ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى پارتىيەلىرى يىغىنىنى تەبرىكلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-23 16:04

 

شى جىنپىڭ جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى پارتىيەلىرى سۆزلىشىشى ئالاھىدە يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

 

 

 

 

جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى پارتىيەلىرى سۆزلىشىشى ئالاھىدە يىغىنى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى ۋىدىيو ئارقىلىق ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى پارتىيەلىرى سۆزلىشىشى ئالاھىدە يىغىنى ئېچىلغان پەيتتە، مەن جۇڭگو كومپارتىيەسىگە ۋاكالىتەن ھەمدە شەخسەن ئۆز نامىمدىن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، يىغىنغا قاتناشقان ئەرەب ئەللىرى پارتىيەلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ دوستلۇقى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ، كۈندىن كۈنگە يېڭىلانماقتا. جۇڭخۇا مىللىتى بىلەن ئەرەب مىللىتى قەدىمىي يىپەك يولىدا دوستلىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش داۋامىدا قول تۇتۇشۇپ ھەمراھلىشىپ، دۆلەتنى بېيىتىپ قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە كۈچ چىقارماقتا. ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، قىيىنچىلىقنى بىرلىكتە يېڭىپ، جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ چىقتى. ئېغىر كۈنلەردە ھەقىقىي دوستلۇقنى كۆرگىلى بولىدۇ. يۇقۇمغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش ئارقىلىق، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، خەلقنىڭ دوستلۇقى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، ھەمكارلىق ئىستىقبالى تېخىمۇ پارلاق بولدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئىنسانلارنىڭ جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ھاياتلىقنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىگە ئېرىشتى؛ باشتىن-ئاخىر ئادىل، ئوچۇق، مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە بىلەن، خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنى باشتىن-ئاخىر چامىسىنىڭ يېتىشىچە قوللىدى ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بەردى. جۇڭگو ئەرەب ئەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، ئىنسانىيەت سەھىيە-ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى پارتىيەلىرى سۆزلىشىشى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئەرەب ئەللىرى پارتىيەلىرى بىلەن ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىش مۇھىم سۇپىسى. يۇقۇم ئېلىپ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى خىرىس ئالدىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى ئەرەب ئەللىرى پارتىيەلىرى بىلەن جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى پارتىيەلىرى سۆزلىشىشىنىڭ سۇپىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش دائىملاشقان ۋەزىيەتتە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر-بىرىنى ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتى ۋە ئەرەب مىللىتىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مىللەتنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ. يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى پارتىيەلىرى سۆزلىشىشى ئالاھىدە يىغىنىنى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان. يىغىن ئۈچ كۈن ئېچىلىدۇ، باش تېمىسى «يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلايلى». ماۋرىتانىيە زۇڭتۇڭى جازۇئانى، پەلەستىن فاتاخنىڭ رەئىسى، زۇڭتۇڭى ئابباس، سۇرىيە گۈللىنىش پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، زۇڭتۇڭى باشار، ماراكەش ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، باش ۋەزىرى ئوسمانى قاتارلىق ئالتە ئەرەب دۆلىتىنىڭ رەھبىرى يىغىندا سۆز قىلدى، ئەرەب ئەللىرىدىكى ئاساسلىق پارتىيەلەرنىڭ 60 دىن ئارتۇق رەھبىرى يىغىنغا قاتناشتى. ئەرەب ئەللىرى رەھبەرلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەرەب ئەللىرى بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە بەرگەن ئىجابىي باھاسىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمىز؛ جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە «خەلق ھەممىدىن ئەلا» دېگەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرغانلىقى ھەمدە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىغا پائال قاتناشقانلىقى ۋە تۈرتكە بولغانلىقىغا يۈكسەك ئاپىرىن ئوقۇيمىز؛ جۇڭگونىڭ ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقىنى قوغدىشىنى ئىزچىل قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز، شياڭگاڭ، شىنجاڭ قاتارلىق ئىشلار جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى دەپ قارايمىز، تاشقى كۈچلەرنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىمىز؛ جۇڭگو كومپارتىيەسى بىلەن بىرلىكتە ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ۋە ئىدىيەنى ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئەرەب ئەللىرى-جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنى خالايمىز.   

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى پارتىيەلىرى يىغىنىنى تەبرىكلىدى

شى جىنپىڭ جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى پارتىيەلىرى سۆزلىشىشى ئالاھىدە يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى