ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-07 11:15

 

شى جىنپىڭ جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 9-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى 

 

 

 

جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 9-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى ۋىدېيو ئارقىلىق ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2018-يىلى مەن جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 8-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى جاكارلاپ، جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدىم، بۇ ئەرەب ئەللىرىنىڭ قىزغىن ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى. ئىككى يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى ئىستراتېگىيەلىك ماسلىشىش ۋە ھەرىكەتنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىپ، تەڭ تەرەققىي قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغاندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، بىر-بىرىنى قەتئىي قوللاپ، يېقىندىن ھەمكارلاشتى، بۇ جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ تەقدىرداش ئىكەنلىكىنىڭ جانلىق كارتىنىسى. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ ھەمكارلىقنى ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك كۈچەيتىپ، قىيىنچىلىقنى بىرلىكتە يېڭىپ، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلىشى زۆرۈر. ئىككى تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئېچىلىشىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو ۋە ئەرەب ئەللىرى خەلقىگە تېخىمۇ بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

شى جىنپىڭ جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 9-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى