ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ تۇنجى «خەلقئارا چاي كۈنى»گە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-21 18:24

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

بۇ يىل 5-ئاينىڭ 21-كۈنى-بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بېكىتكەن تۇنجى «خەلقئارا چاي كۈنى». دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ «خەلقئارا چاي كۈنى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى خەت ئەۋەتىپ قىزغىن تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چاي جۇڭگودا بارلىققا كېلىپ، دۇنيادا ئومۇملاشقان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «خەلقئارا چاي كۈنى»نى تەسىس قىلغانلىقى-خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چاينىڭ قىممىتىگە بولغان ئېتىراپى ۋە ئەھمىيىتىنى گەۋدىلەندۈرگەن بولۇپ، چاي كەسپىنى گۈللەندۈرۈش، چاي مەدەنىيىتىنى نۇرلاندۇرۇشتا ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. چاي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال قىلىش چوڭ دۆلىتى بولغان جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، يەر شارى چاي كەسپىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، چاي مەدەنىيىتىنى ئالماشتۇرۇش، ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى چاينى تونۇش، چاينى ياقتۇرۇش، چايدىن ھۇزۇرلىنىش، گۈزەل تۇرمۇشتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرۈشنى خالايدۇ.

چاي-دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ ئىچىملىكنىڭ بىرى، يەر شارىدىكى چاي ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت ۋە رايون 60 تىن، چاي ئىچىدىغان ئادەم ئىككى مىلياردتىن ئاشىدۇ. 2019-يىلى 12-ئايدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشى چاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت قىممىتىنى مەدھىيەلەپ، يەر شارى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنىنى «خەلقئارا چاي كۈنى» قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇ يىللىق «خەلقئارا چاي كۈنى» مەزگىلىدە، ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك، يېزا مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق، يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى، جېجياڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت «چاي ۋە دۇنيا، چايدىن تەڭ ھۇزۇرلىنىش»نى باش تېما قىلىپ، تور ئارقىلىق يۈرۈشلۈك تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ تۇنجى «خەلقئارا چاي كۈنى»گە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

بۇ يىل 5-ئاينىڭ 21-كۈنى-بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بېكىتكەن تۇنجى «خەلقئارا چاي كۈنى». دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ «خەلقئارا چاي كۈنى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى خەت ئەۋەتىپ قىزغىن تەبرىكلىدى.