ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ گىرېتسىيە زۇڭتۇڭىغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-01-02 15:13

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2021-يىلى 31-دېكابىر گىرېتسىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى پاپۇلىياسنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن گىرېتسىيە زۇڭتۇڭى ساكېللاروپولۇغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللاپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2021-يىلى 31-دېكابىر گىرېتسىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى پاپۇلىياسنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن گىرېتسىيە زۇڭتۇڭى ساكېللاروپولۇغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللاپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پاپۇلىياس ئەپەندى گىرېتسىيەنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىيونى ۋە رەھبىرى، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى ئىدى. ئۇ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو بىلەن گىرېتسىيەنىڭ دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، بېيجىڭنىڭ 2008-يىللىق يازلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋە 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشىنى قەتئىي قوللاپ، جۇڭگو بىلەن گىرېتسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان. مەن جۇڭگو-گىرېتسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ساكېللاروپولۇ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有