ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ تەقدىرلەش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-10 11:31

 

 

 

 

 

مەملىكەتلىك يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن ۋە مېدال تارقىتىپ بەردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە ئېرىشكەن زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجە جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە ئېلىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئۈستۈنلۈكىنى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ كۈچىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ چوڭقۇر مەزمۇنىنى، جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك ئاڭلىقلىقى ۋە مەسئۇلىيىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ئىپتىخارلىقىنى، ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە ئىنتىلىش كۈچىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى،  بىزنى يېڭى دەۋرنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە توسالغۇلارنى يېڭىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا بېسىشقا جەزمەن رىغبەتلەندۈرىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شەكىللەندۈرگەن ئالاھىدىلىكى ۋە مەدەنىيەت گېنى بىلەن تومۇرداش بولۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، سوتسىيالىزم روھىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى، جۇڭگو روھىنىڭ جانلىق چۈشەندۈرۈلۈشى، ئۇ مىللىي روھ ۋە دەۋر روھىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتتى. بىز  پۈتۈن جەمئىيەتتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇنى ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.
لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، لى جەنشۇ رەئىس بۇيرۇقىنى ئوقۇدى، ۋاڭ خۇنىڭ تەقدىرلەش قارارىنى ئوقۇدى، ۋاڭ ياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن يىغىنغا قاتناشتى.
سائەت سەككىزدىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە، دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەر تۇرۇشلۇق جايدىن مېھمان كۈتۈش ماشىنىسى بىلەن كوللېكتىپ يولغا چىقىپ، دۆلەت مېھمىنى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ ھىمايىسىدە خەلق سارىيىغا باردى. خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي دەرۋازىسى ئالدىدا، قىزىل بايراقنى ئېگىز كۆتۈرگەن ھۆرمەت قاراۋۇللىرى يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە تىزىلدى، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى پەلەمپەيدە ھەيۋەتلىك تىك تۇردى، ياش-ئۆسمۈرلەر قىزغىن تەنتەنە قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەر قىزىل پاياندازنى بويلاپ خەلق سارىيىغا كىردى. پارتىيە ۋە دۆلەت تۆھپە كۆرسەتكەنلەر ۋە شەرەپكە ئېرىشكۈچىلەرنى تەقدىرلەش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى بۇ يەردە ئۇلارنى كوللېكتىپ كۈتۈۋالدى.
خەلق سارىيىنىڭ چوڭ زالى قىزغىن تەنتەنە كەيپىياتىغا چۆمدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «مەملىكەتلىك يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكا ئېسىلغان، ئارقىدىكى پەردىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېربى كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىگە 10 قىزىل بايراق تىزىلغان ئىدى. 2-قەۋەتتىكى بالكونغا «يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى!» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكات ئېسىلغان ئىدى.   
سائەت دەل ئوندا يىغىن باشلاندى. ئازادلىق ئارمىيە ھەربىي ئوركېستىرى «پىدائىيلار مارشى»نى ئورۇنلىدى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى.
دۆلەت شېئىرى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەيداندىكىلەر سۈكۈتتە تۇرۇپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدا قۇربان بولغانلار ۋە قازا قىلغان قېرىنداشلارغا تەزىيە بىلدۈردى.
لى جەنشۇ شى جىنپىڭ ئىمزالىغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىس بۇيرۇقىنى ئوقۇدى. رەئىس بۇيرۇقىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىگە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان تۆھپىكار نەمۇنىچى شەخسلەرنى داغدۇغىلىق تەقدىرلەپ، ئۇلارنىڭ ساداقەتمەن، مەسئۇلىيەتچان، ئۆزىنى بېغىشلاشتىن ئىبارەت ئالىيجاناب پەزىلىتىنى نۇرلاندۇرۇش ئۈچۈن، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 21-سانلىق يىغىنىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، جۇڭ نەنشەنگە «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى»، جاڭ بولى، جاڭ دىڭيۈ، چېن ۋېيغا «خەلق قەھرىمانى» دېگەن دۆلەت شەرەپ نامى بېرىلسۇن.
تۆت ھۆرمەت قاراۋۇلى جۇمھۇرىيەت ئوردېنى، دۆلەت شەرەپ نامى مېدالىنى كۆتۈرۈپ، مەزمۇت قەدەم تاشلاپ، مۇراسىم مەيدانىغا كىردى.
ھەيۋەتلىك «ۋەتەن قەھرىمانلىرىغا ئېھتىرام» ناملىق مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەرگە بىر-بىرلەپ ئوردېن ۋە مېدال بەردى ھەم ئۇلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى تەبرىكلىدى. ئارقىدىن، دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشكەن تۆت كىشى تەكلىپكە بىنائەن رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى. پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ياڭرىدى.
ۋاڭ خۇنىڭ «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مەملىكەتلىك يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىلغار شەخسلەر ۋە ئىلغار كوللېكتىپلارنى تەقدىرلەش ھەققىدىكى قارارى»، «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرى ۋە مەملىكەتلىك ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەقدىرلەش ھەققىدىكى قارارى»نى ئوقۇدى.
شى جىنپىڭ قاتارلىقلار تەقدىرلەنگەن شەخسلەر ۋە كوللېكتىپلار ۋەكىللىرىگە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.
پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەن سەككىز ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، بىر مەيدان كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىنى ئېلىپ بېرىپ، بىر مەيدان مىسلىسىز مۇشەققەتلىك تارىخىي سىناقنى باشتىن كەچۈرۈپ، غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىنسانلارنىڭ كېسەللىك بىلەن كۈرەش قىلىش تارىخىدا يەنە بىر باتۇرانە ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقاردى.
شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، تەقدىرلەنگەن ئىلغار شەخسلەر ۋە ئىلغار كوللېكتىپلار، بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىگە زور تۆھپە قوشقان تېببىي خادىملار، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمەتچىلىرى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر-جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرى، جىددىي قۇتقۇزغۇچىلار، ئاخبارات خىزمەتچىلىرى، كارخانا كەسپىي ئورۇنلىرىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى، قۇرۇلۇشچىلار، تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار، پىدائىيلار ھەم خەلق ئاممىسى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە كارخانا كەسپىي ئورۇنلىرىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى! يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىگە ئاكتىپ قاتناشقان ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز ئەربابلار، ھەر قايسى خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسى، بەس-بەستە ياردەم قىلغان شياڭگاڭلىق قېرىنداشلار، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەتئەللەردىكى جۇڭگو چياۋمىنلىرى، جۇڭگولۇقلارغا چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو خەلقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرغان مەزگىلدە، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، ھۆكۈمەتلىرى، پارتىيەلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى ۋە جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار تەشكىلاتلىرى، ئالاقىدار رايون تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا ئاپپاراتلار، چەتئەل مەبلىغى كارخانىلىرى، خەلقئارادىكى دوست ئەربابلار تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن جۇڭگو خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى، قىممەتلىك قوللىدى. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن ئۇلارغا سەمىمىي مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنىلا يەر شارىدا يامراۋاتىدۇ، جۇڭگو خەلقى يۇقۇمنىڭ ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە ئېلىپ كەلگەن ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تەڭ ھېس قىلدى، كېسەل سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان كىشىلەرگە قاتتىق ئېچىندى، مىنۇت سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇۋاتقان كىشىلەرگە چوڭقۇر ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ، بەختكە قارشى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان، داۋالىنىۋاتقان كىشىلەرگە سەمىمىي بەخت تىلەيدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇشۇ پەيتتە بىز يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا باتۇرلارچە قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنى، يۇقۇمدا بەختكە قارشى قازا قىلغان قېرىنداشلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىمىز ۋە قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈرىمىز.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز يىلدىن بۇيان يەر شارىدا ئەڭ كەڭ تارقالغان ئەڭ ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان ئېلىمىز دۇچ كەلگەن تارقىلىش سۈرئىتى ئەڭ تېز، يۇقۇملىنىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قىيىن بولغان  زور ئۇشتۇمتۇت ئاممىۋىي سەھىيە ۋەقەسى. ۋىرۇس تۇيۇقسىز  پەيدا بولۇپ، يۇقۇم ھۇجۇم قىلىپ، خەلقنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلدى. بىز خەلق ھەممىدىن ئەلا، ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، كەسكىن جاسارەت ۋە قەتئىي تەۋرەنمەس ئىرادە بىلەن، ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، كېسەللىك بىلەن ئېلىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ خەلق جېڭى، ئومۇمىي جېڭى، تاقابىل تۇرۇش جېڭىنى تېز باشلاپ، بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە توستۇق؛ تەخمىنەن ئىككى ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ھەر كۈنى يېڭىدىن كۆپەيگەن يەرلىك بىمارنى بىر خانىلىق سان ئىچىدە تىزگىنلىدۇق؛ تەخمىنەن ئۈچ ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ۋۇخەننى قوغداش جېڭى، خۇبېينى قوغداش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق؛ ئارقىدىنلا يەنە قىسمەن رايونلاردا پەيدا بولغان توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇمنى يوقىتىش جېڭىنى قىلىپ، مەملىكەت بويىچە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرشىنىڭ زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈردۇق. بىز مۇشۇ ئاساستا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق. جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە جۇڭگو روھى، جۇڭگو كۈچى، جۇڭگو مەسئۇلىيىتى تولۇق نامايان قىلىندى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولغان ئېغىر يۇقۇم ئالدىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇمىيەتنى بىر تۇتاش ئىگىلەپ، كەسكىن تەدبىر بەلگىلەپ، بۇ كېسەللىككە ئالاھىدە تەدبىر قوللىنىپ تاقابىل تۇردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكنى دەرھال يولغا قويدى؛ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى 21 قېتىم يىغىن ئېچىپ، ھەل قىلغۇچ تەدبىرلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلات، مەدەنىيەت، مائارىپ ساھەلىرى، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى چوڭ جەڭنى تەشكىللەشكە رەھبەرلىك قىلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش ئومۇمىي تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش باش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ۋۇخەننى قوغداش جېڭى،خۇبېينى قوغداش جېڭىنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ۋاقىت ۋە ۋەزىيەتكە بېقىپ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقتى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى، تارماقلار، ئورۇنلار، ھەرقايسى تەرەپلەر بۇيرۇققا بىنائەن ھەرىكەتكە كەلدى؛ مەملىكەت بويىچە يېزا، مەھەللىلەر، كارخانىلار، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، مەكتەپلەر، ھەربىي گازارمىلار تەق بولدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە مەملىكەتتە بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىستېرېئولۇق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما تېز شەكىللىنىپ، يۇقۇمنىڭ كەڭ كۆلەمدە يامرىشى ئۈنۈملۈك توسۇلدى، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش خەتەرلىك مۇساپىسى كۈچلۈك ئۆزگەرتىلدى، خەلقنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغدالدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تۇيۇقسىز پەيدا بولغان ئېغىر يۇقۇم ئالدىدا، جۇڭگو خەلقى ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنىڭ مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلدى، بىز پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، كۆلىمى مىسلىسىز بولغان ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇشنى يولغا قويدۇق، ۋۇخەن خەلقى، خۇبېي خەلقى ئومۇمىيەتنى تونۇپ، ئومۇمىيەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، يۇقۇمنىڭ يامراپ كېتىشىنى توسۇش، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، غايەت زور قۇربانلىق بەردى ۋە زور تۆھپە قوشتى. تۇيۇقسىز پەيدا بولغان ئېغىر يۇقۇم  ئالدىدا، تېببىي خادىملار ئاق خالات كىيىپ، زەربىدارلىق بىلەن  ئاتلىنىپ، پىداكارلىق بىلەن ھاياتنى قۇتقۇزدى، ئۇلار ئەڭ گۈزەل پەرىشتىلەر، يېڭى دەۋردىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر.
تۇيۇقسىز پەيدا بولغان ئېغىر يۇقۇم  ئالدىدا، بىز بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى مۇقىم ياخشىلاپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى مۇقىم ئەسلىگە كەلتۈردۇق. تۇيۇقسىز پەيدا بولغان ئېغىر يۇقۇم  ئالدىدا، جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، قىيىنچىلىقلارنى بىرلىكتە يېڭىپ، دۇنيانىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق دۇنيادىكى مىڭلىغان ـ ئونمىڭلىغان كىشىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇشقا ياردەم بېرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى سەمىمىي ئارزۇسىنى نامايان قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ياشلار دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئۈمىدى. ياش ئەۋلادلارنىڭ بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا تاقابىل  تۇرۇش كۈرىشىدىكى گەۋدىلىك ئىپادىسى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ، تەسىرلەندۈرىدۇ.
دۇنيادا ئاسماندىن چۈشىدىغان قەھرىمان يوق، پەقەت كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئاددىي ئادەم بار.
ياش ئەۋلادلار جاپادىن، قىيىنچىلىقتىن، قۇربان بېرىشتىن قورقماي،  تاغدەك مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ياشلىق باھارىنىڭ جۇشقۇن قىياپىتىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۈمىدىنى نامايان قىلدى.  بىز ئۇلارنى بىرلىكتە مەدھىيەلەيلى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى ئېغىر يۇقۇم بىلەن ھايات ماماتلىق ئېلىشىشتا، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى كۈرەش قىلىشقا، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىشتەك قورقماس جاسارەت بىلەن، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان، مەملىكەت بويىچە بىر نىيەتتە بولىدىغان، ھايات-ماماتى بىلەن ھېسابلاشمايدىغان، ئىلىم-پەنگە ھۆرمەت قىلىدىغان، تەقدىر-قىسمەتتە بىللە بولىدىغان يۇقۇمغا تاقابىل  تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى ياراتتى. ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش-جۇڭگو خەلقىنىڭ چوڭقۇر مېھرىبانلىق ئەنئەنىسى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ خەلقنى مەركەز قىلىشتەك قىممەت ئىنتىلىشىنى مەركەزلىك نامايان قىلدى.
پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىشى جۇڭگو خەلقىنىڭ بىر نىيەتتە جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇشتەك ئىتتىپاقلىق ئۇلۇغ كۈچىنى مەركەزلىك نامايان قىلدى. ھايات-ماماتى بىلەن ھېسابلاشماسلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى يېڭىشكە جۈرئەت قىلىدىغان، ھەرقانداق قىيىنچىلىققا باش ئەگمەيدىغان قەيسەر ئىرادىسىنى مەركەزلىك نامايان قىلدى. ئىلىم پەنگە ھۆرمەت قىلىش-جۇڭگو خەلقىنىڭ راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشتەك ئەمەلىي پەزىلىتىنى مەركەزلىك نامايان قىلدى.
تەقدىر-قىسمەتتە بىللە بولۇش - جۇڭگو خەلقىنىڭ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، تىنچلىقنى سۆيىدىغان ئەخلاقىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى مەركەزلىك نامايان قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ قاينام تاشقىنلىق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە، بىز مۇھىم تەجرىبىلەرنى توپلاپ، چوڭقۇر ئىلھامغا ئېرىشتۇق. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ تەڭداشسىز كۈچلۈك رەھبەرلىك كۈچى بوران-چاپقۇن ھۇجۇم قىلغان چاغدىكى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك تايانچى؛ جۇڭگو خەلقىنىڭ ئېگىلمەس-سۇنماس ئىرادىسى ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق جاپا-مۇشەققەت ۋە خەۋپ-خەتەرنى يېڭىشتىكى كۈچ مەنبەسى؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى— خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى؛ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان توپلانغان مۇستەھكەم دۆلەت كۈچى- دەھشەتلىك بوران ـ چاپقۇنلارغا بىمالال تاقابىل تۇرۇشتىكى كۈچلۈك ئىشەنچ؛ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى-كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، خەلقنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەشتىكى قۇدرەتلىك كۈچ؛ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ كەڭ چاقىرىق كۈچى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، تېخىمۇ گۈللەنگەن، گۈزەل دۇنيا قۇرۇشىدىكى توغرا يول. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر، دۇنيادا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش تېخىمۇ كەسكىنلەشمەكتە، دۆلەت ئىچىدە ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى مۈشكۈل ۋە ئېغىر. «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا، بىز پارتىيەنىڭ تۈپ نەزەرىيەسى، تۈپ لۇشيەنى، تۈپ تاكتىكىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئومۇمىي رىتىمىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ،  دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات، بىخەتەرلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك. بىز دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش،  تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. بىز «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،  ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش نىشان ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. بىز تۈزەش سىستېمىسىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى، ئاجىز تۈرلەرنى تېزدىن تولۇقلاپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۈزۈم كاپالىتىنى پۇختىلىشىمىز كېرەك. بىز ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن قول تۇتۇشۇپ، كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان دۇنياۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك. بىز تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدىكى تۈرلۈك خەۋپ-خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە تۈگىتىپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى ئىشقا سېلىپ، نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ ئۇلۇغ زېمىندا ئىرادىلىكلەرنىڭ قەدىمى مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ. بىر مىللەتنىڭ ئۇلۇغلۇقىنىڭ تۈپ نېگىزى ئۇنىڭ ھەرقانداق قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ-خەتەر ئالدىدا ئەزەلدىن ۋاز كەچمەسلىكى،  چېكىنمەسلىكى، توختاپ قالماسلىقىدا، ئۆزىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى ئۈچۈن ئېگىلمەي-سۇنماي كۈرەش قىلىشىدا. 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىك، شانلىق  مۇساپىسىنى باسقان جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى  جەزمەن يېڭى دەۋرنىڭ ئۇلۇغ مۇساپىسىدە ئالغا قاراپ ماڭىدۇ، ھەرقانداق كىشى، ھەرقانداق كۈچ جۇڭگو خەلقىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا قاراپ باسقان قەدىمىنى  توسۇپ قالالمايدۇ!
يىغىندا «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى جۇڭ نەنشەن، مەملىكەتلىك يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىلغار شەخس، مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، بېيجىڭ شيېخې دوختۇرخانىسى يۇقۇملىنىش ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ليۇ جېڭيىن، مەملىكەتلىك يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىلغار كوللېكتىپ،  مەملىكەتلىك ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىلى،  ۋۇخەن شەھىرى چىڭخېجۈ مەھەللە پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى گۇي شياۋمېي سۆز قىلدى.
يىغىندىن ئىلگىرى شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار دۆلەت ئوردىنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەر، مەملىكەتلىك يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىلغار شەخسلەر، ئىلغار كوللېكتىپلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى  ھەمدە كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى ھەمدە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.
ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، مەركەزنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، دۆلەت ئوردىنى ۋە دۆلەت شەرىپىگە ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، تۇرۇشلۇق ئورۇننىڭ ۋەكىللىرى،  يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، شياڭگاڭ ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، چەت ئەللەردىكى جۇڭگو چياۋمىنلىرى ۋە ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى ۋە ئېلىمىزنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئىشلىرىغا تۆھپە قوشقان خەلقئارادىكى دوستلار ۋەكىللىرىدىن بولۇپ تەخمىنەن 3000 كىشى يىغىنغا قاتناشتى.


 

 

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ تەقدىرلەش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى

مەملىكەتلىك يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل