ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭنىڭ ئازادلىق ئارمىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىدە قىلغان مۇھىم سۆزى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-28 17:05

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن ئارمىيە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ئاڭلىق بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئارمىيەنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ 2020-يىللىق نىشان-ۋەزىپىلىرىنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى قەتئىي ئورۇنلىشى كېرەك.
پىلان چىقىرىلىپ، يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلدى. بۇ-رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۇدا سەككىز يىل مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىشى ھەم مۇھىم سۆز قىلىشى بولۇپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە بولغان غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى. پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر بىردەك رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، بۇرچىمىزنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تېرىشىپ ئاچىمىز دېدى.

نەق مەيداندا سۆز قىلغان سەككىز ۋەكىلنىڭ بىرى، ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك باش مۇتەخەسسىسى خې لېي مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، ئارمىيەمىزنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشىنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ئاڭلىق بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، راكېتا ئارمىيەسى سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى چېڭ جيەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدىن بەك ئىلھاملاندى شۇنداقلا مەسئۇلىيىتىنىڭ چوڭلۇقىنى ھەسسىلەپ ھېس قىلدى. چېڭ جيەن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش-ئۇرۇش ئارقىلىق قوشۇن قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتى، راكېتا ئارمىيەسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم دېگەن بىر كۈچلۈك ئىلھامنى ئاتا قىلدى. كېيىنكى قەدەمدە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش بىلەن ھەربىي تەلىم، ئۇرۇش تەييارلىقىنى يەنىمۇ ئىلمىي، بىر تۇتاش، ياخشى پىلانلاپ، قىسىمنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقى، ئۇرۇش قىلىش ھالىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئۆتكەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، دېڭىز ئارمىيەسى مەلۇم قوغلىغۇچى پاراخوتىنىڭ باشلىقى جاۋ يەنچۈەن سەپداشلىرى بىلەن دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يېڭىچە ئۇرۇش پاراخوتىنى ھەيدەپ، پۈتۈن يىلدا دېڭىزدا 240 نەچچە كۈن يۈرۈپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تولۇق تاماملىدى. جاۋ يەنچۈەن مۇنداق دېدى: بىرلىشىپ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئەمەلىي ئۇرۇشلاشقان مەشىقنىڭ يېڭى ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، جابدۇق ئىقتىدارىنى ئەڭ ياخشى ھالەتتە مەشىق قىلدۇرۇپ، قىسىمنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ھاۋا ئارمىيەسى مەلۇم تۈەنى ئۇچۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى فېڭ ۋېي ئىلگىرى توشۇغۇچى-20 تىپلىق ئايروپىلاننى ھەيدەپ، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ۋۇخەنگە تېببىي خادىملارنى ھاۋادىن يەتكۈزۈش ۋە قۇتقۇزۇش ئەشيالىرىنى توشۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان. فېڭ ۋېي مۇنداق دېدى: تۇيۇقسىز پەيدا بولغان يۇقۇم-دۆلەتنىڭ كۈچىنى سىنىدى شۇنداقلا ئارمىيەنىڭ ئىقتىدارىنى سىنىدى. ۋەزىپىنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنلاش-دەل ئارمىيەمىزنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەمەلىي ئۇرۇشلاشقان مەشىق نەتىجىسىنىڭ ئەڭ ياخشى گەۋدىلىنىشى.

شىمالىي خېنەندىكى مەلۇم مەشىق نۇقتىسىدا قۇياش نۇرى يالقۇنجاپ تۇراتتى. 83-گۇرۇپپىۋوي ئارمىيەسى مەلۇم بىرىكمە لۈسى بۇ يەردە مەشىق قىلىۋاتاتتى. بۇ لۈ «تۆھپىكار 3-ليەنى»نىڭ يېتەكچىسى ۋاڭ جىنلۇڭ مۇنداق دېدى: بىز باش قومانداننىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، پۈتۈن زېھنىمىزنى ئۇرۇش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۇرۇش، ئەمەلىي مەشىق، پىروگرامما بويىچە مەشىق قىلىش، مەشىقنى قاتتىق تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەشىقنى ئەمەلىي ئۇرۇشلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز شەرت.

ئارمىيە مەكتەپلىرى سىستېمىسىدىن كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى بولغان دۆلەت مۇداپىئە داشۆسىنىڭ سىياسىي كومىسسارى ۋۇ جيېمىڭ، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قوماندانلىق شۆيۈەنىنىڭ سىياسىي كومىسسارى شياۋ دۇڭسۇڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدە، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى گەۋدىلىك تەكىتلىگەنلىكىدىن چوڭقۇر تەسىرات ئالدى، زىممىسىدىكى ۋەزىپىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدى.

بۇ يىل-ئارمىيەمىز دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ 2020-يىللىق نىشان-ۋەزىپىسىنى ئورۇنلايدىغان يىل. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئىستراتېگىيەلىك پىلان ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ خۇيچىڭ مۇنداق دېدى: دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ۋەزىيەتكە ھۆكۈم قىلىش، تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە ھەرىكەت ھالىتىنى تەڭشەپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىك، تۈرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، بايلىققا كاپالەتلىك قىلىش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە قۇرۇلۇشنى پىلانلاشنى يەنىمۇ چىڭ تۇتۇش كېرەك.

پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر بىردەك مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ھەل قىلغۇچ يوليورۇقلىرىنى قەتئىي، ئاڭلىق، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ 2020-يىللىق نىشان-ۋەزىپىسىنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭنىڭ ئازادلىق ئارمىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىدە قىلغان مۇھىم سۆزى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ