ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-28 17:45

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن ئارمىيە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى ئاڭلىق ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئارمىيەنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ 2020-يىللىق نىشان ۋەزىپىلىرىنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى قەتئىي ئورۇنلاش كېرەك. بۇ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا ئۇدا سەككىز يىل قاتنىشىشى ۋە مۇھىم سۆز قىلىشى بولۇپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، پۈتۈن ئارمىيەدىكى كوماندىر-جەڭچىلەرگە بولغان غەمخورلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى. ۋەكىللەر بىردەك مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىرلىرى، يوليورۇقلىرىنى قەتئىي، ئاڭلىق ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇرچىمىزنى ئادا قىلىمىز.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى خې لېي يىغىندا سۆز قىلغان سەككىز ۋەكىلنىڭ بىرى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئارمىيەنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ 2020-يىللىق نىشان، ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. بىز چوقۇم ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئەمەلىيىتىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز، يۇقۇمنىڭ زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە 2020- يىللىق دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى نىشانىنى تىرىشىپ ئورۇنداپ، پارتىيە ۋە خەلقنى، رەئىس شى جىنپىڭنى خاتىرجەم قىلىمىز.
رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەلق ئارمىيەسى پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، بۇيرۇققا بىنائەن ھەرىكەتكە كېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش كۈرىشىدە مۇھىم رول ئويناپ، گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملارنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشى يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرنى ھەسسىلەپ ئىلھاملاندۇردى. شىمالىي قىسىم ئۇرۇش رايونى باش دوختۇرخانىسىدىن كەلگەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ۋاڭ خۇيشەن مۇنداق دېدى: بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتى ھاياجانلاندىم ھەم ناھايىتى ئىپتىخارلاندىم. ئاساسىي قاتلامدىكى تېببىي خادىم بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ يىل ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈپ، ئۇرۇش تەييارلىقى قىلىش خىزمىتىنى بالدۇرراق تاماملاپ، ئۇلۇغ «يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش روھى»نى جارى قىلدۇرۇپ، داۋالاش، پەن- تەتقىقات، ئوقۇتۇش ۋە ئۇرۇش تەييارلىقى خىزمىتىدە بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، قولدىن كەتكەن ۋاقىتنى قايتۇرۇۋالىمىز.
رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، تۈرلۈك مۇرەككەپ ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغداپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىشىمىز كېرەك. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، راكېتا ئارمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى لى جۈن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشكە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاجىز تۈرلەرنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش شارائىتىدا ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، سادىق قەلب، ئەمەلىي ئۇرۇش تەدبىرى، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش ئارقىلىق، ئۇرۇشقا ياخشى تەييارلىق قىلىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىزدىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدىنى ھەرگىز يەردە قويمايمىز.
رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش شارائىتىدا ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش شەكلى، ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئەمەلىي ئۇرۇشلاشقان ھەربىي مەشىقىنى جانلىق قانات يايدۇرۇش كېرەك. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى مەلۇم بىرىكمە لۈسىىڭ باشلىقى جاڭ ۋېنرېن مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشنى ئىككى قولدا تۇتۇپ، ئىككىلا قولدا چىڭ تۇتۇپ، مەشىق ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىنچىكە مەشىق قىلىپ، ھەر بىر ئورۇن، ھەر بىر جابدۇق، ھەر بىر ئۇرۇش قىلىش ئامىللىرىنى ھەقىقىي مەشىق قىلدۇرۇپ، قىسىمنىڭ مۇرەككەپ شارائىتتا ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز. 








中央广播电视总台 央广网 版权所有

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى