ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى كۈچلۈك نۇرلاندۇرايلى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-10 11:31

 

 

ئىستانسىمىز «پۈتۈن جەمئىيەتتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى كۈچلۈك نۇرلاندۇرايلى» ماۋزۇلۇق ئوبزورنى ئېلان قىلدى.

ئوبزوردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مەملىكەتلىك يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن ۋە مېدال تارقىتىپ بەردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئادەمنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىدىغان بۇ سۆزدە، باش شۇجى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى «ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا، پۈتۈن مەملىكەت بىر نىيەتكە كېلىش، پىداكارلىق كۆرسىتىش، ئىلىم-پەننى ھۆرمەتلەش، تەقدىرداش بولۇش»قا يىغىنچاقلىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ قالتىس مۇساپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتۈپ، ئېلىمىز يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە قولغا كەلتۈرگەن زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ھەر قايسى سەپلەردىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش قەھرىمانلىرىغا چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ئېھتىرام بىلدۈردى. باش شۇجى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى چوڭقۇر يەكۈنلىدى ھەم كۈچلۈك نۇرلاندۇرۇشقا چاقىردى، بۇ-جەزمەن بىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىزغا ئىلھام بېرىدۇ.

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى كۈچلۈك نۇرلاندۇرايلى

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ