ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ مۇھىم تەستىق سېلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-28 18:35

شى جىنپىڭ «14-بەش يىللىق» يىرىك پىلان تۈزۈش خىزمىتىگە توردا پىكىر ئېلىش پائالىيىتىگە مۇھىم تەستىق سېلىپ: ئىنتېرنېتنىڭ ئەل ساداسىغا قۇلاق سېلىش، ئەلنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش جەھەتتىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى تەكىتلىدى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا «14-بەش يىللىق» يىرىك پىلان تۈزۈش خىزمىتىگە توردا پىكىر ئېلىش پائالىيىتىگە مۇھىم تەستىق سېلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىنتېرنېت ئارقىلىق «14-بەش يىللىق» يىرىك پىلان تۈزۈشكە پۈتۈن جەمئىيەتتىن پىكىر ۋە تەكلىپ ئېلىش ــ ئېلىمىزنىڭ بەش يىللىق يىرىك پىلان تۈزۈش تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى، جەمئىيەتنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، نۇرغۇن ئىجابىي پىكىر ۋە تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئالاقىدار تارماقلار ۋاقتىدا رەتلەپ، تەھلىل قىلىپ، ئەستايىدىل قوبۇل قىلىشى كېرەك. بارلىق خەلق ئاممىسى ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر ۋە تەكلىپلەر كەڭ كۆلەملىك ۋە كونكرېت بولۇپ، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسى تولۇق ئىپادىلەندى. خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىستىكى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز. خەلقنىڭ ئىشەنچىسى ۋە قوللىشى دۆلىتىمىزنىڭ جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىش كۈچىدۇر. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتىكى تەجرىبە ۋە ئۇسۇللارنى يەكۈنلەپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە ئىنتېرنېتنىڭ ئەل ساداسىغا قۇلاق سېلىش، ئەلنىڭ ئەقىل پاراسىنى مۇجەسسەملەش جەھەتتىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ كۆلەمدە پىكىر توپلاپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «14-بەش يىللىق» يىرىك پىلان تۈزۈش خىزمىتىدە ئاشكارا تەدبىر سوراپ، كەڭ كۆلەمدە پىكىر ئېلىپ، يۇقىرى قاتلام لايىھەسىنى كۈچەيتىش بىلەن خەلقتىن ئەقىل سوراشتا چىڭ تۇرۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىر نىيەت بىر مەقسەتتە  «14-بەش يىللىق» يىرىك پىلاننى ياخشى تۈزۈش ھەققىدىكى مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل 16-ئاۋغۇستتىن 29-ئاۋغۇستقىچە «14-بەش يىللىق» يىرىك پىلان  تۈزۈش خىزمىتىگە توردا پىكىر ئېلىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئايرىم-ئايرىم خەلق گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىغا قاراشلىق تورلار، ئاخبارات تېرمىنالى شۇنداقلا «ئۆگىنىش ئارقىلىق دۆلەتنى كۈچەيتىش» ئۆگىنىش سۇپىسىدا «14-بەش يىللىق»  يىرىك پىلانغا تەكلىپ بېرىش مەخسۇس سەھىپىسى تەسىس قىلىنىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتىن تەكلىپ قوبۇل قىلىندى. پائالىيەت تەرتىپلىك تەشكىللىنىپ، جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى، تورداشلاردىن جەمئىي بىر مىليون 18 مىڭ پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇپ ئېلىنىپ، «14-بەش يىللىق» يىرىك پىلان تۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى قىلىش پايدىلىق قوللانما بىلەن تەمىن ئېتىلدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ مۇھىم تەستىق سېلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

شى جىنپىڭ «14-بەش يىللىق» يىرىك پىلان تۈزۈش خىزمىتىگە توردا پىكىر ئېلىش پائالىيىتىگە مۇھىم تەستىق سېلىپ: ئىنتېرنېتنىڭ