ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو-ئافرىقا ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-18 09:56

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

رەئىس شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 17-كۈنى كەچتە بېيجىڭدا جۇڭگو-ئافرىقا ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم «ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، قىيىنچىلىقنى بىرلىكتە يېڭەيلى» دېگەن تېمىدا باش مەقسەتلىك سۆز قىلدى. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى-جۇڭگو-ئافرىقا رەھبەرلىرى ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان ۋەزىيەتتە ئۆتكۈزگەن بىر قېتىملىق ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنى بولۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەر ئافرىقىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى قوللاش، جۇڭگو-ئافرىقا ۋە خەلقئارانىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار ھەققىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. يىغىندا، بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىنىپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ بىر يۈرۈش زور مەسىلىلەردىكى ئورتاق مەيدانى مۇجەسسەملەندى. باشلىقلار يىغىنى دوستانە، قىزغىن كەيپىياتقا تولدى، ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، نەتىجىسى مول بولۇپ، تولۇق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى.

رەئىس شى جىنپىڭ باشلىقلار يىغىنىدا باش مەقسەتلىك سۆز قىلىپ، بىر يۈرۈش مۇھىم تەكلىپ ۋە تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويدى، يۇقۇمغا قەتئىي تەۋرەنمەي قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇش، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش، كۆپ تەرەپچىلىكنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، جۇڭگو-ئافرىقا دوستلۇقىغا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇش كېرەك دەپ نۇقتىلىق تەكىتلىدى. بۇ تۆتتە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك-جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ «ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، قىيىنچىلىقنى بىرلىكتە يېڭىش»تىكى قەتئىي ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يۇقۇم پەيدا بولغاندا ئەھۋالدا، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا ئالغا بېسىش يولى كۆرسىتىپ، جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشىنى پىلانلاپ بەردى شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلىشىغا كۈچلۈك ئاكتىپ كۈچ ئاتا قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى قىزغىن ۋە ئاكتىپ ئىنكاس قوزغىدى، يىغىنغا قاتناشقان ئافرىقا تەرەپ رەھبەرلىرى رەئىس شى جىنپىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى ھەقىقىي قوللاپ، جۇڭگو-ئافرىقا خەلقىنىڭ ھاياتلىق ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلدى، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقى-ئافرىقىنىڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىشىگە كۈچلۈك ياردەم بېرىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە پايدىلىق دەپ كۆرسەتتى. بەزى رەھبەرلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بەزى دۆلەتلەر ئېغىزدا دەپ قويۇپ ئەمەلىيەتتە قىلمىدى، جۇڭگو چىن كۆڭلىدىن ئافرىقىنىڭ غېمىنى يەپ، ئافرىقىغا ھەقىقىي ياردەم بېرىپ، ئافرىقىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلىشىگە مۇھىم تۆھپە قوشتى، يەر شارىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىغا يېتەكچىلىك قىلدى بۇ قېتىمقى جۇڭگو-ئافرىقا ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنى دەل ۋاقتىدا ئېچىلدى، ئۇنىڭ مۇھىم تەسىرى ۋە چوڭقۇر ئەھمىيىتى جەزمەن داۋاملىق نامايان قىلىنىدۇ. 1-جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇشى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلدى. جۇڭگو-ئافرىقا رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىدا ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئورتاق ھەرىكەتنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ئافرىقا سەھىيە-ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە قۇرۇش بىردەك قارار قىلىندى. 2-جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئۆز ئارا قوللاشتىكى قەتئىي ئىرادىسى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلدى. 3-يەر شارىنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇلدى.

جۇڭگو-ئافرىقا ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكى-جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتى تارىخىدا يېڭى سەھىپە ئاچتى. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، يۇقۇمنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بەرگەن جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ، جۇڭگو-ئافرىقا دوستلۇقى كىشىلەر قەلبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالىدۇ. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك، ئىنسانىيەت ھامان يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ، جۇڭگو-ئافرىقا خەلقىمۇ ھامىنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشىدۇ. جۇڭگو ئافرىقا بىلەن بىرلىكتە، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-ئافرىقا ۋە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو-ئافرىقا ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

رەئىس شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 17-كۈنى كەچتە بېيجىڭدا جۇڭگو-ئافرىقا ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم «ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، قىيىنچىلىقنى بىرلىكتە يېڭەيلى» دېگەن تېمىدا باش مەقسەتلىك سۆز قىلدى.