ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېنگال زۇڭلىسى خاسىنا بىلەن تېلېفونلاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-21 18:16

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچتە بېنگال زۇڭلىسى خاسىنا بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان ھالقىلىق پەيتتە، بېنگال جەمئىيىتىدىكى ھەرقايسى ساھەلەر ئوخشىمىغان شەكىللەر ئارقىلىق جۇڭگونى قوللاپ، بېنگال خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە بولغان چوڭقۇر دوستلۇقىنى ئىپادىلىدى. نۆۋەتتە، جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدا يۇقۇم يامراۋاتىدۇ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل. جۇڭگو بېنگالنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بېنگالنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى داۋاملىق قەتئىي قوللايدۇ ۋە چامىسىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىدۇ، يېقىندا بېنگالغا بىر داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئەۋەتىدۇ. سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىزدە، بېنگال خەلقىنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بېنگال ھۆكۈمىتىنىڭ بېنگالدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىغا ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، جۇڭگومۇ  جۇڭگودىكى بېنگال پۇقرالىرىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا داۋاملىق كاپالەتلىك قىلىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىغا كاشىلا قىلىدىغان، يەر شارى بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارغا قارشى تۇرىدۇ. جۇڭگو بېنگالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، خەلقئارا بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن بېنگال ئەنئەنىۋى دوست قوشنا دۆلەتلەر، ئىككى تەرەپ مۇھىم تەرەققىيات ھەمراھلىرى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن بېنگالنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ  قۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو بېنگال بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، پايدىلىق  شارائىتلارنى تەدرىجىي يارىتىپ، نۇقتىلىق ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئىككى تەرەپنىڭ يۇقۇمدىن كېيىن ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىگە ياخشى ئاساس سېلىشى كېرەك.

خاسىنا مۇنداق دېدى: بېنگال بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى چوڭقۇر، رەئىس شى جىنپىڭ 2016-يىلى بېنگالدا مۇۋەپپەقىيەتلىك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈردى. بېنگالنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى قىيىن بولۇۋاتقان پەيتتە، جۇڭگونىڭ قىممەتلىك قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكى بېنگالنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى، بېنگالنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى، بېنگال بۇنىڭغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىدۇ. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەر شارى خاراكتېرلىك خىرىس، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. جۇڭگونىڭ جۇڭگودىكى بېنگال پۇقرالىرى بولۇپمۇ ۋۇخەندىكى بېنگاللىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، بېنگال بېنگالدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. بېنگال جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇپ، بېنگال بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېنگال زۇڭلىسى خاسىنا بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچتە بېنگال زۇڭلىسى خاسىنا بىلەن تېلېفونلاشتى.