ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خۇبېينىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى تېرىشىپ يېزىپ چىقايلى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-26 19:05

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى خۇبېي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، خۇبېي خەلقى ۋە ۋۇخەن خەلقى قەھرىمان خەلق بولۇشقا مۇناسىپ، مەن خۇبېيدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن ھەم چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، خۇبېيدىكى يولداشلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن دەپ كۆرسەتتى. كۆپچىلىك بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپىنى چوقۇم ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، خۇبېينىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ چىقىمىز دېدى.

باش شۇجىنىڭ ئالايىتەن كۆپچىلىكنى يوقلىشى-كۆپچىلىككە زور ئىلھام بەردى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى سۇڭ چىڭلى مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مەن چوقۇم خۇبېي ۋەكىللەر ئۆمىكىگە بېرىپ، كۆپچىلىكنى يوقلايمەن، چۈنكى سىلەر 60 مىليون خۇبېي خەلقىگە ۋەكىللەر قىلىسىلەر دېدى، ئەينى چاغدا بىز بۇ گەپنى ئاڭلىغاندا ئىنتايىن روھلاندۇق، روھىمىزمۇ بەك كۆتۈرۈلدى.

ۋەكىل لوجيې-خۇبېي ئۆلكىسى شىيەن شەھىرى تەيخې دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى، يۇقۇم مەزگىلىدە، ئۇ شىيەن شەھەرلىك داۋالاپ قۇتقۇزۇش مۇتەخەسسىلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولغان ئىدى. ئۇ باش شۇجىغا ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى قانداق كۈچەيتكەنلىكىنى دوكلات قىلدى. لوجيې مۇنداق دېدى: باش شۇجى سىلەرنىڭ دوختۇرخاناڭلارنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە قانچە تېببىي خادىم، قانچە كارىۋات بار دەپ سورىدى، مەن باش شۇجىنىڭ بىر دوختۇرخانىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە قانچە تېببىي خادىم بار دېگەندەك شۇنچە ئىنچىكە ئىشلارنى سورايدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن، بىر چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ بۇنچە ئىنچىكە مەسىلىنى سورايدىغانلىقىنى ھەقىقەتەنمۇ ئويلاپ باقمىغان ئىدىم.
باش شۇجىنىڭ تەيخې دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ ئەھۋالىنى سورىغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن، بۇ بۆلۈمدىكى سېستىرالار، دوختۇرلار بەك ھاياجانلاندى. ئۇلار 5-ئاينىڭ 25-كۈنى كىچىك ۋىدىيونى سىنغا ئېلىپ، باش شۇجىغا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئەۋەتتى.

ۋەكىل يۈچېڭ بىر ئوقۇتقۇچى، يۇقۇم مەزگىلىدە، ئۇ مەھەللىگە چۈشۈپ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتناشتى. يۈچېڭ باش شۇجىغا مەن ۋۇخەندىكى پۇقرالارنىڭ بەدەل تۆلىگەنلىكىگە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىغا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مېھرى-مۇھەببىتىگە گۇۋاھ دېدى. يۈچېڭ ناھايىتى ھاياجانلىنىپ ئورنىدىن تۇرۇپ تازىم قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىك ماڭا ئەگەر سىز باش شۇجىنى كۆرسىڭىز باش شۇجىغا يۈزتۇرانە رەھمەت ئېيتىڭ شۇنداقلا پارتىيە ۋە دۆلىتىمىزگە مىننەتدارلىق ھېسسىياتىمىزنى يەتكۈزۈڭ، ۋۇخەنگە ياردەم بەرگەن ھەر ساھەدىن بولغان بارلىق دوستلارغا رەھمەت ئېيتىڭ، كۆپچىلىكنىڭ ۋۇخەنگە كېلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىمىز، گۈزەل ۋۇخەننىڭ چوقۇم كۆپچىلىككە باغرىنى كەڭ ئاچىدىغانلىقىنى يەتكۈزۈڭ دەپ بەس-بەستە ھاۋالە قىلدى.

5-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچتە، نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ۋۇخەن دۇڭخۇ كۆلىنىڭ قىرغىقىدا ئىللىق چىراغ نۇرلىرى چاقنىدى، بىنادا ئايان بولغان «خۇبېي پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە رەھمەت ئېيتىدۇ» دېگەن خەتلەر خۇبېي خەلقىنىڭ مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىدى. ۋۇخەن شەھىرىنىڭ ئاھالىسى ليۇخۇاشى مۇنداق دېدى: بۇ-ۋۇخەن خەلقىنىڭ كۆڭلىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، بۇ يىل يۇقۇم يامراپ، پۈتكۈل ۋۇخەن ناھايىتى قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا، مەملىكەت بويىچە 40 مىڭدىن ئارتۇق تېببىي خادىم ياردەمگە كېلىپ، بىزنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىمىزغا ياردەم بەردى، بۇ-دۆلىتىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، ئۇلارنىڭ مېھرى-شەپقىتىنى بىز مەڭگۈ قەلبىمىزدە ساقلايمىز، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە رەھمەت.

خۇبېي خەلقى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە رەھمەت ئېيتتى، ۋەكىللەر بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى بىرلىكتە مەسلىھەتلەشكەن باش شۇجى خۇبېي خەلقىدىن ھال سورىدى ۋە رەھمەت ئېيتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: خۇبېي خەلقى، ۋۇخەن خەلقى-يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشكە زور تۆھپە قوشتى شۇنداقلا غايەت زور قۇربانلىق بەردى. ۋۇخەن قەھرىمان شەھەر بولۇشقا مۇناسىپ، خۇبېي خەلقى ۋە ۋۇخەن خەلقى قەھرىمان خەلق بولۇشقا مۇناسىپ. مەن بۇ يەردە ئولتۇرغان ھەر بىرەيلەن ۋە خۇبېيدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن ھەم چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

باش شۇجىنىڭ ھال سورىغانلىقى ۋە رەھمەت ئېيتقانلىقى-پۈتكۈل خۇبېي زېمىنىغا تارقالدى. خۇبېي ۋۇچاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپى تولۇق 3-يىللىقىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىز باش شۇجىنىڭ سالىمىنى تاپشۇرۇۋالدۇق دېدى، خۇبېي ئۆلكىلىك 3-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ تېببىي خادىملىرى مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجىنىڭ سالىمىنى تاپشۇرۇۋالدۇق. بىز نۆۋەتتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە باسقۇچلۇق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يەنە ئۆزىمىزگە تونۇشلۇق بولغان ئىش ئورۇنلىرىمىزغا قايتىپ كەلدۇق، بىز ئىشەنچىمىزنى داۋاملىق چىڭىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنىڭ تارىسىنى چىڭىتىپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ سالامەتلىكىنى داۋاملىق قوغدايمىز، باش شۇجى، خاتىرجەم بولۇڭ!

باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خۇبېينىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان بىر يۈرۈش سىياسەتلەرنى بېكىتتى، مەن خۇبېينىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن دېدى. كۆپچىلىك بىز چوقۇم تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، خۇبېينىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ چىقىمىز دېدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خۇبېينىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى تېرىشىپ يېزىپ چىقايلى

باش شۇجى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى خۇبېي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ