنىڭ چېگرا سىرتىدىن كىرىش خەتىرى زور كۆلەمدە كۈچىيىش ئەھۋالىغا دۇچ كەلدى. سىرتتىن كىرىش، ئىچىدە قايتىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مەھكەم چىڭ تۇرۇش شەرت، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى قايتىمۇ-قايتا تەكىتلەپ، ئۇنىڭدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر سەگەك بولۇپ، قەتئىي ئالدىنى ئېلىش، بولۇپمۇ كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمەتلىرىنى داۋاملىق چىڭ، ئەمەلىي، ئىنچىكە تۇتۇپ، ئىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەم ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ يۇقۇمنىڭ چېگرا سىرتىدىن كىرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشنى نۆۋەتتىكى، ھەتتا بىر قەدەر ئۇزۇن مەزگىلدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمىتى قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ چېگرا سىرتىدىن كىرىش خەتىرىگە تاقابىل تۇرىدىغان مۇستەھكەم مۇداپىئە لىنىيەسى بەرپا قىلىش؛ ھەر قانداق يوچۇقنىڭ پەيدا بولۇشىغا يول قويماسلىق كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەۋپ ۋە پۇرسەت تەڭ مەۋجۇت، خەۋپنى يەڭگەندىلا ئاندىن پۇرسەتكە ئېرىشىمىز. چېگرا سىرتىدا يۇقۇمنىڭ تېز سۈرئەتتە كېڭىيىپ يامرىشىغا ئەگىشىپ، خەلقئارا سودا پائالىيىتى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىدى، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى يېڭى خىرىسقا دۇچ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېلىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنى تېزلىتىشى، كەسىپنى ياخشىلاپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە يېڭى پۇرسەت ئاتا قىلىندى. چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، توغرا پەرق ئېتىپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ماسلىشىپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلىپ، كۆز ئالدىمىزدىكى كىرىزىس، كۆز ئالدىمىزدىكى قىيىنچىلىق ئىچىدىن پۇرسەتنى تۇتۇش ۋە يارىتىشقا ماھىر بولۇشىمىز كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئىشنى-ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش، دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى كۈچلۈك تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشنى-ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داۋامىدىكى قىيىن نۇقتىلار، توسۇلۇش نۇقتىسىنى پائال يېشىپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ بىرلىشىپ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلقئارا ئىقتىساد ۋەزىيىتىگە ھۆكۈم قىلىش ۋە ئۇنى تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، قاراتمىلىق سىياسەت تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا تۈزۈپ، خەلقئارا تەمىنات زەنجىرىنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاپ، تۈرلۈك ئىقتىساد سودا پائالىيەتلىرىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىش، جەلپ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئەمەلىي، قاتتىق تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. كەسىپنى رەقەملەشتۈرۈش، رەقەملىك كەسىپلەشتۈرۈش ئاتا قىلغان پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، 5Gتورى، سانلىق مەلۇمات مەركىزى قاتارلىق يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، ھاياتلىق ساغلاملىقى، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەر، كەلگۈسى كەسىپلەرنى چىڭ تۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ،پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى كۈچەپ زورايتىپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى ھاسىل قىلىش كېرەك. مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات سالمىقىنى زورايتىپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ماھىيەتلىك، بۆسۈش خاراكتېرلىك، سىستېمىلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھاتى ئۈچۈن يول تېپىپ چىقىش، تەجرىبە تەقدىم قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەۋقەنى ھازىرقىغا قارىتىپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش ۋە ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تىنچ مەزگىل بىلەن ئۇرۇش مەزگىلىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋىي سەھىيە جىددىي ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەتنىڭ كۈچىنى بىرىنچى سەپكە قارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ مۇھىتىنى ئوڭشاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىۋىي سەھىيە ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەدەنىي، ساغلام، يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتى بىلەن شەھەر-يېزىلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈش لازىم. شەھەر-يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشنى تۇتقا قىلىپ، «مىڭ كەنت ئۈلگە كۆرسىتىش، ئون مىڭ كەنتنى ئوڭشاش» قۇرۇلۇشى ۋە گۈزەل يېزا-كەنت، گۈزەل شەھەر-بازار قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودا-سانائەت كاپىتالى، پەن-تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ «تاغلارغا چىقالايدىغان، يېزىلارغا چۈشەلەيدىغان بولۇشى»غا تۈرتكە بولۇپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىيات تۈزۈلمە مېخانىزمى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى چىڭ، ھەقىقىي تۇتۇپ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ «ئاشلىق»ى، «كۆكتات»لىرىنىڭ تولۇق، باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا، دېھقانلارنىڭ «ھەميان»ىنىڭ توم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. شەرقىي رايونلار بىلەن غەربىي رايونلار نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ھەمكارلىشىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش، نىشانلىق ھەمكارلىشىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، نىشانلىق رايونلارنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش لازىم. «سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، جېجياڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تاغ-دەريالارنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ، بايلىقنى تېخىمۇ زورايتىپ، يېشىللىقنى جېجياڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ كۆركەم رەڭگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جېڭى ھەر قايسى رايونلار، ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسى، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ سەۋىيەسىگە نىسبەتەن ھەقىقىي سىناق. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار (پارتىيە تەشكىلاتلىرى) پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا بولغان دائىملىق تەربىيە ۋە باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسنى پۇختىلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشقا كۆپرەك ھېسسىياتىنى سەرپ قىلىپ، ئاممىغا تەشۋىقى تەربىيە قىلىشقا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاممىنى تەشكىللەش ۋە ئۇيۇشتۇرۇشقا كۆپرەك كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك. دىققەتنى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق ئومۇميۈزلۈك كۆزىتىش، نىشانلىق ئوڭشاشقا قارىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، كادىرلارنى كۆپرەك ۋاقتى ۋە زېھنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، خې لىفېڭ ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ جېجياڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك ھەل قىلغۇچ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىم ئاساستا ئىلگىرىلەشتەك خىزمەتنىڭ باش رىتىمىدە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە، «سەككىز ئەۋزەللىك، سەككىز تەدبىر ئىستراتېگىيەسى»نى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ،