ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ ئىسرائىلىيەزۇڭتۇڭى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-01-25 17:01

 

24-يانۋار، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئىسرائىلىيە زۇڭتۇڭى خېرزوگ بىلەن ئۆز ئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

24-يانۋار، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئىسرائىلىيە زۇڭتۇڭى خېرزوگ بىلەن ئۆز ئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئىسرائىلىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت تېز راۋاجلاندى. 2017-يىلى ئىككى دۆلەت ئىجادىي ئومۇميۈزلۈك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بۇيان، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقى مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى. مەن جۇڭگو-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ خېرزوگ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، سىياسىيدىكى ئۆز ئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو-ئىسرائىلىيە ئىجادىي ئومۇميۈزلۈك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

خېرزوگ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىسى كۈنسېرى قويۇقلاشتى، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت سىجىل چوڭقۇرلاشتى. ئىككى تەرەپ ئىقتىساد، يېزا ئىگىلىكى، سەھىيە، ساياھەت ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە نەپ يەتكۈزدى. مەن جۇڭگو-ئىسرائىلىيە ئىجادىي ئومۇميۈزلۈك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، جۇڭگو-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى بېننېت بىلەن ئۆز ئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاشتى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئىسرائىلىيە مول ئۈنۈملۈك ئىجادىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. جۇڭگو ئىسرائىلىيە بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش روھىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىيدىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

بېننېت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىككى دۆلەت ئىجادىي ئومۇميۈزلۈك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان بەش يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندى. مەن كەلگۈسىدە جۇڭگو-ئىسرائىلىيە ھەمكارلىقىنىڭ داۋاملىق چوڭقۇرلىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ ئىسرائىلىيەزۇڭتۇڭى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاشتى

24-يانۋار، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئىسرائىلىيە زۇڭتۇڭى خېرزوگ بىلەن ئۆز ئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلىدى