ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش » ئارقىلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى مۇستەھكەملەندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-21 09:40

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ چۇڭچىڭدا ئېچىلغان «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش » كە دائىر گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا: 2020-يىلى يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنى يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەكتىن غەم قىلدۇرماسلىقنى مۇقىم ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىش، تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتكى ئاساسىي تەلەپ ۋە يادرولۇق كۆرسەتكۈچ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ سۈپىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. چۇڭچىڭ باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىرلىرىنى ھەر بىر ئادەمگىچە دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رايونلارغىچە بىر تۇتاش پىلانلاپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» نى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى.

2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدا چۇڭچىڭ شەھىرى شىجۇ ناھىيەسى جۇڭيى يېزىسى يەنجىڭ كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئاخىرقى 84 نامرات ئائىلىنىڭ ھەممىسى ئىككىدىن غەم قىلمايدىغان بولدى، ئۈچتە كاپالەتكە ئېرىشتى. ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىكى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار يېڭى يىل كىرىشى بىلەن ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ، ئۇلارنىڭ يېڭى يىلدىن كېيىن قانداق پىلانى بارلىقى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ نامرات ئاممىنىڭ كۈنلىرىنىڭ قانداق ئۆتۈۋاتقانلىقىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلدى. 2019-يىلى 4-ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ چۇڭچىڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە يۇرتداشلارغا: ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلەشكەن-ئەمەلىيلەشمىگەنلىكى، يەنە قانداق مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى نەق مەيداندا ئىگىلەش مەقسىتىدە بۇ قېتىم سىلەرنى مەخسۇس يوقلاپ كەلدىم، دېدى.

2018-يىلى ئېرى مېيىپ بولۇپ قالغانلىقتىن 49 ياشلىق ۋېن شۇلەن قايتا نامراتلىشىپ كەتكەن ئىدى، ئۇ كەنت كادىرلىرىنىڭ ياردىمىدە ئورمان مۇھاپىزەتچىسى بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىر يىلدا 20 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلدى. گەرچە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ۋېن شۇلەن كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇش يولىنى تېپىشى كېرەك ئىدى، دەل شۇۋاقىتتا كەنتتىكى نامراتلارنى يۆلەش سېخى ئىشچى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى، كەنت كادىرلىرى ۋېن شۇلەننى كۆرسەتتى. بىر ماھارەتنى ئىگىلەش ۋېن شۇلەندەك نامرات ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن سىجىل تەرەققىي قىلىش ياكى قىلماسلىقىنىڭ ئاچقۇچى. كەنت كادىرلىرى چاغاندىن كېيىن دېھقانلارنى ھەسەل ھەرىسى بېقىش ۋە جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى تېرىش بويىچە تەربىيىلەشكە قاتنىشىشقا تەشكىلەش ئۈستىدە كېڭەشتى.

مەجبۇرىيەت مائارىپىغا كاپالەتلىك قىلىش «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتەكاپالەتلەندۈرۈش» نىڭ مۇھىم بىر قىسمى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان جوڭيى يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6-يىللىق سىنىپىدا بىر قېتىملىق ئالاھىدە پەن دەرسى ئۆتۈلىۋاتىدۇ، دەرس ئۆتۈۋاتقان ئوقۇتقۇچى 200 نەچچە كېلومېتىر يىراقلىقتىكى چۇڭچىڭ شەھىرى خېجيې باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىسى چېن يۈ. گەرچە دەرس ئېكراندا ئۆتۈلۈۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بالىلار يەنىلا كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاۋاتاتتى.

رەقەملىك مائارىپ بايلىقىنىڭ يېزىلارغا ئومۇمىيلىشىشى بىلەن تاغلىق رايونلاردىكى تېخىمۇ كۆپ بالىلارمۇ تەجرىبە دەرسى، مۇزىكا دەرسى قاتارلىق دەرسلەرگە قاتنىشالايدىغان بولدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان چوڭچىڭ مەكتەپ تەنھەرىكەت مەيدانلىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن 13 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سالدى، نامرات رايوندىكى 248مەكتەپنىڭ ھاجەتخانىسىنى ئۆزگەرتىشنى تاماملىدى.

2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ نامرات رايونىدىكى 18 ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، 1919 نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.














中央广播电视总台 央广网 版权所有

«ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش » ئارقىلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى مۇستەھكەملەندى

باش شۇجى شى جىنپىڭ چۇڭچىڭدا ئېچىلغان «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش » كە دائىر