ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ ئەنياڭدىكى ئوت ئاپىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-23 18:28

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

شى جىنپىڭ خېنەن ئۆلكىسى ئەنياڭ شەھىرىدىكى كەيشىندا سودا چەكلىك شىركىتىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى ۋەقەسى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش، مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئېغىر ۋە پەۋقۇلئاددە زور ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇشنى تەلەپ قىلدى

11-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 16لەرە خېنەن ئۆلكىسى ئەنياڭ شەھىرى كەيشىندا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ زاۋۇت بىناسىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى. ھازىرغىچە ۋەقەدە 38 ئادەم قازا قىلدى، ئىككى ئادەم يارىلاندى.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ دەرھال مۇنداق مۇھىم يوليورۇق بەردى: خېنەن قاتارلىق جايلاردا ئارقا-ئارقىدىن ئوت ئاپىتى قاتارلىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇ ئىنتايىن چوڭقۇر ساۋاق بولدى. يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ، ئائىلە تەۋەلىرىگە تەسەللى بېرىش، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ، مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. يىل ئاخىرى يېقىنلاشقاندا، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىككە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاش ۋەزىپىسى بىر قەدەر ئېغىر، جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر ۋە يوشۇرۇن خەۋپلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ۋە توسۇپ، ئېغىر ۋە پەۋقۇلئاددە زور ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى توسۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار خىزمەت گۇرۇپپىسىنى خېنەنگە قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتتى، خېنەن ئۆلكىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلىشقا قوماندانلىق قىلدى. ھازىر نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش ۋە ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر جىددىي، تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە.

تەرجىمان: ئىمىنجان





中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ ئەنياڭدىكى ئوت ئاپىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

11-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 16لەرە خېنەن ئۆلكىسى ئەنياڭ شەھىرى كەيشىندا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ زاۋۇت بىناسىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى. ھازىرغىچە ۋەقەدە 38 ئادەم قازا قىلدى، ئىككى ئادەم يارىلاندى.