ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ ئازادلىق ئارمىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى يىغىنىغا قاتناشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-27 10:24

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن ئارمىيە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ئاڭلىق بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئارمىيەنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ 2020-يىللىق نىشان-ۋەزىپىلىرىنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى قەتئىي ئورۇنلىشى كېرەك.
يىغىندا، لى يۇڭ، خې لېي، ۋاڭ خەي، لى خوخۇي، سۈي يۈلىڭ، جۇڭ جىمىڭ، ۋاڭ خۇيچىڭ، ليۇ گۇاڭبىن قاتارلىق سەككىز ۋەكىل ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، ئارمىيەمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش، يۇقۇم يۈز بەرگەن شارائىتتىكى ھەربىي تەلىم، ئۇرۇش تەييارلىقىنى كۈچەيتىش، جانلىقلار بىخەتەرلىكى مۇداپىئە ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتى ھەققىدىكى قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشىنىڭ 13-بەش يىللىق پىلانىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، 14-بەش يىللىق پىلاننى تۈزۈش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر-تەكلىپ بەردى.
شى جىنپىڭ ۋەكىللەرنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملارنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش كۈرىشى-ئارمىيەمىزگە نىسبەتەن بىر قېتىملىق چوڭ سىناق بولدى. خەلق ئارمىيەسى پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش كۈرىشىدە مۇھىم رول ئويناپ، گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. ئەمەلىيەت-خەلق ئارمىيەسىنىڭ باشتىن-ئاخىر پارتىيە ۋە خەلق تامامەن ئىشىنىشكە بولىدىغان قەھرىمان ئارمىيە ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.
شى جىنپىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەتلىرىگە بولغان تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى يۇقۇم-دۇنيانىڭ ئەندىزىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى، ئېلىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىياتىغىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. ئاخىرقى چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەربىي تەلىم، ئۇرۇش تەييارلىقى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، تۈرلۈك مۇرەككەپ ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتى، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش؛ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش شارائىتى ئاستىدىكى ھەربىي تەلىم، ئۇرۇش تەييارلىقىنىڭ ئۇسۇلى، چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ۋاقىت، ۋەزىيەتكە قاراپ ياخشى، ئىلمىي تەڭشەپ تىزگىنلەپ، ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ئۇرۇشلاشقان ھەربىي مەشىقنى جانلىق قانات يايدۇرۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش لازىم.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش كۈرىشى-دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىغا نىسبەتەن بىر قېتىملىق ئەمەلىي سىناق بولۇپ، ئىسلاھاتنىڭ ئۈنۈمىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى شۇنداقلا ئىسلاھاتقا يەنە يېڭى تەلەپلەرنى قويدى. يۆنىلىشنى ئۆزگەرتمەسلىك، يولدىن قېيىپ كەتمەسلىك، سالماقنى ئازايتماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسەت، تۈزۈم، ئىسلاھاتتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتىلارنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھات خىزمەتلىرىنى بىر تۇتاش ياخشى ئىشلەپ، بەلگىلەنگەن ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئۆز قەرەلىدە ئورۇنلاش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىدە ئاشكارىلانغان يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى ۋە چارىسى بىلەن تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش؛ ئارمىيەمىزنىڭ مېدىتسىنا پەن تەتقىقات ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ دورا ھەم ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ سەرخىل مەھسۇلاتلارنى بارلىققا كەلتۈرۈش؛ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ جەڭگىۋارلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش، بولۇپمۇ مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش، ئىجادىي يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىش لازىم. ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاچقۇچ ئادەمدە، ئۈچتە بىر گەۋدىلەشكەن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن يېڭىچە ھەربىي ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل-ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىنىڭ 13-بەش يىللىق پىلانى تاماملىنىدىغان يىل، ئادەتتىن تاشقىرى تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، زور ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاش، ئىستراتېگىيە ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش؛ ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشىنىڭ 14-بەش يىللىق پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرمىسى بىلەن ئۆز ئارا ماسلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىستراتېگىيە قاتلىمىدىن بىر تۇتاش ياخشى پىلانلاپ، پىلاننىڭ سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىنچىكە ھېسابلاپ، ھەربىي خىراجەتنى ياخشى باشقۇرۇپ ۋە ياخشى ئىشلىتىپ، ھەر بىر پۇڭ پۇلنىمۇ ئەڭ زور ئۈنۈمدە خەجلەش لازىم.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى-پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ كۆرۈنەرلىك سىياسىي ئەۋزەللىكى، بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش كۈرىشى بۇ نۇقتىنى تولۇق كۆرسىتىپ بەردى. ئارمىيەمىز ھەربىي ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئورۇنلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى قوللاپ، يەرلىكنىڭ جەمئىيەت ئومۇملۇقى، مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەمكارلىشىشى كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ۋە ھۆكۈمەتلەر-دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، بارلىق ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن غەمدىن خالاس قىلىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشكە بولغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىشى لازىم.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يۇشيا، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋخۇا، جاڭ شېڭمىن يىغىنغا قاتناشتى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ ئازادلىق ئارمىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى يىغىنىغا قاتناشتى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن