ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭغا ئەگىشىپ ئارمىيە تارىخى ئۆگىنەيلى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-31 15:02

1927-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى 

نەنچاڭ شەھەر سېپىلىدىكى ئوق ئاۋازى تىمتاس كېچىنى بۇزدى.

جۇڭخۇا مىللىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا قەسەم قىلغان قوشۇن شۇنىڭ بىلەن دۇنياغا كەلدى.

جۇڭگو خەلقى قاراڭغۇلۇقتا ئىنقىلابنىڭ ئۈمىدىنى كۆردى.

ئوڭۇشسىز شارائىتتا غەيرەتنىڭ كۈچىنى كۆردى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مۇستەقىل رەھبەرلىك قىلىدىغان بۇ خەلق ئارمىيەسى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن بەخت يارىتىشقا ئاتلاندى.

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزلەش يولىدا، ئۇزۇن سەپەردە ئۇلار ھارماي-تالماي ئىزدەندى.

ئۈمىدنىڭ رەڭگى

 

ئەگەر «ئۈمىد»نىڭ رەڭگى بولسا، ئۇ چوقۇم قىزىل رەڭدە بولىدۇ. ئەينى چاغدىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ يەنە «قىزىل گالىستۇكلۇق قوشۇن» دېگەن نامى بار ئىدى.

1927-يىلى 1-ئاۋغۇست سەھەر سائەت ئىككىدە، قوزغىلاڭچى قوشۇن يولغا چىقىشقا ھازىرلاندى. ئۇ چاغدا دۈشمەن ئۇلار بىلەن ئوخشاش مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيەگە تەۋە بولۇپ، ئوخشاش ھەربىي فورما كىيگەن ئىدى. دۈشمەن بىلەن ئۆزىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، قوزغىلاڭچى قوشۇن سول بىلىكىگە ئاق لۆڭگە باغلىغان ھەمدە مەيدىسىگە قىزىل گالىستۇك تاقىغان، شۇنىڭ بىلەن پۇقرالار ئۇلارنى يېقىملىق قىلىپ «قىزىل گالىستۇكلۇق قوشۇن» دەپ ئاتىغان.

نەنچاڭ قوزغىلىڭى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قوراللىق قارشى تۇرۇشنىڭ تۇنجى پاي ئوقىنى ئاتقان بولۇپ، كۈزلۈك يىغىم قوزغىلىڭى، گۇاڭجۇ قوزغىلىڭى ۋە باشقا رايونلاردىكى قوراللىق قوزغىلاڭلار بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئىنقىلابىي ئۇرۇشقا مۇستەقىل رەھبەرلىك قىلىپ، خەلق ئارمىيەسىنى قۇرۇشنى باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەرگەن، قىزىل گېنمۇ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ ئارمىيەنىڭ قېنىغا ئېقىپ كىرگەن.

باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: «شۇ چاغدىن باشلاپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى خەلق ئارمىيەسى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىقى، بەختى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىقى، گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تارىخىي ئېقىمىغا باتۇرلۇق بىلەن ئاتلىنىپ، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ بىرلەشتى». 

گۇتيەندە ئارمىيە روھى تاۋلاندى

 

1929-يىلى 28-، 29-دېكابىر كۈنلىرى قاتتىق سوغۇق بولغان بولۇپ، فۇجيەن ئۆلكىسى گۇتيەن بازىرى شىبېي كەنتىدىكى لياۋ جەمەتى ئىبادەتخانىسىنىڭ زالى ناھايىتى قىزغىن ۋە تەنتەنىلىك سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ئىدى. بۇ يەردە ماۋ زېدۇڭ، جۇ دې قاتارلىقلارنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگو كومپارتىيەسى قىزىل ئارمىيە 4-جۈنىنىڭ 9-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان بولۇپ، تارىختا گۇتيەن يىغىنى دەپ ئاتالغان.

ئەينى چاغدىكى قىزىل ئارمىيە يېزىلاردا پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىۋاتقان شارائىتتا، قوشۇننىڭ ئاساسىي گەۋدىسى دېھقانلار ئىدى، ئارمىيەدە دېھقانلار ۋە باشقا ئۇششاق بۇرژۇئازىيەدىن كېلىپ چىققان پارتىيە ئەزالىرى كۆپ ساننى ئىگىلەيتتى. بۇنداق شارائىتتا، پارتىيە ئىچىدىكى ۋە ئارمىيە ئىچىدىكى غەيرى پرولتارىيات ئىدىيەسىنى قانداق يېڭىپ، پارتىيەنى پرولتارىيات رەھبەرلىكىدىكى يېڭىچە خەلق ئارمىيەسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ھەل قىلىشقا تېگىشلىك تۈپ مەسىلە بولۇپ قالدى.

گۇتيەن يىغىنىنىڭ قارار لايىھەسى كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ بەرگەن جاۋابى بولدى. يىغىندا نەنچاڭ قوزغىلىڭىدىن بۇيانقى ئارمىيە قۇرۇش، پارتىيە قۇرۇش تەجرىبىلىرى يەكۈنلىنىپ، خەلق ئارمىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى بېكىتىلدى، يادرولۇق مەزمۇنى«مىلتىق پارتىيەگە قوماندانلىق قىلماستىن»، «پارتىيە مىلتىققا قوماندانلىق قىلىش» بولۇپ، پارتىيەنىڭ قىزىل ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكى تەكىتلەندى، شۇنداقلا قىزىل ئارمىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى ۋە ۋەزىپىسى قاتارلىقلار بەلگىلەندى. گۇتيەن يىغىنىدىن باشلاپ، جۇڭگو ئىنقىلابى يېڭى مۇساپىنى باشلاپ، ئۇچقۇندىن يانغىن چىقىپ، ئاجىزلىقتىن قۇدرەت تېپىشقا، غەلبىسېرى ئىلگىرىلىدى.

2014-يىل 30-ئۆكتەبىر، شى جىنپىڭ ئۆزى تەدبىر بەلگىلەپ ۋە رەھبەرلىك قىلىپ گۇتيەن ئارمىيە سىياسىي خىزمەت يىغىنى ئېچىپ، ئارمىيەدىكى 400دىن ئارتۇق يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرنى باشلاپ گۇتيەنگە كىردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئارمىيەدىكى سىياسىي ئورگانلار ۋە سىياسىي كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، سىياسىي ئاڭ، بازا ئېڭى، ئومۇمىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ھەربىي ئىشلارنى، قوماندانلىقنى، پەن-تېخنىكىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق، دىققەتنى ئۇرۇش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرىدىغان، ئىستىلى، ئوبرازى ياخشى سىياسىي ئورگان ۋە سىياسىي كادىرلار قوشۇنىنى تىرىشىپ قۇرۇش كېرەك». 

ئازادلىق بۇرغىسى

 

سارغىيىپ كەتكەن خىزمەت قوللانمىسىغا بىر ئىنقىلابىي قەھرىماننىڭ ئۆمۈرلۈك غايە، ئېتىقادى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، يۈكسەك غايىنىڭ ئارقىسىدىكى سادىق، سەمىمىي قەلبكە گۇۋاھ.

قوللانمىنىڭ ئىگىسىنىڭ ئىسمى ما رېنشىڭ. ئۇ شەرقىي شىمال دېموكراتىك بىرلەشمە ئارمىيەسى لياۋنىڭ جىلىن ئەترىتى مۇستەقىل 1-شىسىنىڭ شىجاڭى، شۇنداقلا سىپىڭ ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان ئالىي گېنېرال ئىدى.

ما رېنشىڭ دۆلەتنى، خەلقنى قۇتقۇزۇش يولىدا ئىزچىل ئىزدەندى، ئۇ خېلى بۇرۇنلا شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، گومىنداڭ ئارمىيەسىدە شى ئىشتاب باشلىقى بولغان. «18-سېنتەبىر» ۋەقەسىدىن كېيىن، ياپون باسقۇنچىلىرى تاجاۋۇز قىلىپ، دۆلەت مۇنقەرز بولۇپ، خەلقنىڭ كۈنى ئېغىرلاشتى، ئۇ كومپارتىيەنىڭلا جۇڭگونى قۇتقۇزالايدىغانلىقىنى تەدرىجىي تونۇپ يەتتى. 1938-يىلى ئۇ ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىردى، ئۇ ئۆزىنىڭ تەرجىمىھالىدا مۇنداق دېگەن: «شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، مەن پارتىيەمىزنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىدە تۇرمۇش كەچۈردۈم، كوممۇنىزمنىڭ بىر ئېتىقادچىسىنىڭ تەشكىلگە قاتناشمىسا، كومپارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ھەرىكەت قىلمىسا، ئۇنىڭ بىر خىيالپەرەس، ياكى بىر ئاغمىچى بولىدىغانلىقىنى بىلىمەن».

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ما رېنشىڭ قىسىمغا ئەگىشىپ شەرقىي شىمالغا كەلگەن ھەمدە لياۋنىڭ-جىلىن جەڭگاھىدا كۆپ قېتىم خىزمەت كۆرسەتكەن. بۇ خىزمەت قوللانمىسىدا ما رېنشىڭنىڭ ئەينى چاغدىكى خىزمەت ئەھۋالى خاتىرىلەنگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى تېخنىكىسىغا بولغان تەتقىقات تەسىراتى، كۆڭۈل قويۇپ سىزىپ چىققان ئۇرۇش خەرىتىسى، دۈشمەنگە توسۇپ زەربە بېرىش تەكشىلىك خەرىتىسى بولۇپلا قالماستىن، يەنە 141 كادىرنىڭ ئىسمى، كېلىپ چىقىشى، مەدەنىيەت سەۋىيەسى، خاراكتېر ئالاھىدىلىكى قاتارلىق شەخسىي ئەھۋاللارمۇ خاتىرىلەنگەن. ما رېنشىڭ دائىم مۇنداق دەيدۇ: «كادىرلارنىڭ كونكرېت خىزمىتى ئەسكەرلەرنى سۆيۈش». ئۇ خىزمەتتە كىشىلەرگە ماھىرلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، قىسىم ئۈچۈن زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر كادىرلارنى تەربىيەلەپ بەرگەن.

1947-يىلى 6-ئايدا، ئۇ قىسىمنى باشلاپ سىپىڭغا ھۇجۇم قىلىش جېڭىگە قاتنىشىپ، جەڭچىلەرنى باشلاپ باتۇرانە جەڭ قىلىپ، دۈشمەننىڭ بىرىنچى مۇداپىئە-سېپىنى بۆسۈپ ئۆتتى. 23-ئىيۇن كەچقۇرۇن، شى ئىشتاب باشلىقى بىلەن جەڭ ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىۋاتقاندا، ئۇنىڭغا ئوق تېگىپ، بەختكە قارشى قۇربان بولدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ما رېنشىڭنىڭ ئوغلى دادىسىدىن بۇرۇن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئالدىنقى سەپتە قۇربان بولغان ئىدى. ئۇ پارتىيەگە ھېچقانداق تەلەپ قويمىدى، لېكىن بارلىقىنى پارتىيەگە بېغىشلىدى.

2020-يىلى 22-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ سىپىڭ ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىغا كېلىپ، قەھرىمانلار-قۇربانلار زالىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن، ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئىگىلىك تىكلەش قىيىن، ئىگىلىكنى ساقلاش تېخىمۇ قىيىن. جۇڭگو كومپارتىيەسى بەرپا قىلغان سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ساقلاپ، ئەۋلاد مۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش كېرەك».

پاتقاقتا يول ئېچىش

 

كۆپ دۆلەتلەردە ياسالغان تانكىلاردىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تانكىسىنى تەقلىد قىلىپ ياساشقىچە، يەنە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشقىچە، جۇڭگو تانكىلىرى پاتقاقتىن يول ئېچىپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ ئېغىر قورال-ياراغ بىلەن قوراللىنىشتەك ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىنى ئاچتى.

«تۆھپىكار» ناملىق تانكا 

1945-يىلى 11-ئايدا، خەلق ئارمىيەسى شېنياڭدىكى ياپونىيە كانتون ئارمىيەسى تانكا رېمونت قىلىش زاۋۇتىدىن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى بىرونېۋىك قىسمى تارىخىدىكى تۇنجى تانكىنى قولغا چۈشۈرگەن. 75 يىل ئىلگىرى، ئارمىيەمىز بۇ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن« بوۋاي تانكا» غا تايىنىپ، شەرقىي شىمال يەنئەن توپچىلار مەكتىپىدە تۇنجى تانكا قىسمىنى تەسىس قىلغانىدى. ئازادلىق ئۇرۇشىدا كۆپ قېتىم خىزمەت كۆرسەتكەن بۇ تانكىغا «تۆھپىكار» دەپ نام بېرىلگەن. دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمىدا، «تۆھپىكار» ناملىق تانكا باشلامچى ئۇرۇش ئاپتوموبىلى سۈپىتىدە پاراتتىن ئۆتۈپ، يېڭى جۇڭگونىڭ بىرونېۋىك كۈچىنى نامايان قىلغان.

215 قەھرىمان تانكا 

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو بىرونېۋىك قىسىملىرىغا سەپلەپ بېرىلگەن تانكىنىڭ كۆپىنچىسى ئولجا ئېلىنغان ياپونچە، ئەنگلىيەچە، ئامېرىكىچە تانكا بولۇپ، تىپى مۇرەككەپ، ئاسراش قىيىن ئىدى. جۇڭگو بىرونېۋىك قىسىملىرىنى مۇنتىزىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئارمىيە 1950-يىلىدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ T-34 تىپلىق تانكىسىنى تەشكىلىي جەھەتتىن ئىمپورت قىلىشقا باشلىدى. جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ T-34 تانكىسى نۇرغۇن ئۇرۇش مۆجىزىلىرىنى ياراتتى، بۇنىڭ ئىچىدە 215 قەھرىمان تانكا چاۋشيەن ئۇرۇش مەيدانىدا كۆپ قېتىم ئاجايىپ تۆھپىلەرنى ياراتتى، ئۇ دۈشمەن ئارمىيەسىنىڭ ئېغىر تىپتىكى تانكىسىدىن بەشنى، مىناميوتتىن توققۇزنى، ئاپتوموبىلدىن بىرنى، تانكىدىن بىرنى، ئىستىھكامدىن 26نى، لەخمە ۋە قوماندانلىق ئورنىدىن بىرنى پاچاقلاپ تاشلاپ، پىيادە ئەسكەرلەرنىڭ ماسلىشىپ جەڭ قىلىش ۋەزىپىسىنى يەتتە قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.

جۇڭگونىڭ 59 تىپلىق تانكىسى 

1959-يىلى دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەربىي پارات مۇراسىمىدا، 59 تىپلىق تانكا تۇنجى قېتىم ئاشكارا كۆرسىتىلدى، ئۇنىڭ بارلىققا كېلىشى جۇڭگونىڭ تانكا ئىشلەپچىقىرالماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەردى. 59 تىپلىق تانكا كۈچلۈك ئوت كۈچى بىلەن قوغدىنىش ئىقتىدارى ۋە ھەرىكەتچانلىقىغا تايىنىپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى، تاكى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىغىچە، بۇ تانكا ئازادلىق ئارمىيەنىڭ ئاساسىي تانكىسى بولدى. 

99Aتىپلىق ئاساسىي ئۇرۇش تانكىسى، 15 تىپلىق يېنىك تانكا 

21-ئەسىرگە كىرگەندىن كېيىن، ئېلىمىز ئۆز ئالدىغا 99 تىپلىق تانكىنى ۋەكىل قىلغان ئىلغار تىپتىكى تانكىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى ھەمدە زور تۈركۈمدە قۇراشتۇردى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەربىي پارات مۇراسىمىدا، 99A تىپلىق ئاساسىي ئۇرۇش تانكىسى ۋە تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىققان 15 تىپلىق يېنىك تانكا ياسىمان ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، «قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش پادىشاھى» نىڭ ھەيۋىسى بىلەن داغدۇغىلىق مەيدانغا چىقتى. «يوق»دىن «بار» بولغىچە، «كونا»دىن «سەرخىل»غىچە، بۇ ئاجايىپ تانكا يولى جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا سانائىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ شانلىق مۇساپىسىنىڭ سىمۋولى بولدى.

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، شى جىنپىڭ مۇنداق دېگەن ئىدى: «خەلق ئارمىيەسى ئىلگىرىكى بىرلا ئارمىيە تۈرى بار ئارمىيەدىن تەرەققىي قىلىپ، كۆپ خىل ئارمىيە تۈرى بىرلەشكەن قۇدرەتلىك ئارمىيەگە ئايلاندى، ئىلگىرىكى ئادەتتىكى مىلتىق بىلەن قوراللانغان ئارمىيەدىن تەرەققىي قىلىپ ماشىنىلىشىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرغان، ئۇچۇرلىشىشنى تېزلەتكەن قۇدرەتلىك ئارمىيەگە ئايلاندى».

1-ئاۋغۇست نەنچاڭ قوزغىلىڭىدىن بۇيان خەلق ئارمىيەسى جىڭگاڭشەندىكى كۈرەش، ئۇزۇن سەپەرنى بېسىپ ئۆتتى 

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش، ئازادلىق ئۇرۇشى، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنى باشتىن كەچۈردى. 

ئەجدادلىرىمىز مىڭبىر جاپا-مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ، ئىسسىق قېنى بىلەن ئىنقىلابنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا يول ئاچتى.

ئارمىيە قۇرۇلغان 93 يىلدا خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى ئەزەلدىن ئۆزگەرمىدى.

«خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» ئۇلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قەسىمى.

تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يۇقۇمدا ئۇلار زەربىدارلىق بىلەن ئىلگىرىلىدى.

كەلكۈن ھۇجۇم قىلغاندا، ئۇلار دەرھال تاقابىل تۇردى.

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باشتىن-ئاخىر خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايدا پەيدا بولدى.

قەھرىمانلارنىڭ ھېكايىسى يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ.

قەھرىمانلىق روھى ئۈزۈلۈپ قالماي تارقىلىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭغا ئەگىشىپ ئارمىيە تارىخى ئۆگىنەيلى

1927-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى