ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى فېرناندېس بىلەن ئۆز-ئارا خەت يېزىشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-07 18:24

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى فېرناندېس بىلەن ئۆز-ئارا خەت ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقۇم ئالدىدا، جۇڭگو ئارگېنتىنا خەلقى جاپا ـ مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، بىر ـ بىرىنى قوللاپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنى نامايان قىلدى.

ھازىر جۇڭگو بىلەن ئارگېنتىنا قاتارلىق لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەر يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتەك مۈشكۈل ۋەزىپىگە دۇچ كەلمەكتە.

جۇڭگو ئارگېنتىنا بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق پائال قانات يايدۇرۇشنى ھەمدە ئارگېنتىناغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئارگېنتىنانىڭ دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستانە ئالاقىسى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئارگېنتىنانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.

فېرناندېس مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش يولىدا كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقى ۋە خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە ئوينىغان رەھبەرلىك رولىغا رەھمەت ئېيتىمەن، جۇڭگونىڭ ئارگېنتىناغا ياردەم قولىنى سۇنغانلىقىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.

باشقا كۈن چۈشكەندە ھەقىقىي ھېسسىياتنى كۆرگىلى بولىدۇ، مۇشۇنداق ئالاھىدە پەيتتە، بىز ئارگېنتىنا بىلەن جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق.
شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، بىز ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ شانلىق مەزگىلىنى باشلاۋاتىمىز، ئارگېنتىنا بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ۋە كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقى يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى فېرناندېس بىلەن ئۆز-ئارا خەت يېزىشتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى فېرناندېس بىلەن ئۆز-ئارا خەت ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭى تاجىسىمان