ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو بىلەن تېلېفونلاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-01-12 17:18

 

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-يانۋار ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇلتۇردىن بۇيان، جۇڭگو-ھىندونېزىيە مۇناسىۋىتى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغان ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە يەنىلا مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى. ئىككى دۆلەت يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆزلىشىش ھەمكارلىق مېخانىزمىنى باشلىدى، سىياسىي، ئىقتىساد، ئادىمىيەت، دېڭىز ئۈستى قاتارلىق تۆت جەھەتتە ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلدى. جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر، دۆلەت ئۈچۈن تەرەققىياتنى كۆزلەش، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش يولىدا، جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ نىيەت، مەقسىتى بىر. ئەسىر ئۆزگىرىشچان ۋەزىيىتى ۋە يۈز يىللىق يۇقۇم ئالدىدا، ئىككى تەرەپ تىرىشىپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشى كېرەك. بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ھەر بىر كونكرېت ئىشنى ياخشى قىلىش.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، سەھىيە-ساغلاملىق ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىنى يارىتىشى كېرەك. جۇڭگو ھىندونېزىيە بىلەن ۋاكسىنا پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى ھەمكارلىقى ۋە دورا تەتقىقاتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ھىندونېزىيەنىڭ رايون ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئاساسىدا يەر شارى ئاممىۋى سەھىيەسىنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت سەھىيە-ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق ئۈلگىسىنى تىكلىشى كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنى جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشى، ھىندونېزىيەنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات يىرىك پىلانى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يۇقۇمدىن كېيىنكى ھەمكارلىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، جاكارتا-باندۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنى يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇپ، «رايون ئۇنىۋېرسال ئىقتىساد كارىدورى»، «ئىككى دۆلەت قوش باغچا رايونى» قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلەرنى ياخشى يولغا قويۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە، تۆۋەن كاربون، رەقەملىك ئىقتىساد، دېڭىز ھەمكارلىقى قاتارلىق يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. ھىندونېزىيەنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، جۇڭگو-ھىندونېزىيە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پايدىلىق ئىش بولسىلا، جۇڭگو ئاكتىپ قاتنىشىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن قىلىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ھىندونېزىيەنىڭ رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردىكى رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ھىندونېزىيە بىلەن بۇلتۇر جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى سۆزلىشىش مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش باشلىقلار يىغىنىدىكى ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە بۇ يىل ئايرىم -ئايرىم كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ رەئىس دۆلىتى ۋە 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ رەئىس دۆلىتى بولدى. جۇڭگو ھىندونېزىيە بىلەن بىرلىكتە ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يەر شارى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

جوكو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بۇلتۇر ھىندونېزىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىككى تەرەپلىك سودا سېلىنمىسى تېز ئاشتى، سەھىيە داۋالاش ھەمكارلىقى بولۇپمۇ ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش ۋە دورا تەتقىق قىلىپ ياساش ھەمكارلىقىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، ھىندونېزىيەنىڭ %80 ۋاكسىنىسى جۇڭگودىن كەلدى. جاكارتا-باندۇڭ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، بۇ تۆمۈر يولنىڭ ئۆز قەرەلىدە پۈتۈپ قاتناش باشلىنىشىدىن ئۈمىد بار. ھىندونېزىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋىتى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئاساس قىلىدۇ. ھىندونېزىيە جۇڭگو بىلەن ئىقتىساد-سودا، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، «رايون ئۇنىۋېرسال ئىقتىساد كارىدورى» ۋە «ئىككى دۆلەت قوش باغچە رايونى»نى ياخشى قۇرۇشنى خالايدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ھىندونېزىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ، يۇقىرى تېخنىكا، يېشىل كەسىپلەر قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ. ھىندونېزىيە 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ بۇ يىللىق رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگو بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال رول ئوينىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو خەلقىنىڭ چاغىنىغا مۇبارەك بولسۇن! بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى تىلەيمەن!

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-يانۋار ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو بىلەن تېلېفونلاشتى