ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-22 10:28

 جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 21-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى/جۇڭگو بوشلۇق ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش يەر شارى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بوشلۇق ئۈستىدە ئىزدىنىش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، «چاڭئې»نىڭ ئاينى چارلىشى، «تيەنۋېن»نىڭ مارسنى چارلىشى، «شىخې»نىڭ قۇياشنى چارلىشى، بوشلۇق پونكىتىنىڭ ئالەمنى چارلىشى- ئىنسانلارنىڭ ئالەمگە بولغان تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئورتاق بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقاردى. بوشلۇق ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ چېكى يوق. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئالەمنىڭ سىرى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، تاشقى بوشلۇقتىن تىنچ پايدىلىنىپ، ئالەم قاتنىشى تېخنىكىسىنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى/جۇڭگو بوشلۇق ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش يەر شارى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى شۇ كۈنى خەينەن ئۆلكىسىنىڭ خەيكو شەھىرىدە ئېچىلدى، «بوشلۇق ئۈستىدە ئىزدىنىش يېڭىچە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش» باش تېما قىلىندى، دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى، خەينەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ب د ت تاشقى ئالەم بوشلۇقى ئىشلىرى ئىشخانىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەد





中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 21-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى/جۇڭگو بوشلۇق ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش يەر شارى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى