ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېرما زۇڭتۇڭى ۋېن مېينت بىلەن تېلېفونلاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-21 18:11

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچتە بېرما زۇڭتۇڭى ۋېن مېينت بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگودا يېڭى تاجسمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغاندىن كېيىن، بېرما ھۆكۈمىتى ۋە بېرما جەمئىيىتىنىڭ ھەر ساھەسىدىكىلەر جۇڭگوغا ياردەم قولىنى سۇندى. بېرمىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى بىزنى ئەندىشىگە سالدى. جۇڭگو بېرمىغا نۇرغۇن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىئانە قىلدى ھەمدە ئىككى تۈركۈم داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى بېرما تېببىي خادىملىرى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىشقا ئەۋەتتى. بۇ ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان قېرىنداشلارچە دوستلۇقىنى تولۇق نامايەن قىلدى، جۇڭگو  بىلەن بىرمىنىڭ جاپادىمۇ-ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى روھىنى چوڭقۇر ئىزاھلىدى. جۇڭگو بېرمىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، داۋاملىق قەتئىي قوللايدۇ ۋە چامىسىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىدۇ. بىرما خەلقىنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن چوقۇم غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. جۇڭگو بېرمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى داۋاملىق قوللاپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىق ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قەتئىي قوغداپ، يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە قوغداش جېڭىدە بىرلىكتە غەلىبە قىلىشنى خالايدۇ. 

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگو-بېرما دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. بۇ يىل 1-ئايدا مەن دۆلىتىڭلاردا مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولدۇم، بىز جۇڭگو-بىرما تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو-بىرما مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىشقا بىردەك قوشۇلدۇق. ئىككى تەرەپنىڭ يېقىندىن ماسلىشىپ، زىيارەت نەتىجىسىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككى تەرەپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد كارىدورى تۈرىدە پائال ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، چېگرانىڭ تىنچلىقى، خاتىرجەملىكى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بىر تۇتاش پىلانلاش كېرەك.

ۋېن مېينت مۇنداق دېدى: سىزنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىڭىزدە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى يۇقۇمنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالدى ۋە ئۇنى تىزگىنلىدى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت، تۇرمۇشى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلدى، بېرما بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال. جۇڭگونىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە بېرمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا دۆلەتلەرنى قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمىز. يۇقۇم ئالدىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەر ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ئادىللىقنى، ھەر بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ھوقۇقىنى قوغدىشى كېرەك. بېرما بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى ياخشى ھەمكارلىق دەل ئىككى تەرەپنىڭ بېرما-جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشقا كۈچ چىقارغانلىقىنىڭ كارتىنىسى. بىرما بىر جۇڭگو سىياسىتىدە داۋاملىق چىڭ تۇرىدۇ. بېرما جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىل 1-ئايدا بېرمىدا زىيارەتتە بولغاندىكى نەتىجىلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قېرىنداشلارچە دوستلۇق ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بېرما بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېرما زۇڭتۇڭى ۋېن مېينت بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچتە بېرما زۇڭتۇڭى ۋېن مېينت بىلەن تېلېفونلاشتى.