ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-02 09:30

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 21-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك قىلىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى-ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، پارتگۇرۇپپىلار، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ تۈپ مەقسىتى-پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش دەپ تەكىتلىدى.

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گو شىڭۋاڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى بېيىتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش ۋە پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىلمىي قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، قانۇنچىللىق ئاڭلىقلىقى، تەپتىش ئاڭلىقلىقى بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى تەپتىش ئورگانلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ تەپتىش خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئىدىيە-سىياسىي قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي سىستېما قۇرۇلۇشى، كادىر ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى ساپالىق تەپتىش قوشۇنىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.

سۇچىلىق مىنىستىرلىقى كادىرلار ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى خۇ جىڭمىن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى كىشىگە ئىلھام بېرىپ، باتۇرانە ئالغا بېسىشقا ئۈندەيدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنىڭ مەزمۇنى، مۇھىم نۇقتىسىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىپ يېتىشىمىز؛ سۇچىلىق خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى كەم-كۈتىسىز ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ غوللۇق قوشۇنى ۋە ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، توغرا ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشى، ياخشى كادىر ئۆلچىمى، سىياسىي ساپانى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى سۇچىلىق ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى تىرىشىپ كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت ۋە ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

پارتىيەنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەسى بىلەن پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇشنى چىڭ تۇتۇش لازىم. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ۋە ئۇلارنىڭ تەشكىلات تارماقلىرى پارتىيەنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىغا ئاڭلىق يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە دەۋرچانلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، ئىجادچانلىقىنى بېيىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ پىروفېسسورى دەي يەنجۈن مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى بىر يۈرۈش سىستېمىلىق بايانلار دەل يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەسى. بۇ بايانلار-جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۆز قۇرۇلۇشى دۇچ كەلگەن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش ۋە ئىزدىنىشنىڭ نەتىجىسى، پارتىيەمىز قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى دەۋردىكى يېڭى تارىخىي شارائىتتا جۇغلىغان ھەر قايسى تەرەپلىرىدىكى تەجرىبىسىنى يۈكسەك ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ نەتىجىسى. شۇڭا، بىز مۇشۇنداق بىر توغرا ئىلمىي ئىدىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پارتىيە قۇرۇلۇشى، بولۇپمۇ تەشكىلىي قۇرۇلۇشنىڭ ھەر قايسى جەھەتلىرىدىكى ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋرگە، پارتىيەمىزنىڭ تەشكىلىي خىزمىتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، پارتىيەمىزنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشقا موھتاج.

تيەنجىن شەھەرلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپى جۇڭگو كومپارتىيەسى تارىخى كافېدراسىنىڭ دوتسېنتى ياڭ شياۋ مۇنداق دېدى: ماركسىزم، بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن نەزەرىيە جەھەتتىن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ نەزەرىيە سەۋىيەسى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ئەۋزەللىكى، تەشكىلىي ئەۋزەللىكىنى ئەمەلىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇش؛ غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى پارتىيەنىڭ باش مەقسىتىنى چىڭ ساقلاشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ئەسلى مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكىنى كۈچەيتىپ، دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش-بۇ يىل جايلارنىڭ ئورۇنلىشى شەرت بولغان كەسكىن ۋەزىپە. جايلار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونى بولغان جياڭشى ئۆلكىسى رۈيجىن شەھىرى يۈنشىشەن يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ يىڭجىن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش لازىم.

خېنەن ئۆلكىسى شېنچيۇ ناھىيەسى ئىلگىرى دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيە ئىدى، بۇ ناھىيە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇساپىسىدا، «پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە تۈرتكە بولۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، ئاخىرى نامراتلىق قالپىقىنى ئوڭۇشلۇق چۆرۈپ تاشلىدى. شېنچيۇ ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ يىسەن مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنى-پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدىن ئىنقىلاب قىلىش، ئۆزى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنىڭ نەتىجىسى ۋە يەكۈنى بولۇپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇندىن كېيىن، بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى داۋاملىق تۈپ قوللانما قىلىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى كۈچەيتىشكە كۈچ چىقىرىپ، نۆۋەتتىكى ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت ۋە ئىختىساسلىقلار مەدىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.

پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، چىڭخەي ئۆلكىسى شىنىڭ شەھىرى چېڭبېي رايونى شىنخەيچياۋ مەھەللىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى تيەن شياۋخۇڭ مۇنداق دېدى: مەھەللە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش شەرت، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنىڭ يۇقىرى باشلانمىسىدا تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش كېرەك. بىز ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، چوقۇم پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەش، باشقۇرۇشنى سەرخىللاشتۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەھەللە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى بىلەن مەھەللە مۇلازىمىتىدىكى بىر قىسىم خىزمەتلەرنى ئورتاق نىشانغا قاراپ ئىلگىرى سۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىشىمىز لازىم.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 21-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك قىلىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى.