ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىغاندا قىلغان سۆزى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-26 17:05

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 23-كۈنى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى ھەمدە بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇھىم سۆز قىلدى، ئۇنىڭ سۆزى ۋەكىللەر ۋە ئەزالار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى، كۆپچىلىك بەس بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ سۆزى ئىلىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم يېتەكچىلىك قىلدى، قىيىنچىلىقنى يېڭىش، كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشقا كۈچلۈك ئىشەنچ ۋە كۈچ ئاتا قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئەزالار ئارىسىغا بېرىپ، ئۇلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، دۆلەت ئىشلىرىنى بىرلىكتە مەسلىھەتلەشتى، نۆۋەتتە جەمئىيەت ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئامما يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىۋاتقان قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەر ھەققىدە كۆپچىلىكنىڭ پىكىر تەكلىپلىرىنى تولۇق ئاڭلىدى ھەمدە بىر بىرلەپ ئىنكاس قايتۇردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۈگۈنكى پۇقراۋىي كارخانىلار جۇڭگونىڭ ئۈمىدكە تولغان بىپايان زېمىنىدا ئۆسۈپ يېتىلدى، لېكىن ئۇلار ئەڭ دەسلەپ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، قىسىلچىلىقلاردىن تىرىشىپ ئۆتۈپ، تار يولدىن يول تېپىپ تەرەققىي قىلدى، بۇ جەريان ھەقىقەتەن جاپالىق بولدى، تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۆلەمگە ئىگە بولۇش، بۈگۈنكىدەك تۆھپىلەرنى قوشۇش ئىنتايىن قالتىس ئىش. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ليۇ ۋېي نەق مەيداندا باش شۇجىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، زور ئىلھاملاندى، ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى پارتىيەنىڭ سىياسىتى، دۆلەتنىڭ سىياسىتىنىڭ چوقۇم پۇقراۋىي كارخانىلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. پۇقراۋى پەن تېخنىكا تىپىدىكى كارخانا كەسىپكارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن چوڭقۇر ئىلھاملاندىم ۋە ناھايىتى ھاياجانلاندىم.

باش شۇجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز ۋەزىيەتنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، نۆۋەتتىكى قىيىنچىلىق، خېيىم خەتەر، خىرىسلارغا ئومۇميۈزلۈك، دىيالېكتىك، يىراقنى كۆرەرلىك نەزىرى بىلەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەت بولۇپمۇ تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشىغا پائال يېتەكچىلىك قىلىپ، كىرىزىس ئىچىدىن تىرىشىپ يېڭى پۇرسەت تېپىپ، ئۆزگىرىشچان ۋەزىيەت ئىچىدىن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى شې جىچېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جياڭسۇ ئۆلكىسى كەسىپ زەنجىرىنى چوقۇم مۇستەقىل كونترول قىلىش كېرەكلىكىنى تېخىمۇ سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتتى، بىز ھازىر كەسىپ زەنجىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەرتىپكە سېلىپ، تەمىنلەش زەنجىرىنى دەل جايىدا راۋانلاشتۇرۇپ، تەمىنلەش زەنجىرى ئارقىلىق زادى قانچىلىك نەرسىنىڭ كىشىلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىقىشىمىز كېرەك. بىز «مۇستەقىل كونترول قىلغىلى بولىدىغان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش ھەققىدىكى پىكىر» دېگەن بىر ھۆججەتنى تەييارلىدۇق.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: رەقەملىك ئىقتىساد، ئاقىل ياسىمىچىلىق، ھاياتلىق، ساغلاملىق، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى خۇاڭ ماۋشىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇقۇم مەزگىلىدە بىزدە بارلىققا كەلگەن يېڭى ئىقتىسادى ھالەت، سودا تىجارەت سېتىش قېلىپى، سېتىش ۋاسىتىسى، ئىستېمال ھالىتى ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى سودا قېلىپىغا تۈرتكە بولۇپ، بۇ ئارقىلىق پۈتكۈل ئىچكى ئىستېمالنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىشىمىز كېرەك.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى چېن شياۋخوڭ مۇنداق دېدى: ئىنتايىن نۇرغۇن يېڭى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھالىتى تېز شەكىللىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاشۇرۇش يېڭى نۇقتىلىرى مەيدانغا كەلدى، دۆلەت بۇنداق ئەھمىيەت بېرىپ، يەنە بۇنچە كۆپ سىياسەت تۈزگەن ئالىي مەكتەپلەرمۇ بۇلۇت قوبۇل قىلىش، بۇلۇت مۇلازىمىتىنى ياخشى قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرنى تىرىشىپ يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك، ئىنقىلابى كونا تايانچ بازا رايوندىن كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى شۈ رۇي مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ بىزگە بايراق كۆتۈرۈپ، يۆنىلىش بېكىتىپ، رولنى تۇتۇپ، يول باشلاپ بەردى، بىزنىڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئىشەنچىمىز تامامەن بار، كېيىنكى قەدەمدە بىز يېزا كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرىدىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىمىز.

يېزا ئىگىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسنى پۇختىلاش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسى ئورنىنى مۇستەھكەملەش ــ باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلەپ كېلىۋاتقان مەسىلە. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى ۋەزىيەتتە يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىدا ساقلىنىۋاتقان چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى قۇرۇلمىسى، خېيىم خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى جەھەتتە كۈچەش كېرەك. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى لى شۆلىن چوڭقۇر ئىلھاملانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: بولۇپمۇ بىزنىڭ يۈننەندە ئېگىزلىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە يېزا ئىگىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەسىپ ۋە خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يېشىل يېمەكلىك ماركىسى بەرپا قىلىشقا كۈچەش كېرەك، يېزا ئىگىلىكىدە تويۇنۇشتىن ياخشى، ئۆزگىچە، ھەر خىل، بىخەتەر، ساغلام يېمەكلىك يېيىشكە بۇرۇلۇش ياساش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ئۇزاق مۇددەت بايلىق سەرپىياتى يۇقىرى، ئۈنۈمى تۆۋەن، يىرىك تەرەققىي قىلىشتىن بايلىقنى قوغداشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشنى گەۋدىلەندۈرۈش، پەن تېخنىكا ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقا تايىنىش ئۇسۇلىغا بۇرۇلۇش ياساش كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىغاندا قىلغان سۆزى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

باش شۇجى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 23-كۈنى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئىقتىساد