ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭنىڭ گۇاڭشىدا خىزمەت تەكشۈرگەنلىكى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-29 10:15

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 29-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا گۇاڭشىدا خىزمەت تەكشۈرگەندە، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك گۈزەل گۇاڭشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى. باش شۇجىنىڭ بۇ قېتىمقى خىزمەت تەكشۈرۈشى گۇاڭشىدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنى تېخىمۇ روھلاندۇردى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ گۇاڭشى سەھىپىسىنى تىرىشىپ يېزىپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز.

پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭشىدىكى خىزمەت تەكشۈرۈشتە بىرىنچى بولۇپ قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرى شياڭجياڭ ئۇرۇشى خاتىرە باغچىسىغا باردى. ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى ئۇزۇن سەپىرىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز جەزمەن غەلىبە قىلىش ئېتىقادىمىزنى چىڭىتىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن تۈرلۈك زور خېيىم-خەتەر، خىرىسلارنى باتۇرلۇق بىلەن يېڭىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ قەدىمىنى توختىتىپ، بىر پارچە ماي بوياق رەسىمگە زەن سېلىپ قارىدى. ماي بوياق رەسىمدىكى باش قەھرىمان-ئەينى چاغدا قىزىل ئارمىيە 5-جۈنتۈەن 34-شىسىنىڭ شىجاڭى چېن شۇشياڭ ئىدى. گۇاڭشى گۈيلىن شەھەرلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى خۇاڭ گېشىن نەق مەيداندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئاڭلاپ، ئېتىقادنىڭ كۈچىنى ھېس قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چۈەنجۇ ناھىيەسى سەيۋەن بازىرى ماۋجۇشەن كەنتىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش-«دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى». يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ چوڭقۇرلۇقى، كەڭلىكى، قىيىنلىق دەرىجىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن قېلىشمايدۇ، ھەرگىز تىنىۋېلىش، ئارام ئېلىۋېلىش خىيالىدا بولۇشقا بولمايدۇ، يېڭى باشلانمىدا داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنى ئورتاق بېيىتىشتا تېخىمۇ روشەن ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. چۈەنجۇ ناھىيەسى سەيۋەن بازىرى نەنيى كەنتى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ يەنفېن كەنت كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن داۋاملىق قەتئىي جاسارەت بىلەن ئىشلەيمەن دېدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە كەنت ئاھالىسى ۋاڭ دېلى، لو لىڭلىڭ ئەر-خوتۇننىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇلارنى يوقلىدى. لو لىڭلىڭ باش شۇجىنىڭ كېلىشى ۋە غەمخورلۇقى-ئائىلىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان زور ئۈمىدكە ئىگە قىلدى دېدى.

شۇ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كېمىگە ئولتۇرۇپ لىجياڭ دەرياسىنىڭ ياڭشو بۆلىكىنى تەكشۈردى. ئۇ تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇمنى سىستېمىلىق تۈزەش، توغرا ئېكولوگىيە قارىشى، تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، تەبىئەتتىن ئەيمىنىپ، تەبىئەتكە ماسلىشىپ، تەبىئەتنى قوغداش كېرەك دەپ تەكىتلىدى. سەمىمىي تاپشۇرۇق-باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيەنى ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى. گۈيلىن لىجياڭ دەرياسىدىكى داڭلىق مەنزىرىگاھلارنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى گو خۇڭشىڭ بۇنى قەلبىگە چىڭ پۈكتى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز لىجياڭ دەرياسىنىڭ سۇ سۈپىتىنى تۈزەپ، ئارال، قىرغاق لىنىيەسى، نەملىكلەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئوڭشىدۇق. باش شۇجىمۇ بۇنى بەك مۇئەييەنلەشتۈردى. بىز چوقۇم باش شۇجىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ھەر قايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، تاغ-دەريالىرىمىزنى ھەقىقىي تۈردە قىممەتلىك بايلىققا ئايلاندۇرىمىز.

شياڭبىشەن باغچىسى لىجياڭ دەرياسىنىڭ گۈيلىن شەھەر رايونىدىكى بۆلىكىگە جايلاشقان، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتنى، ساياھەت ئارقىلىق مەدەنىيەتنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قىممىتى، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەت قىلىش، ئولتۇراقلىشىش، كۆڭۈل ئېچىش، ساياھەت قىلىشقا ماس كېلىدىغان گۈزەل مۇھىتنى تىرىشىپ يارىتىپ، دۇنياۋى ساياھەت شەھىرى بەرپا قىلىش كېرەك.

مەنزىرىگاھ باشقۇرۇش باشقارمىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مو خەي بىز گۈيلىننىڭ گۈزەل تاغ-دەريالىرىنى چوقۇم ياخشى ئاسرىشىمىز؛ مەنزىرىگاھنى ياخشى قۇرۇپ، ياخشى باشقۇرۇپ، گۈيلىن شەھەر بەلگىسىنىڭ ئالتۇن ماركىسىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇشىمىز كېرەك دېدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭنىڭ گۇاڭشىدا خىزمەت تەكشۈرگەنلىكى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا گۇاڭشىدا خىزمەت تەكشۈرگەندە، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك گۈزەل گۇاڭشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى.