ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ ئۆسمۈر-بالىلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-31 18:05

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

«1-ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ئۆسمۈر-بالىلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ قېتىم پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە، ئۆسمۈر-بالىلارمۇ بىر ئالاھىدە مەزگىلنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلىگەن ئۇلۇغ ھەرىكىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقىنى ئاڭلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنى قوللاپ، ئېلىمىز ئۆسمۈر-بالىلىرىنىڭ ياخشى روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۆسمۈرلەر كۈچەيسە دۆلەت كۈچىيىدۇ. بۈگۈنكى دەۋردىكى جۇڭگو ئۆسمۈر-بالىلىرى ھەم بىرىنچى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى باشتىن ئۆتكۈزگۈچىلەر، ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولغۇچىلار، تېخىمۇ مۇھىمى ئىككىنچى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ جەڭگىۋار قوشۇنى. مەن ئۆسمۈر-بالىلارنىڭ قېتىرقىنىپ بىلىم ئۆگىنىپ، غايە-ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، قەيسەر ئىرادىسىنى تاۋلاپ، ساغلام بەدەن يېتىلدۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر، پۈتۈن جەمئىيەت ئۆسمۈر-بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە غەمخورلۇق قىلىپ، ئۆسمۈر-بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، پىيونېرلار ئەترىتى تەشكىلاتى مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ زور ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالالايدىغان دەۋرنىڭ يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، دەۋر تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئىسلاھاتتا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەتلەرنى پائال قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆسمۈر-بالىلار ئىشلىرىغا يېڭى، تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇشى لازىم.











中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ ئۆسمۈر-بالىلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى

«1-ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى،