ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ پولشا زۇڭتۇڭى دۇداغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-01-12 11:02

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 10-كۈنى پولشا زۇڭتۇڭى دۇداغا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھال سوراپ تېلېگرامما يوللىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىزنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقىڭىزدىن خەۋەر تاپتىم، سىزدىن ھال سورايمەن، سالامەتلىكىڭىزنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى ھەمدە پولشا خەلقىنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلىشىنى تىلەيمەن. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغاندىن بۇيان، جۇڭگو ـ پولشا ئىككى دۆلەت ئۆزئارا قوللاپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇردى. مەن جۇڭگو-پولشا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو-پولشا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى بالداققا كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有