ئىستانسىمىزنىڭ ئوبزورى
پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېتەكلەش، كاپالەتلىك قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرايلى
ئىستانسىمىز «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېتەكلەش، كاپالەتلىك قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرايلى» ماۋزۇلۇق ئوبزورنى ئېلان قىلدى.
ئوبزوردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالغان، ئىدىيەسى چوڭقۇر، مەزمۇنى مول بولۇپ، ئۆتكەن بىر يىلدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى، زور نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى ۋەزىپىلىرىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ بىر يۈرۈش كۈچەش يۆنىلىشىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ-ئىنتايىن رېئال خاراكتېرگە، قاراتمىلىققا، يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم قوللانما. بىز بۇنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.