ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ قىسىمدىكىلەرگە چاغانلىق بەخت تىلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-21 09:47

شى جىنپىڭ چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا قىسىملارنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقى خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بارلىق كوماندىر-جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، ئارمىيەنىڭ مۈلكىي خادىملىرى، خەلق ئەسكەرلىرى زاپاس خادىملىرىغا چاغانلىق بەخت تىلىدى

چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭ «1-ئاۋغۇست» بىناسىدا قىسىمنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقى خىزمىتىنى ۋىدېيولۇق تەكشۈرۈپ، ئالاقىدار قىسىملاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بارلىق كوماندىر-جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، ئارمىيەنىڭ مۈلكىي خادىملىرى، خەلق ئەسكەرلىرى زاپاس خادىملىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا چاغانلىق بەخت تىلىدى.

شى جىنپىڭ چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقى خىزمىتىنى قانداق تۇتقانلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ چېگرا، دېڭىز، ھاۋا مۇداپىئەسى ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇرۇش تەييارلىقى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئالاقىدار قىسىملار بىلەن ئايرىم-ئايرىم ۋىدېيولۇق سۆزلەشتى. شىنجاڭ ھەربىي رايونى قونجىراپ چېگرا مۇداپىئە ليەنى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش قاراۋۇلخانىسى ۋەتەننىڭ غەربىي دەرۋازىسىنى قوغدىماقتا، شى جىنپىڭ ليەندۈينىڭ چېگرا چارلاش، باشقۇرۇش، كونترول قىلىش ئەھۋالىنى سوراپ، ئۇلارنى دۆلەت چېگراسىنى قوغداشتىكى پېشقەدەم تىپلار دەپ تەرىپلىدى، كۆپچىلىكنى غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى. دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 173-ئەترىتى ئۇرۇش تەييارلىقى چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتاتتى، شى جىنپىڭ ئەترەتنىڭ جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەييارلىق ئەھۋالىنى سورىدى، ئۇلارغا دېڭىزدا چاغاننى كۈرەشچان ئۆتكۈزۈپ، ۋەتەننىڭ دېڭىز چېگراسىنى ياخشى قوغداشنى تاپىلىدى. ھاۋا ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە قىسمى مەلۇم لۈسىنىڭ نۆۋەتچى شۆبە ئەترىتى ئۇرۇش نۆۋەتچىلىكى قىلىۋاتاتتى، شى جىنپىڭ شۆبە ئەترەتنىڭ كۈندىلىك ھاۋا مۇداپىئە ئۇرۇش تەييارلىقى خىزمەت ئەھۋالىنى سورىدى، ئۇلاردىن دائىم تەييار ھالەتتە تۇرۇشنى، چاغان مەزگىلىدە ھوشيارلىقنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ھاۋا مۇداپىئە خەۋپسىزلىكىنى ياخشى قوغداشنى تەلەپ قىلدى. قوراللىق ساقچى قىسىم ئوۋ بۈركۈتى زەربىدارلار ئەترىتى دۆلەت دەرىجىلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى مۇھىم قىسىم بولۇپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر مەشىق مەيدانىدا مەشىق قىلىۋاتاتتى، شى جىنپىڭ قىسىمنىڭ ئالاھىدە ئۇرۇش ماھارىتى مەشىق ئەھۋالىنى سورىدى، كۆپچىلىككە قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ماھارەتنى جاپالىق مەشىق قىلىپ، سادىق قوغدىغۇچىلاردىن بولۇشنى تاپىلىدى.

شى جىنپىڭ ئالاقىدار قىسىملار بىلەن ۋىدېيولۇق تېلېفونلاشقاندىن كېيىن، قىسىمنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقى خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چاغان كېلەي دەپ قالدى، پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملار ئۇرۇش تەييارلىقى نۆۋەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداپ، ئۈستىگە ئېلىش ئېھتىمالى بولغان خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئورۇنداپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ چاغاننى خۇشال-خورام، ئىناق، بىخەتەر ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر تۇتاش پىلانلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ چاغان مەزگىلىدىكى تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

جاڭ يوۋشيا، خې ۋېيدۇڭ، لى شاڭفۇ، ليۇ جېنلى، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ قىسىمدىكىلەرگە چاغانلىق بەخت تىلىدى

شى جىنپىڭ چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا قىسىملارنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقى خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بارلىق كوماندىر-جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، ئارمىيەنىڭ مۈلكىي خادىملىرى، خەلق ئەسكەرلىرى زاپاس خادىملىرىغا چاغانلىق بەخت تىلىدى