ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭنىڭ خۇبېي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋەكىللەر ۋە ئەزالار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-26 18:06

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

5-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن،جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىغا قاتناشقان خۇبېي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشقا قاتناشتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: زور يۇقۇمنىڭ ۋە تۇيۇقسىز كەلگەن ئاممىۋى سەھىيە خەۋپ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئىلىش-تىزگىنلەش، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىياتىغا، جەمئىيەتنىڭ سىياسىي ئومۇمىيلىقى ۋە مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك. شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ۋەكىللەر ۋە ئەزالار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ۋەكىللەر ۋە ئەزالار »باش شۇجىنىڭ سۆزى بىزنىڭ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە يۆلىنىش كۆرسىتىپ بەردى« دېدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئىلىش-تىزگىنلەشتىن ئىبارەت تارىنى چىڭىتىپ، باشتىن ئاخىرى ئېھتىياتچان بولۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتىلىنىشنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، ئاسان قولغا كەلمىگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئىلىش-تىزگىنلەش مۇۋەپپىقىيىتىنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق كېرەك.

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، يۈننەن ئۆلكىلىك سەھىيە ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ ياڭ مۇنداق دېدى: چېگرا ئۆلكىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۈننەن ئۆلكىسى كەم-كۇستىلارنى تولۇقلاپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئىلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، تەيجۇ شەھەرلىك پارتكومىنىڭ شۇجىسى شى لىجۇن مۇنداق دېدى: تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش دورا قۇتىسىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان چوڭ شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەيجۇ تېببىي دورا كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق تېزلىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئىلىش-تىزگىنلەش، تاقابىل تۇرۇش ئۇرۇشى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشقا كۈچ چىقىرىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا ئىلىمىزنىڭ ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى، تېببىي داۋالاش مۇلازىمەت سىستېمىسى مۇھىم رول ئوينىدى، بىراق يەنە بىر قىسىم كەم كۇستىلار ۋە يېتەرسىزلىكلەر بايقالدى. بىز ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە توغرا قاراپ، ئىسلاھات كۈچىنى زورايتىپ، كەم كۇستىلارنى تولۇقلاپ، يوچۇقنى ئېتىپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنى چىڭ تۇتىشىمىز كېرەك. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مەزگىلىدە قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ۋاڭ لىن مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ سۆزى كېيىنكى باسقۇچتىكى خىزمەتلەرگە يۆلىنىش كۆرسىتىپ بەردى.

مەھەللەرگە چۈشكەن پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋۇخەن 2-يېنىك سانائەت مەكتىپىدىن كەلگەن ۋەكىل يۇ چېڭ مۇنداق دېدى: يىغىن مەيدانىدا باش شۇجىغا پىدائىيلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ۋە ئۆزىنىڭ مەھەللىگە چۈشكەندە قىلغان خىزمەتلىرىنى سۆزلەپ بەردى .
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مۇھىم ۋەزىپە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئىلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەشتىن ئىبارەت. ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۆۋەن كاپالەت خىزمىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قالغان نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى قەتئىي ئورۇنداپ، يۇقۇم تۈپەيلىدىن نامراتلىشىپ كېتىش ۋە قايتا نامراتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش كېرەك.

ئاساسى قاتلامدىن كەلگەن ۋەكىل بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئېنشى تېغىدىن كەلگەن ۋەكىل سۇڭ چىڭلى باش شۇجىغا تاغلىق كەنتتىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى دوكلات قىلدى.

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئەزاسى، جۇڭگو 1-ئېغىر سانائەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى لىيۇ مىڭجوڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئىلىش بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى تەڭ تۇتۇشنى بىلدۈردى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى لى جېخوڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ يېڭى دەۋردە ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى كۆرسەتمىسى مېنىڭ قەلب سادايىمنى ئېيتىپ بەردى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى نىيۇچاۋشې مۇنداق دېدى: يۇقۇملۇق كېسەللىكتىكى ئەڭ تۆۋەن تەننەرخلىق ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ ساغلام ئۇسۇل ئالدىنى ئىلىش، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغاندا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر يۈز بەرمەيدۇ ياكى ئاز يۈز بېرىدۇ، بۇ بىزنىڭ ئاخىرقى نىشانىمىز بولۇپ، مۇشۇنداق قىلغاندا خەلق ئاممىسىنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ھاياتى بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى جاڭ جېلوڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ سۆزىنى ئۆگەنگەندىن كىيىن،مېنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەشكە بولغان ئىشەنچىم چىڭىدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭنىڭ خۇبېي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋەكىللەر ۋە ئەزالار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

5-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن،جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى