ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

"ئىزدىنىش" ژۇرنىلىدا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئېلان قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-01-02 15:13

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 2022-يىلى 1-يانۋار نەشردىن چىققان بۇ يىللىق 1-سانىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان «تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىپ، باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى» دېگەن مۇھىم سۆزى ئېلان قىلىندى.

سۆزدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەمىزنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغان پەيتتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىر قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئېچىشنى قارار قىلىپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلىدى، بۇ-قالتىس ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ تارىخىي قانۇنىيەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا ماھىر يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىقىنى گەۋدىلەندۈردى، پارتىيەمىزنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان ئىشەنچىسى، مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ «قارارى» پارتىيە چىقارغان ئالدىنقى ئىككى تارىخىي قارارغا ئوخشاش، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىدىيە، ئىرادە، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىپ، باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا زور ھەم چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

سۆزدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ھالدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەشنىڭ زور ئەھمىيىتى، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى ئەسلىي مەقسەت،  بۇرچ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەندىكى تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلىرى، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەر، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشنىڭ مۇھىم تەلىپىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك.

سۆزدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، غايە-ئېتىقاددا ئاڭلىق چىڭ تۇرۇش كېرەك. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ «قارارى»دا، پارتىيەمىزنىڭ يۈكسەك تارىخىي ئىشەنچىسى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، پارتىيە ئىچى-سىرتى، دۆلەت ئىچى-سىرتىغا 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ سەگەكلىكى ۋە پىشىپ يېتىلگەنلىكى نامايان قىلىندى. تارىخ شۇنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كومپارتىيەسى بولمىغان بولسا، يېڭى جۇڭگو بولمىغان بولاتتى، جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى بولمىغان بولاتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بولمىغان بولاتتى. تارىخ ۋە خەلق جۇڭگو كومپارتىيەسىنى تاللىدى، جۇڭگو كومپارتىيەسىمۇ تارىخ ۋە خەلقنىڭ تاللىشىنى يەردە قويمىدى. جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تارىخىي ئىشەنچىسى ھەم كۈرەش مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە بولغان ئىشەنچ ھەم كۈرەش روھىغا بولغان ئىشەنچ.

سۆزدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاش كېرەك. تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكى-پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك، ھەر قانداق ۋاقىت، ھەر قانداق ئەھۋالدا بىپەرۋالىق قىلىشقا، تەۋرىنىشكە بولمايدۇ. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ «قارارى»دا، پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى، يەنى پۈتۈن پارتىيەدىن قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا توغرىلىنىپ، پارتىيە بايرىقى ئاستىدا «بىر پارچە قاتتىق پولات»تەك ئۇيۇشۇپ، قەدەمنى بىردەك ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلەش تەلەپ قىلىندى. پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى ساقلاش-پۈتۈن پارتىيەدىن جەزمەن پارتىيەگە سادىق بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

سۆزدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇلۇغ كۈرەش ئىرادىسى ۋە ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيەمىز كۈرەشكە تايىنىپ تارىخنى ياراتتى، تېخىمۇ مۇھىمى كۈرەشكە تايىنىپ كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. بىز دۇچ كەلگەن تۈرلۈك كۈرەشلەر قىسقا مۇددەتلىك ئەمەس، بەلكى ئۇزاق مۇددەتلىك بولۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا ھەمراھ بولىدۇ. بىز يېڭى، ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ تارىخىي ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، كۈرەش روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، كۈرەش يۆنىلىشى، كۈرەشنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەپ، كۈرەش ئىرادىمىزنى چىڭىتىپ، كۈرەش قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، كۈرەش ماھارىتىمىزنى كۈچەيتىپ، زور خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، زور خەۋپ-خەتەرلەرنى توسۇپ، زور توسالغۇلارنى يېڭىپ، زور زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق جاپا-مۇشەققەت ۋە خەۋپ-خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

سۆزدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئۆزى ئۈستىدىن ئىنقىلاب قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سۈپىتى، تۈسى، ماھىيىتىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەمىزنىڭ تارىخى شۇنچە ئۇزۇن، كۆلىمى شۇنچە چوڭ، ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقىنىغا شۇنچە ئۇزۇن بولدى، قالايمىقانچىلىقنى تۈزەش، گۈللىنىش ۋە خارابلىشىشنىڭ تارىخىي دەۋرىيلىكىدىن قانداق قىلىپ ھالقىپ چىققان؟ يولداش ماۋ زېدۇڭ يەنئەندىكى گەمىدە «خەلق ھۆكۈمەتنى نازارەت قىلغاندىلا، ئاندىن ھۆكۈمەت بوشىشىپ قالمايدۇ» دېگەن بىرىنچى جاۋابنى بەرگەن. 100 يىللىق كۈرەش، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى يېڭى ئەمەلىيەت ئارقىلىق، پارتىيەمىز يەنە ئىككىنچى جاۋابنى بەردى، ئۇ بولسىمۇ ئۆزى ئۈستىدىن ئىنقىلاب قىلىش. پارتىيەمىزنىڭ ھېچقانداق ئالاھىدە مەنپەئەتى يوق، بۇ-پارتىيەمىزنىڭ ئۆزى ئۈستىدىن ئىنقىلاب قىلىشقا جۈرئەت قىلىشتىكى جاسارەت مەنبەسى ۋە شىجائەت ئاساسى. پارتىيەنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغان پەيتتە، بىز خاتىرجەم شارائىتتىمۇ خەۋپ-خەتەرنى ئويلاپ، 100 يىللىق چوڭ پارتىيەمىزنىڭ ھالسىزلىنىپ قېلىش، كېسەل چىرمىۋېلىشىدىن ھەر ۋاقىت ھوشيار بولۇشىمىز لازىم. ئۆزى ئۈستىدىن ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلاب ئارقىلىق ئۆزى ئۈستىدىن ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە باشتىن-ئاخىر كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

"ئىزدىنىش" ژۇرنىلىدا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئېلان قىلىندى

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 2022-يىلى 1-يانۋار نەشردىن چىققان بۇ يىللىق 1-سانىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان «تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىپ، باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى» دېگەن مۇھىم سۆزى ئېلان قىلىندى.