ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ مۇسابىقە تەييارلىق ئەھۋالىنى تەكشۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-20 10:13

باش شۇجى شى جىنپىڭ 18-يانۋار بېيجىڭدا قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈردى. شى جىنپىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونىغا جايلاشقان پايتەخت تەنتەربىيە سارىيى ۋە بېيجىڭ شەھىرى يەنچىڭ رايونىغا جايلاشقان دۆلەت ئېگىز تاغ قار تېيىلىش مەركىزى، دۆلەت قار ماشىنىسى، چانا مەركىزىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تەنھەرىكەت مەيدان-ساراي قۇرۇلۇشى ۋە تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تەييارلىق قىلىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى، تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلار ۋە يەنچىڭ مۇسابىقە رايونىنىڭ يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان كوللېكتىپ، قۇرۇلۇشچىلار ۋەكىللىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

پايتەخت تەنتەربىيە سارىيىدا، دۆلەت فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش كوماندىسى، قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش كوماندىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى، تىرېنېرلىرى باش شۇجىغا مەشىق، مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىش ئىشەنچىسىنى ئىپادىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش ۋە مەشىق، تەييارلىق خىزمىتىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى، پارتىيە ۋە خەلق كۈچلۈك ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەت بەردى. مەن بۇ قېتىم كۆپچىلىكنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن تەييارلىق خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق ئىشلەۋاتقانلىقى، مەشىق، تەييارلىق ئۈنۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولغانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم، بۇ نۆۋەتلىك كاتتا مەرىكىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشكە بولغان ئىشەنچىم كامىل.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ شەھىرى يەنچىڭ رايونىدىكى دۆلەت ئېگىز تاغ قار تېيىلىش مەركىزىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ماھارەت مۇسابىقىسى ئاخىرلىشىش رايونىدا، شى جىنپىڭ ئېگىز تاغ قار تېيىلىش مۇسابىقە مەيدانىنىڭ يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ماھارەت مۇسابىقىسى مەشىق ئەھۋالىنى كۆردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تەنتەربىيەدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئاساسى ئاممىۋى تەنتەربىيەدە. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئېلىمىزنىڭ قار-مۇز ھەرىكىتى، بولۇپمۇ قار ئۈستى ھەرىكىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 300 مىليون كىشى ئىچىدە قار-مۇز ھەرىكىتىنى تېخىمۇ ياخشى كېڭەيتىپ، تەنتەربىيەدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئايرىلىدىغان چاغدا، كۆپچىلىك بىرلىكتە «جۇڭگو قار-مۇزى، غەيرەت قىلايلى» دەپ توۋلىدى، شى جىنپىڭمۇ كۆپچىلىكنى رىغبەتلەندۈرۈپ،  «غەيرەت قىلىڭلار» دېدى.

19-يانۋار، باش شۇجى شى جىنپىڭ پويىزغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭ-جاڭجياكۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنى بويلاپ خېبېي ئۆلكىسىنىڭ جاڭجياكۇ شەھىرىگە بېرىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بېيجىڭ-جاڭجياكۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ تەيزىچېڭ ۋوگزالى، دۆلەت پەشتاقتىن سەكرەپ قار تېيىلىش مەركىزى، دۆلەت قىشلىق ئىككى تۈر مەركىزىنى كۆزدىن كەچۈردى، تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلار ۋە جاڭجياكۇ مۇسابىقە رايونىنىڭ يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئەترىتى، قۇرۇلۇشچىلار ۋەكىللىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ مۇسابىقە تەييارلىق ئەھۋالىنى تەكشۈردى

باش شۇجى شى جىنپىڭ 18-يانۋار بېيجىڭدا قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈردى.