ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-18 09:51

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

شى جىنپىڭ جۇڭگو-ئافرىقا ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە باش مەقسەتتە سۆز قىلدى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 17-كۈنى كەچتە جۇڭگو-ئافرىقا ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە «ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، قىيىنچىلىقنى بىرلىكتە يېڭەيلى» دېگەن تېمىدا باش مەقسەتتە سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقۇم ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا بىر-بىرىگە مەدەت بەردى ھەمدە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلدى، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا تېخىمۇ ئىتتىپاقلاشتى، دوستلۇقى، ئۆزئارا ئىشىنىشى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. جۇڭگو جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى قەدىرلەيدۇ، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئىرادىسىدىن ھەرگىز تەۋرەنمەيدۇ. جۇڭگو ئافرىقىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىنى داۋاملىق پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن قوغداپ، يۇقۇمغا قەتئىي تەۋرەنمەي بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو-ئافرىقا دوستلۇقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-ئافرىقا سەھىيە-ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى ۋە تېخىمۇ زىچ جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىدۇ. يىغىندا «جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنى بىرلەشمە باياناتى» ئېلان قىلىندى، خەلقئارا جەمئىيەتكە جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشىنىڭ كۈچلۈك دەۋر ساداسى چىقىرىلدى.

بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنى ئېچىشنى جۇڭگو ۋە ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى مافۇسا، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ئورتاق رەئىسى سېنېگال بىرلىكتە تەشەببۇس قىلغان، يىغىن ۋىدىيو ئارقىلىق ئېچىلدى. جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى مافۇسا، سېنېگال زۇڭتۇڭى سال ۋە مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى، كونگو (كىنشاسا) زۇڭتۇڭى چىسېكېدى، ئالجىرىيە زۇڭتۇڭى تېببۇن، گابون زۇڭتۇڭى بونگو، كېنىيە زۇڭتۇڭى كېنياتا، مالى زۇڭتۇڭى كەيتا، نېگىر زۇڭتۇڭى يۈسۈف، نىگېرىيە زۇڭتۇڭى بۇخارى، رۇئاندا زۇڭتۇڭى كاگامىي، زىمبابۋې زۇڭتۇڭى مىنانگاگۋا، ئېپوپىيە زۇڭلىسى ئابىي ھەمدە ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى فاكى يىغىنغا قاتناشتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇترېس، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تېدروس تەكلىپلىك مېھمان سۈپىتىدە يىغىنغا قاتناشتى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يەر شارى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان مۇھىم پەيتتە، بىز بۇ قېتىمقى جۇڭگو-ئافرىقا ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىنى ئېچىپ، ھەر قايسى يېڭى-كونا دوستلار بىلەن ۋىدىيو ئارقىلىق كۆرۈشۈپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ چوڭ پىلانىنى بىرلىكتە مەسلىھەتلىشىپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ قېرىنداشلارچە دوستلۇقىنى بىرلىكتە ئىزھار قىلىشىۋاتىمىز. بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولۇپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە ئېغىر زەربە بولدى، نەچچە يۈز مىڭ كىشىنىڭ قىممەتلىك جېنىغا زامىن بولدى. مەن يۇقۇمدا بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈش، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ھال سوراش تەكلىپى بېرىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقۇم ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا بىر-بىرىگە مەدەت بېرىپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلدى، ئىككى تەرەپ تېخىمۇ ئىتتىپاقلاشتى، دوستلۇقى، ئۆزئارا ئىشىنىشى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. جۇڭگو جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى قەدىرلەيدۇ، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر،، جۇڭگو جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئىرادىسىدىن ھەرگىز تەۋرەنمەيدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە يۇقۇم يەنىلا يەر شارى مىقياسىدا يامراۋاتىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت مۈشكۈل ۋەزىپىگە دۇچ كەلمەكتە. بىز خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، بايلىقنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغداپ، يۇقۇمنىڭ سەلبىي تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىشىمىز كېرەك.

بىرىنچى، بىز قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقۇمغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو ئافرىقىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىنى داۋاملىق پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنى داۋاملىق ماددىي ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ، داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئەۋەتىدۇ، ئافرىقىنىڭ جۇڭگودىن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىشىغا ھەمكارلىشىدۇ. جۇڭگو ئافرىقا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى باش ئورگىنى قۇرۇلۇشىنى بۇ يىل ئىچىدە مۇددەتتىن بۇرۇن باشلايدۇ، ئافرىقا بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسى ئىچىدىكى «ساغلاملىق-ساقلىق ساقلاش ھەرىكىتى»نى ياخشى يولغا قويۇپ، جۇڭگو-ئافرىقا دوستلۇق دوختۇرخانىسى قۇرۇلۇشى ۋە جۇڭگو-ئافرىقا نىشانلىق دوختۇرخانىلىرى ھەمكارلىقىنى تېزلىتىدۇ، جۇڭگو-ئافرىقا سەھىيە-ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىدۇ. جۇڭگو يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋاكسىنىسى تەتقىقاتى تاماملانغان ھەمدە ئىشلىتىشكە باشلىغاندىن كېيىن، ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ئالدى بىلەن نەپ يەتكۈزۈشكە ۋەدە بېرىدۇ.

ئىككىنچى، بىز جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ھەمكارلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمە ئىلگىرى سۈرىمىز. جۇڭگو جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسى ئىچىدە ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ 2020-يىلىنىڭ ئاخىرى مۇددىتى توشىدىغان جۇڭگودىن ئالغان ئۆسۈمسىز قەرزىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، يۇقۇم ئەھۋالى، بېسىمى ئىنتايىن ئېغىر ئافرىقا دۆلەتلىرىنى قوللاشنى كۈچەيتىدۇ، بۇ قەرز مۇددىتىنى يەنىمۇ ئۇزارتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جۇڭگو جۇڭگونىڭ ئالاقىدار پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنى 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ قەرزنى كېچىكتۈرۈش تەشەببۇسىدىن پايدىلىنىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ، بازار پىرىنسىپىغا ئاساسەن ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن سودا ئىگىلىك ھوقۇقلۇق قەرزى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشىنى دوستانە كېڭىشىدۇ. جۇڭگو 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ قەرزنى كېچىكتۈرۈش تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ، ھەمدە 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ نۆۋەتتىكى قەرزنى كېچىكتۈرۈش تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا، ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ قەرز مۇددىتىنى يەنىمۇ ئۇزارتىشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بولۇپمۇ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ۋە كۆپ تەرەپلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئافرىقىنىڭ قەرز كېچىكتۈرۈش مۇددىتىنى يەنىمۇ ئۇزارتىشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ. جۇڭگو ئافرىقىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەمدە باشقا ھەمراھلىرى بىلەن ئافرىقىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى، ئافرىقىنىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى ۋە كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى قۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى قوللايدۇ، ئافرىقا بىلەن رەقەملىك ئىقتىساد، ئەقلىي شەھەر، پاكىزە ئېنېرگىيە، 5G قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ.

ئۈچىنچى، بىز كۆپ تەرەپچىلىكنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمىز. جۇڭگو ئافرىقا بىلەن بىللە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرولۇقىدىكى دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى قوغدايدۇ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يەر شارىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى قوللايدۇ. بىز يۇقۇمنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا، ۋىرۇسقا بەلگە چاپلاشقا، ئىرقىي كەمسىتىشكە ۋە ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى بىر تەرەپلىمە قاراشقا قارشى تۇرىمىز، خەلقئارانىڭ ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى قەتئىي قوغدايمىز.

تۆتىنچى، بىز جۇڭگو-ئافرىقا دوستلۇقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرىمىز. مەن ھەر قايسىڭلار بىلەن يېقىندىن ئالاقىلىشىپ، دوستلۇق ۋە ئۆزئارا ئىشىنىشنى پۇختىلاپ، بىر-بىر-ىمىزنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللىشىپ، جۇڭگو-ئافرىقا ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى بىرلىكتە قوغداپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمەن.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدا تېخىمۇ زىچ جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى بىردەك قارار قىلغان ئىدۇق. بۈگۈن بىزنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىنى ئېچىشىمىز بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدىكى ۋەدىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، شۇنداقلا خەلقئارانىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىغا تۆھپە قوشۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئىشىنىمەنكى، ئىنسانلار يۇقۇم ئۈستىدىن ھامان غەلىبە قىلىدۇ، جۇڭگو-ئافرىقا خەلقى جەزمەن تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.

چەتئەل رەھبەرلىرى سۆزىدە بەس-بەستە مۇنداق دېيىشتى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەر شارىدا، ئافرىقىدا كېڭىيىپ يامراۋاتقان مۇھىم پەيتتە جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىنى ئېچىشى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇ ئافرىقا-جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ مۇستەھكەم ئىكەنلىكى ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى. جۇڭگو ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بىر بىرىنى قوللاپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇپ، ئافرىقىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ماددىي ئەشيا، تېخنىكا، تەجرىبە قاتارلىقلار  قىممەتلىك ياردەملەرنى بەردى ۋە قوللىدى، ئافرىقا دۆلەتلىرى بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىدۇ. يۇقۇم مىسلىسىز كەسكىن دۇنياۋى كىرىزىس، خەلقئارا جەمئىيەت ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا ئاپپاراتلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللىغاندىلا، ئاندىن ئاخىرىدا غەلىبە قىلىدۇ. ئافرىقا ئالاقىدار ھەقدار دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ قەرزىنى يەنىمۇ كېچىكتۈرۈشىنى، داۋالاش، دورا، ۋاكسىنا تەتقىقاتى قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشى، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، مۇستەقىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللىشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ. جۇڭگو بۇ جەھەتتە ئۈلگە تىكلەپ بەردى، جۇڭگونىڭ ئافرىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشى دوستى، ياخشى ھەمراھى ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. ئافرىقا ئافرىقا بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا، ئافرىقا-جۇڭگو سەھىيە-ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا قەتئىي كۈچ چىقىرىدۇ. ئافرىقا بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى مەڭگۈ ياشنايدۇ.

بۇ قېتىمقى يىغىن ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇپ، ئىجابىي دوستانە كەيپىياتتا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى. يىغىندا «جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنى بىرلەشمە باياناتى» ئېلان قىلىندى. جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئىككى تەرەپنىڭ دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر-بىرىنى قوللاشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ زىچ جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش؛ ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەم دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باشلامچىلىق ۋە كېڭىشىپ ھەمكارلىشىش رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، بىرلىكتە يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش؛ جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىسىنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سەھىيە، ساغلاملىق، ئىشنى-ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ساھەسىگە تېخىمۇ ئېتىبار بېرىش؛ كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداپ، يۇقۇمنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ، خەلقئارانىڭ ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى قوغداشقا بەل باغلىدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شى جىنپىڭ جۇڭگو-ئافرىقا ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە باش مەقسەتتە سۆز قىلدى