ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 3-تومىنىڭ بەش خىل ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى نۇسخىسى نەشردىن چىقتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-01-19 15:31

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» دېگەن كىتابنىڭ 3-تومىنىڭ موڭغۇلچە، زاڭزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، چاۋشيەنچە بەش خىل ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى نۇسخىسى يېقىندا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» دېگەن كىتابنىڭ 3-تومىنى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى (گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى) مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى، جۇڭگو چەت ئەل تىل-يېزىقى ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە تەھرىرلىگەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى دوكلاتلىرى، سۆزلىرى، سۆھبەتلىرى، نۇتقىلىرى، تەستىقلىرى، يوليورۇقلىرى، تەبرىك خەتلىرىدىن 92 پارچىسى، يەنە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇشۇ مەزگىلىدىكى 41 پارچە سۈرىتى كىرگۈزۈلگەن. كىتاب 19 مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇق ۋە دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشنى نەزەردە تۇتۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى  ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭىدىن زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى جانلىق خاتىرىلەنگەن، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى مەركەزلىك نامايان قىلىنغان، پارتىيەمىزنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشقان ئەقىل-پاراسىتى ۋە لايىھەسى تولۇق نامايان قىلىنغان بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن نوپۇزلۇق ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. 

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مىللىي رايونلاردىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قائىدىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىش، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق مېڭىسىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى ۋە مىللەتلەر نەشرىياتىنى، دۆلەت ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكىنى تەشكىللەپ، «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 3-تومىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى نۇسخىسىنى تەرجىمە-نەشر قىلىش خىزمىتىنى تاماملىدى.

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 3-تومىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى نۇسخىسىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى مىللىي رايونلاردىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، سىستېمىلىق، توغرا ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، كىتابنىڭ مول مەزمۇنىنى چۈشىنىشىگە، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، «تۆت ئاڭ»نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىشقا پايدىلىق. 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 3-تومىنىڭ بەش خىل ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى نۇسخىسى نەشردىن چىقتى

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» دېگەن كىتابنىڭ 3-تومىنىڭ موڭغۇلچە، زاڭزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، چاۋشيەنچە بەش خىل ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى نۇسخىسى يېقىندا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.