ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ مىرزىيايېۋ بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-01-02 15:13

2022-يىلى 2-يانۋار، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيايېۋ بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ ئالغا بېسىپ، ئىناق ئۆتىدىغان، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئالىدىغان خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. بولۇپمۇ ئىككى تەرەپ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە تەرەققىيات، گۈللىنىش مۇساپىسىدە ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىدا بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلاردىن بولۇپ قالدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو-ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ مىرزىيايېۋ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو-ئۆزبېكىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخىي يېڭى سەھىپىسىنى تەڭ يارىتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

مىرزىيايېۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن 30 يىل ئۆزبېكىستان-جۇڭگو ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق دوستانە ئالاقە تارىخىدىكى يارقىن سەھىپە بولدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن، ئۆزبېكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئادىمىيەت ئالاقىسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە قويۇق پىكىر ئالماشتۇردى. ئۆزبېكىستان جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزبېكىستان-جۇڭگو دوستلۇق مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقىنىڭ تارىخىي يېڭى باسقۇچقا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ مىرزىيايېۋ بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاشتى

2022-يىلى 2-يانۋار، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيايېۋ بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.