ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جايلاردا بىر تۈركۈم زور قۇرۇلۇشلار مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-31 18:05

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، جايلار سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تۈرلەرنى چىڭ تۇتۇپ، بىر تۈركۈم زور قۇرۇلۇش، زور تۈرلەرنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتتى.

5-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئوندىن 28 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۇزۇنلۇقى 13.5 مېتىر، ئېغىرلىقى 10.8 توننا كېلىدىغان ئاخىرقى بىر تال پولات قۇرۇلمىلىق تۈۋرۈكنىڭ 37 مېتىر ئېگىزلىكتە تۇتاشتۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، بېيجىڭدىكى يەتتە چوڭ تۆمۈريول قاتناش تۈگۈنىنىڭ بىرى بولغان

شىڭخو ۋوگزالىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى ئوڭۇشلۇق يېپىلدى. جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىڭخو تۈرىنىڭ شۇجىسى ليۇ يەنتاۋ شىڭخو ۋوگزالىنىڭ ئۆگزىسىدىكى ئۆزگىرىش چوڭ، تۈگۈنى مۇرەككەپ دېدى.

بېيجىڭ-شېنياڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى شىڭخو ۋوگزالى-ئېلىمىزنىڭ 13-بەش يىللىق پىلانىدىكى مۇھىم ئۇل ئەسلىھە، دۆلەتنىڭ ھەممە تەرەپكە تۇتاشقان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول پىلانى تورىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ، بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونىدىكى 4-ئايلانما بىلەن 5-ئايلانمىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان، ئىمارەت كۆلىمى 183 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا بەش مىڭ ئادەم سىغىدۇ. پۈتكۈل بېيجىڭ-شېنياڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى-بېيجىڭ بىلەن شېنياڭنى تۇتاشتۇرىدۇ، پۈتكەندىن كېيىن بېيجىڭ بىلەن شېنياڭ ئوتتۇرىسىدا ئىككى يېرىم سائەتلىك قاتناش چەمبىرى شەكىللىنىدۇ.

خۇبېيدا، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تۈرى بولغان جېڭجۇ-ۋەنجۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ خۇبېي جەنۇبىي بۆلىكىدە 5-ئاينىڭ 29-كۈنى رەسمىي قۇرۇلۇش باشلاندى، بۇ تۈر ئەسلىدە بۇ يىل 2-ئاينىڭ 10-كۈنى پىلانلىنىپ، 7-ئايدا رەسمىي قۇرۇلۇش باشلانماقچى ئىدى، ئەمما يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئاندىن ئىش ئەسلىگە كەلدى، پەقەت 30 نەچچە كۈندىلا ئەسلىدىكى بەش ئايلىق قۇرۇلۇشقا تەييارلىق قىلىش خىزمىتى تاماملىنىپ، مۇددەتتىن ئىككى ئاي بۇرۇن رەسمىي قۇرۇلۇش باشلاندى.

جياڭسۇنىڭ نەنتۇڭ شەھىرى بىلەن شاڭخەي شەھىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان نەنتۇڭ-شاڭخەي تۆمۈريولىمۇ 5-ئاينىڭ 30-كۈنى قاتناشنىڭ سىناق باسقۇچىغا رەسمىي كىردى. بۇ تۆمۈريول پىلان بويىچە 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا قاتناش باشلاش شارائىتىنى ھازىرلايدۇ. قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، نەنتۇڭدىن شاڭخەيگە بېرىشتا نەنجىڭدا پويىز ئالمىشىشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ، ئىككى جاي ئوتتۇرىسىدىكى تۆمۈريول مۇساپىسىمۇ ھازىرقى تۆت سائەت ئەتراپىدىن بىر يېرىم سائەت ئەتراپىغا قىسقىرايدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جايلاردا بىر تۈركۈم زور قۇرۇلۇشلار مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، جايلار سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ،