ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ بۇيرۇق ئىمزالىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-31 10:20

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇيرۇق ئىمزالاپ، «ھەربىي ئوردېن بەلگىسىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلدى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇيرۇق ئىمزالاپ، «ھەربىي ئوردېن بەلگىسىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلدى، بۇ بەلگىلىمە 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى.

«بەلگىلىمە»-ئارمىيەمىزنىڭ ھەربىي ئوردېن بەلگىسىنى باشقۇرۇش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق قېلىپلاشتۇرۇلغان تۇنجى مۇھىم نىزام ھۆججىتى بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەربىي ئىشلار سىياسەت-تۈزۈم ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئۇرۇش تەييارلىقى، ئۇرۇش قىلىش ئاساسىي كەسپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئارمىيەدىكى تۆھپە ياراتقان، شەرەپ قازانغانلارنى تەقدىرلەش تۈزۈمى سىستېمىسىغا سىڭدۈرۈپ، تارىخقا ۋارىسلىق قىلىش بىلەن تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، خاسلىقنى ساقلاش بىلەن قوبۇل قىلىش، ئۆرنەك ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەزمۇنى مول، ئالاھىدىلىكى روشەن، يۆنىلىشى ئېنىق، تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان ھەربىيلەرنىڭ تۆھپىسى، شان-شەرىپىنى تەقدىرلەشنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىپ، ھەربىي ئىشلار كەسىپنىڭ جەلپكارلىقى ۋە ھەربىيلەرنىڭ بۇرچ تۇيغۇسى، شان-شەرەپ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شان-شەرەپنى قەدىرلەيدىغان، قەھرىمانلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئاۋانگارتلاردىن بولۇشقا تىرىشىدىغان ياخشى ۋەزىيەت يارىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ بۇيرۇق ئىمزالىدى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇيرۇق ئىمزالاپ، «ھەربىي ئوردېن بەلگىسىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلدى، بۇ بەلگىلىمە 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى.